-
قاردىكى ئايرىلىش - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-12
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35092792.html
(ھېكايە)
زۇلقەر ھۈسەيىن شەرارى
تونۇش ئاياق ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى. قار ئاياق ئاستىدا ئېزىلگەندە چىقارغان غىچىلدىغان ئاۋاز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تونۇش بىلىنمەكتە ئىدى. ئاياغ ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ توختىدى. ئۇ بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ مۇز قاتقان دەرياغا قاراپ مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. قىزنىڭ ئارقا تەرەپتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى بىلدىيۇ، لېكىن ئارقىسىغا ئۆرۈلمىدى. قىز سۈكۈت ئىچىدە خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
_سەردار......
ئۇ بېشىنى ئاستا كۆتۈردى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىششىپ قىزارغان،ب ەلكىم ئۇيقۇسىزلىقتىن بولسا كېرەك، چىرايىدىن ھارغىنلىق، مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى. ئۇ نۇرسىز كۆزلىرىنى قىزغا تىكتى. قىزنىڭ ئاپئاق، ئوماق يۈزلىرى تاتارغان، ئىلگىرى ئويناقلاپ تۇرىدىغان قوي كۆزلىرى ئۇنىڭ تىكىلىشىگە بەرداشلىق بېرىپ ھېسسىياتسىز، ئىپادىسىز ھالدا قاراپ تۇراتتى. ئۇلار شۇ ھالەتتە خۇددى ناتونۇش ئادەملەردەك ياكى ئۈنسىز پىچىرلىشىۋاتقاندەك بىر- بىرىگە خېلى ئۇزاق قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى:
_قارارىڭىزنى ئۆزگەرتتىڭىزمۇ؟ _بۇ ئاۋاز خۇددى يەرنىڭ ئاسىدىن كېلىۋاتقاندەك بوش ۋە جانسىز ئاڭلىناتتى...
_سەردار، بۈگۈن مەن سىز بىلەن خوشلاشقىلى كەلدىم.
_سىز،......_ سەردارنىڭ بېشى يەنە چۈشۈپ كەتتى.
_شۇنداق، مەن......_دېدى قىز، _ سىز بىلەن خوشلاشقىلى كەلدىم. قارىماققا قىز بۇ سۆزنى قەتئىي نىيەتتە ئېيتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
_ئەجىبا سىز ھەممىدىن ۋاز كەچمەكچىمۇ؟ قىلىشقان ۋەدىلىرىمىز، پىلانلىرىمىز،شۇنچە كۆڭۈللۈك ئۆتكەن كۈنلىرىمىز، يەنە دوستلىرىمىزنىڭ بىزگە تىلىگەن تىلەكلىرى......سىز بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كەچمەكچىمۇ؟؟؟_ئۇ ۋارقىرىۋەتتى.
قىز ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورققاندەك دەرھال يانغا قارىۋالدىيۇ، يەنە تېزلا بايىقى ئەسلىگە كەلدى، بۇ قېتىم قىزنىڭ كۆزلىرىدىن بايىقىدىنمۇ بەكرەك قەتئىيلىك چاقناپ تۇراتتى.
_شۇنداق، مەن بايا سىزگە ھەممىنى دەپ بولدۇم، ئەمدى يەنە سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ئورنى يوق، مەن قايتاي،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!-قىز كەينىگە بۇرۇلۇپ بىر قەدەم مېڭىپ توختاپ بوينىدىكى شارپىنى يەشتىدە ئۇنىڭغا سۇندى:
_بۇ سىزدە قالسۇن، _قىزنىڭ شارپىنى سۇنغان قوللىرى بوشلۇقتا توختاپ قالدى. ئۇ كۆزلىرىنى دەرياغا تىككىنىچە مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. قىز شارپىنى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا قويۇپ ئارقىغا بۇرۇلغىنىچە كېتىپ قالدى.
_دىلنار......_ئۇ تۇيۇقسىز توۋلىۋەتتى.
قىزنىڭ پۇتلىرى خۇددى بىرسى تارتقاندەك توختاپ بىر دەقىقە تۇرۇپ قالدى. ئارقىدىن تېزلا مېڭىپ يولىغا راۋان بولدى. غىچىلدىغان ئاۋاز بارغانسىرى يىراقلاپ كەتتى.(ئاخىرى كېيىنكى ساندا)
سابىق «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىنىڭ ئىجادىيەت گۈلزارى سەھىپسىدىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us
