<<  چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى 2.دەرس | باش بەت | «ئىنگلىز تىلى » دىگەن ئاتالغۇ ھەققىدە  >>
  • نېمە ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنىمىز؟ - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]

    2009-02-02

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34525056.html

    ھازىرنۇرغۇن ياشلىرىمىز ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىدۇ ھەم ئۆگەنمەكچى، لىكىن نىمىشقا نۇرغۇن ياشىلىرىمىز ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن باشلايدۇ يۇ ئوتتۇرا يولدا تاشلاپ قۇيىدۇ؟ ئەگەر سىزنىڭ ھەقىقەتەن ئۆگىنىش مەقسىتىڭىز بولسا باشتا سىز نىمە ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىڭىز كېرەك. بەزى ياشلار قارغۇلارچىلا باشقىلار ئۆگىنىپتۇ، مەنمۇ ئۆگىنەي دەپلا ھىچبىر نىشانسىز ئۆگەنگەچكە يېرىم يولدا ئۈزۈپ قويىدۇ.
    مەن تۆۋەندە بىر قانچە ئىنگىلزتىلى ئۆگەنگۈچىلەر بىلىشكە تىگىشلىك مەسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى... 


    ئىنگلىز تىلى  قانداق تىل؟ ئۇ قايسى تىل ئائىلىسىدىكى قايسى تىل گۇرۇپپىسى، قايسى تىل تارمىقىغا كىرىدۇ؟ 
    جاۋاپ: ئىنگلىز تىلى - سۆزلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىش، ياسىلىش، قائىدە-قانۇنىيەتلىرى ئارقىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان سېنتىتىك تىل.
    ئىنگىلىزتىلى ھىندى -ياۋرۇپا تىللىرى سىېستىمىسى گىرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي جەنۇپ تىل تارمىقىغا كىرىدۇ.


    ئىنگلىز يېزىقى قانداق مەنبەلەردىن كەلگەن؟ ھازىرقى ئىنگلىز تىلى يېزىقى قانچە ھەرپتىن تەشكىل تاپقان؟ 
    جاۋاپ: ئىنگلىز تىلى  يېزىقىنىڭ مەنبەسى -لاتىن يېزىقى، لاتىن يېزىقىنىڭ مەنبەسى- گرىك يېزىقى، گرىك يېزىقىنىڭ مەنبەسى قەدىمكى فىنىك يېزىقى
    ھازىر ئىنگلىز تىلىدا 26 ھەرپ بار، بۇ 26 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن سۆزلەرنى ئىپادىلەيدىغان تاۋۇش 48.بۇنىڭ ئىچىدە 20سوزۇق تاۋۇش، 28ئۈزۈك تاۋۇش


    ئامېرىكا ئىنگلىز تىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئىنگلىز تىلى ئوتتۇرىسىدا قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟ 
    : شۇنى ئاۋۋال ئېنىق ئېيتىش كېرەككى ، تىگى بىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ئىنگلىز تىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئىنگلىز تىلى ئوتتۇرسىدا پەرق ئۇنچە زور ئەمەس.پەرق ئاساسلىقى بىر قىسىم سۆزلۈكلەرنىڭ ئىشلىتىىلىشىدە ۋە تەلەپپۇز جەھەتتىن ئازراق ئوخشىماسلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەنگىليە ئىنگلىز تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر ئامىرىكا ئىنگلىز تىلىدا باشقا سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.

    تەلەپپۇز جەھەتتىكى پەرق نۇقتىسسىدىن ئالغاندا، ئامېرىكا ئىنگلىز تىلىدا ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىدىكىگە قارىغاندا بەكرەك سوزۇپ، بولۇق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. سىيرىلاڭغۇ تاۋۇش «R» نىڭ تىترىشى ۋە شاۋقۇنى گەۋدىلىك بۇلىدۇ، ئەنگىلىيە تەلەپپۇزىدىن پەرقلىق ھالدا چۈشۈرۈپ قويۇلماي قويۇلماي ئىېيتىلىدۇ. لىكىن، ئامىرىكا ئىنگلىز تىلى ۋە ئەنگىليە ئىنگلىز تىلى ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىدىن ساقلىنىش كېرەك، مەسلەن: «مەن ئەنگىلىيە ئىنگلىز تىلى  ئۆگەنگەن، قانداق قىلىسام ئۇنى ئامېرىكا ئىنگلىز تىلىغا ئۆزگەرتەلەيمەن؟» دىگەندەك. يەنە بىر قىسىم ئۆگەنگۈچىلەر بولسا ھەقىقىي جانلىق ئامېرىكا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش پەللىسىدىن تۇلىمۇ يىراق تۇرۇپ،«پۇستانى ئامېرىكا تەلەپپۇزىدا سۆزلىيەلمەيدۇ، پالانچىنىڭ تەلەپپۇزى ناچار» دەپ باشقىلارنىڭ تەلەپپۇزىنى باھالايدۇ، بۇ خۇددى ئۆزى ئۆمىلەپ كېتىۋىتىپ «باشقىلارنى يۈگۈرەلمەيدۇ» دەپ زاڭلىق قىلغاندەكلا بىر ئىش، بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش كېرەك. 


    دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىدا قانداق ئىنگلىز تىلىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق ئىمتىھانلار بار؟ 
    جاۋاپ: 1. دۆلەتلىك6-، 4-دەرىجىلىك ئىنگىلىزچە ئىمتىھان. بۇ ئىمتىھان جۇڭگودىكى ئىنگلىز تىلى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ سەۋىيىسىنى سىناش ئۈچۈن ھەر يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى، ۋە يانۋارنىڭ بېشىدا ئېلىنىدۇ. «ئاڭلاش، ئۇقۇپ چۈشىنىش، سۆزلۈك ۋە قۇرۇلما،قىسقىچە جاۋاپ بېرىش، يېزىقچىلىق »شەكىللەردىن تەركىپ تاپقان. 

    TOEFLئىمتىھانىنى ئامېرىكا مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنگىلزتىلى ئانا تىلى بولمىغانلارنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسىنى سىناش ئۈچۈن يولغا قويغان.ھازىر ئامېرىكا ۋە كانادادا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردە 2000ئارتۇق ئۇنىۋېرىستېر ۋە ئىنىستىتوت بۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتراپ قىلىدۇ. بۇ ئىمتىھان« ئاڭلاپ چۈشىنىش، گرامماتىكا، ئوقۇپ چۈشىنىش ،ماقالە يېزىقچىلىقى» دىن تەركىپ تاپىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتى ئۈچ سائەت ئەتراپىدا. بۇ ئىمتىھان ھەر يىلى شىنجاڭدا ئىككى قىتىم، ئىچكىردە تۆت قىتىم ئېلىندۇ. ئون مىڭ ئەتراپىدىكى سۆزنى پىششىق بىلىش تەلەپ قىلىندۇ.

    雅思ئىمتىھانى . بۇ ئىمتىھاننى ئوكسىغورد ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان كومىتېتى، ئاۋسترالىيە ئالىي مەكتەپلەر مائارىپى خەلقئارا تەتقىقان مەھكىمىسى، ئەنگىليە مەدەنىيەت -مائارىپ كومتىېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن.ئەنگىليە مەدەنىيەت- مائارىپ كومىتىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىمتىھان ئېلىشقا مەسئول بۇلىدۇ. بۇ ئىمتىھاندا 9 نۇمۇرلۇق نەتىجە سىستىمىسى قوللىنىلىدۇ.ئوتتۇرىچە نومۇر ئاڭلاش، يېزىقچىلىق، ئوقوپ چۈشىنىش، ئېغىزتىلى قاتارلىق تۈرلەر ئومومىي نۇمۇرنى 4 كە بۆلۈشىدىن ھاسىل بۇلىدۇ. بۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئەنگلىيە ئىتتپاقىدىكى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلىدۇ. ھازىر ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئېتراپ قىلىدىغان بولدى. شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد شۆيۈەنىدە تىزىملىتىلىدۇ


    ئاخىرىدا بىرئىنگلىزچە تىكىستىنى دوستلارغا سۇنماقچىمەن:  
    ئۇيغۇر تىلى ماڭا تەڭداشسىزلىق بېغىشلايدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆز ئوي- پىكىرىمنى ۋە مۇھەببتىمنى ئىپادىلەيمەن... 
    Uyghur language makes me feel unique,I use it to express my thought and love...

    خەنزۇ تىلى ماڭا جدىدىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياشايمەن ۋە تىرىكچىلىك قىلىمەن... 
    Chinese language makes me feel urgent, I use it to make my living and survive...  

    ئەرەب تىلى ماڭا قەلبىمنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق روھىمنى پاكلايمەن...
    Arabic makes me to be touched deep in heart,I use it to clean my soul...

    ئىنگلىز تىلى مىنى ئۈمىدۋار قىلىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇش ۋە ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمەن 
    English makes me feel hope,I use it for better life and better opportunity

    ئانا تىلىمىزنىڭ قۇدرىتى ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنەيلى...

    «سەرخۇش ئىنگلىزتىلى» دىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • بۇ تېمىڭىز ئىنگىلىز تىلىنى قارغۇلارچة ئۆگىنىپ،تةمتىرةپ قېلىۋاتقانلارغا بىر يول كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. تىل ھةققىدىكى يازمىلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن.
    م.ئە.سەبۇرى回复لوپنۇرى说:
    كۆپ رەھمەت، ئاللا خالىسا بۇ ھەقتىكى تېمىلارنى ئۈزۈپ قويمايمەن. كۆپرەك يول كۆرسىتىپ تۇرغايسىز!
    2009-02-02 13:25:22