<<  بلوگنىڭ زىيارەت سانىنى ھەقسىز ئاشۇرىدىغان 77 دانە RSS مۇندەرىجىسى | باش بەت | قاردىكى ئايرىلىش  >>
  • بلوگدا پۇل تېپىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيتى - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]

    2009-02-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35078498.html

    1.بلوگدا پۇل تېپىش ئۇزاق مەزگىل تىرىشىپ داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان جەريان
    بلوگدا پۇل تېپىشنى كۆڭلىگە پۈككەن كۆپىنچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ «مەن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە مۇنچە دوللار پۇل تاپىمەن، ئەگەر يېتەرلىك تاپالمىسام بولدى قىلىمەن.» دىگەندەك ئويدا بولىۋاتقىنى ئېنىق. ئۇيغۇرلاردا بلوگچىلىق تېخى يېڭى ساھە، نۇرغۇن بلوگلار بولسا تېخى بىر يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇنداق پىلان تۈزۈش سىزچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟
    بلوگدا پۇل تېپىشتا ئەڭ ئاساسلىق ئامىل زىيارەت مىقدارى، زىيارەت مىقدارى بولمايدىكەن، ئېلان قويۇپ كىرىم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ داۋاملىق بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىڭىزنىڭ بار– يوقلۇقىمۇ قىيىن مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. مۇنەۋۋەر بلوگچىمىز جېك ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا جېك بلوگىنىڭ كۈندىلىك زىيارىتىنىڭ مۇقىم 100 ئادەم بولۇشىغا 8 ئاي ۋاقىت كەتكەنلىكىنى ئېيىتقان. ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە بۇ ھالەتكە يېتىشكە نەچچە ئايمۇ ۋاقىت كەتمەيدىغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن.   
    شۇڭا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ داڭلىق بلوگلارنىڭ قانچىلىك جەرياننى بېسىپ ئۆتۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئەڭ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى.

    2.بلوگدا پۇل تېپىشتا ئامەتكە تايانماي بولمايدۇ
    سىزنىڭ پۈتكۈل بلوگچىلىقنى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزىتىپ ئۆزىڭىزدە رىقابەت ئېڭى يېتىلدۈرىشىڭىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولسا كېرەك. نۆۋەتتە داڭلىق بولۇپ كەتكەن كۆپىنچە بلوگلار جاپالىق جەرياننى بېشىدىن كەچۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ «ئامىتى» كەلگەن، يەنى باشقا كىشىلەر بلوگ يازماستا ئۇلار بۇنى تونۇپ يېتىپ ئىش باشلىغان، ئېلان ئارقىلىق پۇل تېپىشىنىمۇ بلوگ يېزىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە تونۇپ يەتكەن. دىمەك بۇ ئامەت دەل باشقىلاردىن بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىشتۇر.

     3.بلوگدا پۇل تېپىش كۆپ خىزمەت تەلەپ قىلىدۇ
    داڭلىق بلوگ يازغان بىرسىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە ئالدىنقى يېرىم يىل ئىچىدە ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندا 35 سائەت ئەتراپىدا بلوگ يېزىشقا سەرپ قىلىنىغان، ھەتتا بەزىدە بۇنىڭدىن بىر ھەسسە ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلغان ۋاقىتمۇ بولغان. دىمەك بۇ بىر كۈندە ئاز دىگەندە 5 سائەت ۋاقىت بلوگ يېزىشقا كەتتى دىگەن گەپ.

    4.نۇرغۇن بلوگچىلار بلوگدىن كۆپ كىرىم قىلالمايدۇ
    بۇ بلوگلارنى ئارىلاپ مۇشۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنى كۆزىتىشتىن ئېرىشكەن خۇلاسە. نۇرغۇنلىغان بلوگچىلار بلوگدىن بەك كۆپ پۇل تېپىش ئويىدا بولۇپ، چوڭىنى قىلالماي ، كىچىكىنى ياراتماي يۈرۈپ ، نەزەرىيە جەھەتتىن  كۆپ پۇل تېپىشقا تېگىشلىك بلوگلار (زىيارەت سانى مۇقىم، ھەم يۇقىرى بلوگلار) ئەمەلىيەتتە شۇنىڭغا لايىقىدا كىرىم قىلالمايۋاتىدۇ.

    5.بلوگدا پۇل تېپىش ناھايىتى مۇشەققەتلىك
    گەرچە ئاز بولمىغان بلوگلار دەسلىپىدە تىجارەتنى ناھايىتى ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلار ساناقلىقلا. يېڭىچە كۆز قاراشلار كۆپەيگەنسىرى تورداشلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىغا جاۋاپ قايتۇرۇش شۇنچە قىيىن بولۇپلا قالماي، باشقا بلوگلارنىڭ ھەسەت قىلىش نەتىجىسىدە يۈز بېرىۋاتقان بەزى مەسىللەرنى ھەل قىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىللەر پۈتۈن قىزغىنلىقى بىلەن بلوگ يېزىش سېپىگە ئاتلانغان بلوگچى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ روھىي زەربە. بىراق، بلوگ يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇنداق ئىشلار تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ئۇششاق ئىش بولۇپ كېتىدۇ. ئەشۇ چاغدىكى ئەڭ قېيىن مەسىلە كۆپ مىقداردىكى مۇشتەرى بولغان ئوقۇرمەنلەرگە قانداق جاۋاپ قايتۇرۇش بولۇپ قالىدۇ. مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بلوگ بولسۇن يۇقىرىقىدەك مەسىللەر يۈز بەرگەندە بلوگچىلاردا ئاسانلا ۋاز كېچىش روھىي ھالىتى شەكىللىنىدۇ.

    خۇلاسە: ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم بلوگلارنىڭ بەلگىلىك مىقداردا ئېلان كىرىمى قىلغانلىقى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. مەسىلەن تەكلىماكان بلوگىنىڭ بىر يىل ئاۋۋالقى بلوگدا پۇل تېپىشنى تونۇشتۇرۇش دەرسلىكىدە، تەكلىماكان بلوگىغا  بىر كۈندە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 37 دوللار كىرىم بولغانلىقى قەيىت قىلىنغان. بىراق، پېقىرنىڭ كۆز قارىشىچە بولغاندا ، بلوگدا پۇل تېپىشنىڭ پاتىقىقىغا پېتىشتىن ئىلگىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىغان بەش تۈرلۈك مەسىلە ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش بىزنىڭ ئەگرى يولنى ئاز مېڭىشىمىزغا ياردىمى تېگىدۇ.  


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ئادرىس http://xaphat.blogbus.com
    م.ئە.سەبۇرى回复شەپقەت说:
    كۆپ رەھمەت، قېرىندىشىم، بلوگىڭىزنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم. بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى!
    2009-02-15 13:38:49
  • شەپقەت بىلوگى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىۋىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
    ئېلانلىرىڭىزنى بىرقۇر دەسسىۋەتتىم، بولسا بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ قويارسىز جۇما؟
    م.ئە.سەبۇرى回复شەپقەت بىلوگى说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ، قېرىندىشىم.
    بلوگ ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
    2009-02-14 21:27:31