-
«ئىنگلىز تىلى » دىگەن ئاتالغۇ ھەققىدە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-02
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34525890.html
يېقىندىن بېرى «ئىنگلىز تىلى» دىگەن سۆز بىلەن بەك كۆپ ئۇچرىشىدىغان بولۇپ قالدىم. مەن ئىنگلىز تىلىنى ئىزچىل خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن ئۆگەنگەچكە ھەم ئۆزۈمنىڭ ئىملا قائىدىلىرى ھەققىدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمگە بەك ئىشىنىپ كەتكەچكە، ئەسلىدىكى «ئىنگلىز تىلى » دىگەن سۆزنى «ئېنگىلىزتىلى» دەپ قوللىنىۋېرىپتىمەن، ھەم ئېلان قىلغان ماقالىلىرىمدىمۇ بىردەك شۇنداق ئاپتىمەن. تۇيۇقسىز كاللامغا بۇ چەتئەل تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن يېزىلشى كېرەك ئىكەنلىكى كېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرسەم بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىشلىتىشىدە ئىككى چوڭ خاتالىقنى بايقىدىم.
بىرىنجى خاتالىق : ئىنگلىز دىگەن سۆز ئىككى بوغۇم، ئۇنى ئۈچ بوغۇم قىلىپ ئىنگىلىز ياكى ئېنگىلىز دەپ يېزىلسا خاتا بولىدىكەن.
ئىككىنجى خاتالىق: ئىنگلىز بىر سۆز، تىل يەنە بىر سۆز. بۇ ئىككىسىنى قوشۇپ ئىگلىزتىلى دەپ يېزىلسا خاتا بولىدىكەن.
بۇ ئاتالغۇنىڭ خاتا ئىشلىتىلىشىغا مىسال:
بۇ ئاتالغۇنىڭ توغرا يېزىلىشىغا دائىر پاكىتلار:
1.ئۇيغۇر ئېدىتتىن كۆرسىتىپ بەرگىنى
2.ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئىچىدىكى سەرخىللىرىنىڭ بىرى «بىلىك كۇلۇبى» بۇنداق ئىشلارغا ئالاھىيدە دىققەت قىلىدۇ، ئەلۋەتتە:
ھازىر توردىكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئىنگلىزچە ماتېرىياللار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇ ئاتالغۇنىڭ قېلىپلىشىشى ئىزدەش ماتورلىرىدىن بۇ ھەقتە ماتېرىيال ئىزدىگۈچىلەرگىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
دىمەك بۇ ئاتالغۇنىڭ توغرا دەپ قارىلىپ، ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىدىغىنى:
ئىنگلىز تىلى
ۋاقتىنچە ئىملا قائىدىسىگە يۈزدە يۈز ئەمەل قىلىپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن بىر، ئىككىدىن تۈزىتىپ ماڭساق، خاتالىق نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرسەك دىگەن ئۈمىدتىمەن، ئۆزئارا ئۆگېنىپ بىرلىكتە ئالغا باسايلى!
تۆۋەندىكىسى بىلىك كۇلۇبىدىكى shexsiyetchi نىڭ تېمىغا قارىتا تەمىنلىگەن ئۇچۇرى:
مېنىڭچىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مەن گوگىللاپ باقسام تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەر چىقتى.
63,600 ئىنگىلىز تىلى
379,000 ئىنگلىز تىلى
12,000 ئېنگلىز تىلى
299,000 ئېنگىلىز تىلى历史上的今天:
ياخشى تور بەتلەردىن بىللە پايدىلىنايلى! 2009-02-02«قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ» دىن 2009-02-02نېمە ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنىمىز؟ 2009-02-02چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى 2.دەرس 2009-02-02ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەققىدىكى خەۋەر 2009-02-02
收藏到:Del.icio.us

评论
بىر سۆزنى دېيىشنى تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىلى: ئېلانىمنى كۆرۈپ قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!