<<  قاردىكى ئايرىلىش | باش بەت | ئۇيغۇرچە خەتلەر رەتلىك كۆرۈنسۇن!  >>
  • ئانا تىلىم! - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]

    2009-02-13

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35134486.html

     ئابدۇلخەمىد يۈسۈپ ھاجىم

    ئەي تىلىم --- ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،

    سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل --- بارچە تىللار سەرخىلى.

    سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھوزۇرۇم، تاتلىقىم،

    سەن ياۋاش تىل ھەم ئاسان تىل، سەندە نۇسرەت، شاتلىقىم.

     

    ئەۋۋەلى "ئىڭڭە"دە سىڭدىڭ جانغا، دىلنى لال قىلىپ،

    كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.

    سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،

    سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەۋزىدىن خۇشبۇي گۇلاب.

     

    سەندە ھازىرلاندى، "مىللەت" شەرتىنىڭ بىر ماددىسى،

    سەن بىلەن بىخ سۈردى "مىللەت" شاھلىرىنىڭ قالدىسى.

    مىللەت مەۋجۇت "ياران"، مىللىتىڭ يوق بولمىسا،

    نەدە ئۇ مىللىي شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ "توق" بولمىسا.

     

    تىل دېگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار --- رىشتە --- بىل،

    رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئېسىل ئۇز كەشتە، بىل.

    ئانا تىل --- مىللىي تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،

    ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.

     

    ئانا تىل --- تىل خەزىنىسىدە قىپتۇ باي بىلسەم مېنى،

    ئەرەب، پارس ھەم --- ئۆگەندىم --- ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.

    ئەي ياران! مەن "ھاجى" لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،

    ئانا تىل --- ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم.


     بۇ شېئىرنى شاھ ئۇيغۇر بلوگى ئىنكاس قالدۇرۇپ ئاناتىلىم بلوگىغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇنغان ئىكەن، ئەسلى مەنبەسى:

    http://shah.blogbus.com/logs/34497833.html


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ئىنكاسىمنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
    بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ رەڭدار بولىشىغا داۋاملىق تىلەكداشمىز
    م.ئە.سەبۇرى回复شاھ ئۇيغۇر بلوگى说:
    ئالىي تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ئاللاھ خالىسا دىگەنلىرىڭىز كەلسۇن!
    2009-02-13 17:45:05
  • ئانا تىلىمىزغا ئاتالغان يەنە بىر ئېسىل شېئىركەن.رەخمەت سىزگە دوستۇم.
    م.ئە.سەبۇرى回复لوپنۇرى说:
    كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن باشقا بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىدىكى ياخشى تېمىلارنى يۇقىرىقىدەك سوۋغا سۈپىتىدە سۇنىدىغان ۋە سىزگە ئوخشاش بېغىشلىما شەكلىدە تېما يوللايدىغان ھالەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن چەكسىز بەخىت ھېس قىلىۋاتىمەن.
    سىزنىڭمۇ يېقىندىن قوللاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ئۇستازىم. نادىر تېملىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!
    2009-02-13 11:27:07