<<  ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەققىدىكى خەۋەر | باش بەت | نېمە ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنىمىز؟  >>
  • چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى 2.دەرس - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]

    2009-02-02

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34521267.html

     

    دەرسلىك مۇۋاپىق كېلىدىغان ئوبېكىتلار : ئېنگىلىزتىلىدا دەسلەپكى ئاساسقا ئېگە ، بىراق زامان ئۇقۇمىغا نىسبەتەن مۈجمەللىك ھېس قىلغان ياكى گىرامماتىكا ئۆگېنىش دېسىلا بېشى ئاغرىيدىغان ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىش سەۋىيسى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە بىر جايىدا توختاپ قالغان ئۆگەنگۈچىلەر ۋە زامان ئۇقۇمى ھەققىدە قايتا ماتېرىيال ئاقتۇرۇپ يۈرمەي بىر قېتىمدىلا پىششىق ئۆگېنىپ كېتىشنى ئىختىيار قىلغۇچىلار .

    ئىككىنجى دەرس

     ئۆتكەن زامان


    ئېنىقلىمىسى: ئۆتكەندە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە، ئىش– ھەرىكەت ياكى شەخىس ۋە نەرسىنىڭ خۇسۇسىيتى ۋە خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدىغان زامان .


    چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى2 — چىشى پېئىلنىڭ مارستىن ئايرىلىپ ۋېنىراغا كېلىشى  

     
    مارستا بىر مەزگىللىك تۇرۇشتىن زېرىكىش ھېس قىلغان be  بۇ جايدىن ئايرىلىپ ، بىر قەدەر كىچىك پىلانىت ۋېنىراغا كەپتۇ . ۋە بۇ يەردە ئىككى بالىلىق بوپتۇ . بالىلىرىنىڭ ئىسمى was ، ۋور ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى بالا ئاددىي ئۆتكەن زامان شەخىسلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشنى تەقسىملىشىپتۇ .نۆۋەت بىلەن was ئاۋۋال بىرىنجى شەخىسكە ، were ئىككىنجى شەخىسكە ئاندىن ، was يەنە ئۈچنىجى شەخىسكە ، ئاخىرىدا كۆپلۈك شەخىسلىرىگە were ئىگىدارچىلىق قىپتۇ .

     

      سەبورى ئېنگىلىزتىلى English grammar Uyghur


    يۇقىرىقىسى بايان شەكىلىدىكى جۈملە بولۇپ ، بولۇشىسىز شەكلىگە be پېىئىنىڭ ئالدىغا نات قوشۇلىدۇ . 

     

    سەبورى ئېنگىلىزتىلى English grammar Uyghur چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى

          
    سوئال شەكلىنى سوراش ئۈچۈن ، ئەسلىدىكى بايان جۈملە ئاساسىدا be پېئىللىرى جۈملىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ . جۈملە ئاخىرىدىكى چېكىت بەلگىسى سوئال بەلگىسىگە ئۆزگىرىدۇ .

    grammar English Uyghur سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى، چىشى پېئىلنىڭى ساياھىتى

    ئەمدى ئەركەك پئېىللارغا كەلسەك ، بۇ زاماندا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن زامان شەكلى بار ، كۆپ قىسىملىرى قائىدىلىك بولۇپ ed قوشۇمچىسى قوشۇلۇش ئارقىلىق ئۆتكەن زامان شەكىلگە ئايلىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئاز بىر قىسىملىرى قائىدىسىز بولسىمۇ لېكىن كۆپ قوللىنىدىغان بولغاچقا يادقا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.  


    جۈملىنىڭ بولۇشسىز ۋە سوراق شەكىللىرىگە ئۆزگىرىش شەكلى be پېئىلىنىڭ قائىدىسىگە ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ  . بۇنىڭدا بولۇشسىز شەكلى ئۈچۈن ئەركەك پېئىلنىڭ ئالدىغا did not قوشۇلىدۇ .

    grammar English Uyghur سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى، چىشى پېئىلنىڭى ساياھىتى
    سوئال شەكلى تۆۋەندىكىچە :

    grammar English Uyghur سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى، چىشى پېئىلنىڭى ساياھىتى
     شۇنى بايقايمىزكى ، بۇ زاماندا پېئىلنىڭ كېلىش شەكلىدە ئورتاقلىق مەۋجۈت بولۇپ ھەر قايسى شەخىسكە بېقىپ ئۆزگەرمەيدۇ ،بۇ ئەستە  ساقلىشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق .
    تاپشۇرۇق : 108 جۈملە تۈزۈش.
    تاپشۇرۇقنىڭ تەلىپى ئالدىنقى سائەتلىك دەرسىمىزنىڭكىگە ئوخشاش .


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ئەجەپ ياخشى چىقىپتۇ
    پىئىللار گىرامماتىكىسىنى پىئىلنىڭ پىلانىتلار ساياھتى شەكلىدە ئىپادىلەش ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتىما ؟
    م.ئە.سەبۇرى回复تورداش说:
    بۇنى ماڭا بىر يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە كۇرستا ئوقۇغان بىر ئىجدىھاتلىق كىشى ئۆگەتكەن، ئۇ ماڭا بۇنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر پروفىسسورى ئىجاد قىپتۇ، دىگەندەك قىلغان ئىدى، لېكىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق يازمىچە ماتېرىيالغا ئېرىشكىنىم يوق، شۇڭا ئۆزۈم قەلەمگە ئېلىپ چىقتىم. بلوگىمغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە رەھمەت، داۋاملىق كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
    2009-02-02 20:40:04