-
«قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ» دىن - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-02
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34529046.html
تۆۋەندىكىسى ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان «قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ» ناملىق ئەسەردىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ ئۈزۈندىلىرى:
«قىلىۋاتقان ھەركىتىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ‹خەلقىم ئۈچۈن› دەپ ئىزاھلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمايدىغانلار چىن مەنىسىدىن قەھرىمان ئەمەس. ھەقىقى قەھرىمان ئۆز ھەركىتىنىڭ ئۇلۇغۋار مەخسىتىنىڭ كىم ئۈچۈنلىكىنى ئىزاھلاپ يۈرمەيدۇ، ھەتتا ھالقىلىق مىنۇتلاردا ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلسا، بەزىدە كۆپ سانلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاز سانلىقنى قۇربانمۇ قىلىدۇ. بۇ ئۇلاردىكى ئەسلىدىكى ھېسسىي ئەقىلنىڭ كېيىنچە ئەقلىي يەكۈن دەرىجىسىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
«بىر ئادەمنىڭ شەخسى پەزىلىتىدىكى نۇقسانلارنى دېرىزە قىلىپ ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىگە نەزەر سېلىنغانلىقى سەۋەبلىك بۇنداق خۇيدىكى ئاۋام ئارىسىدا مەڭگۈ ئىتتىپاقلىق بولمايدۇ، ئۇلارئارىسىدىن،ئاسانلىقچە خەلق داھىيسى چىقمايدۇ، ‹ناماز بىلەن روزىدىن ئەۋزىلى-ئىتىپاقلىق› دەپ كۆرسەتكەن پەيغەمبىرىمىز ئىتىپاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى بولغان نۇقسان ئىزدەش، ئەيىپىنى سۆزلەشنى ‹ئۇنىڭ گۆشىنى يىيىش بىلەن باراۋەر› دەپ لەنەت ئوقۇيدۇ.ئاۋامنىڭ ئۆزدۇئالىرىدا توختىماي تىلەۋاتقان، كانىيىنىڭ بېرىچە توۋلايدىغان ئىتىپاقلىق ماھىيەتتە باشلىنىش ئەمەس بەلكى مەلۇم جەرياننىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېلىدىغان نەتىجە، ئىتىپاقلىق نۇرغۇن بەدەللەر ھېساۋىغا قولغا كېلىدۇ، ئەشۇ ئىتىپاقلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ مەنپەئەتدارلىرى ھەربىرى ئايرىم– ئايرىم بەدەل تۆلىشى كېرەك، بەزىدە ئاتا دۈشمىنىنىڭ قولىنى سىقىشقا، يەنە بەزىدە ئۆزى بىلەن پىكىر ئىختىلاپى، ياكى شەخسى زىدىيىتى بار ئادەم بىلەن ئورتاقلىشىشقا، قاچاندۇ بىر چاغلاردا ئۆزىگە ئەخلاقسىزلىق قىلغان ئادەم بىلەن چىرايلىق سالاملىشىشقا، بىر داستىخاندا مۇڭدىشىشقا مەجبۇر بولغاندىلا ۋە خالىغاندىلا ئاندىن ھېلىقى ھەممىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىتىپاقلىق ۋە بىرلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.»
«ئۇلۇغۋار غايە، ئازاپ بىلەن قوش-كېزەك بولىدۇ، بۇ ئازاپ ئۆزىنىڭ شېرىن تەمى، پەقەت ئۆز ساھىبىلا چۈشىنەلەيدىغان تاشلاپ كەتكۈسىز مېھرى بىلەن تارىختىن بۇيان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرگىلا نېسىپ بولىدۇ. بۇ ئازاپنى ھەممىلا ئادەم بىلىدۇ يۇ لېكىن ئۇنىڭ شەكلەن قىياپىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ۋە خاتىرجەم ياشاشنى ئىزدەيدۇ. پەقەت مۇشۇ ئازاپقا جۆرە بولۇش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ئەزىمەتلەرلا ئۇنىڭ ئاشىغى بولۇپ، ھاياتىنى ئۇنىڭغا بېغىشلايدۇ. بۇ شېرىن ئازاپنىڭ ساھىبى بولغان قەھرىمانلار ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تارىخى بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى يارىتىدۇ.»
تولۇق تېكىستىنى ئەسلى تېمىدىن ئوقۇڭ:
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid=31131
历史上的今天:
ياخشى تور بەتلەردىن بىللە پايدىلىنايلى! 2009-02-02«ئىنگلىز تىلى » دىگەن ئاتالغۇ ھەققىدە 2009-02-02نېمە ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنىمىز؟ 2009-02-02چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى 2.دەرس 2009-02-02ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەققىدىكى خەۋەر 2009-02-02
收藏到:Del.icio.us
