<<  سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 3.لىكسىيە | باش بەت | سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم بەختىم  >>
  • ئەقلىيە سۆزلەر - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]

    2009-02-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34594093.html

    تۆۋەندىكىسى خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ قويغان دانالار ھېكمەتلىرى ئىچىدىن تاللاپ ئېلىپ تورداشلار ئۈچۈن ئورتاقلىشىشىقا يوللانغىنى:


    تۇرمۇش خۇددى ئەينەككە ئوخشايدۇ ، سەن ئۇنىڭغا قاراپ يىغلىساڭ ، ئۇمۇ ساڭا يىغلايدۇ ،سەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلسەڭ ، ئۇمۇ ساڭا قاراپ كۈلىدۇ .
    - دالىي . كارنىگ (ئامېرىكا)

    دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ نەرسە دېڭىز، دېڭىزدىنمۇ كەڭ نەرسە ئاسمان ، ئاسماندىنمۇ كەڭ نەرسە ئادەمنىڭ قەلبى .
    - يۈگو (فېرانسىيە)

    مەيۈسلىنىش ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ ،
    ئۈمىدسىزلىك ئىشەنچسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ ،
    ئىشەنچىسىزلىك ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    قانائەتلىنىش ،ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ۋە ئالدىراپ ئىشىنىش ، ھاياتلىقنىڭ ئۈچ چوڭ دۈشمىنى .
    - بالزاك (فېرانسىيە )

    كەيپىياتتىكى بارلىق كېسەللىكلەر سىزنىڭ ئەسلىدىكى چىراي- تۇرقىڭىزغا ئانچە كۆپ تەسىر ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن ، لېكىن سىزنىڭ بىر پۈتۈن سۈپىتىڭىزگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . قەلىبتىكى ھەرقانداق بىر كېسەللىك ئالامىتى ، سىزنىڭ ئەقلىڭىزنى خورىتىدۇ ، خىزمەت ئۈنىمىڭىزنى كېمەيتىۋىتىدۇ ، تەن - سالامەتلىكىڭىزنى زىيانغا ئۇچرىتالايدۇ . ئەلۋەتتە ،بۇ كېسەللەر ناھايىتى تېزلا سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ۋە تېنىچلىقىڭىزنى يۈتىۋېتەلەيدۇ .
    - پېئىر (ئامېرىكا)

     كۆپ ھاللاردا مۇھەببەتلىك ئادەملەر مۇھەببەتلىك زېمىندا يۈرەك يىغىسى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. مېنىڭچە بۇ قانۇنىيەت ئەمەس، زېمىن سۈيىگە قېنىپ ياشىغان ئەزىمەتلەر بەخىتلىك بولۇپ ياشاشقا ھوقۇقلۇق.
    - مۇھەممەتئېىلى ھېلىم (جوڭگو شىنجاڭ)


    收藏到:Del.icio.us





Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى