• بلوگباس ۋە بلوگسپوت سۇپىلىرىدا ئۇيغۇرچە بلوگلار باش كۆتۈرگەندىن تارتىپلا ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ بلوگلارنى بىر يەرگە يىغىپ كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ھالدا ئىزدەپ تېپىۋىلىشى ئۈچۈن بلوگ ئۇلىنىش بلوگلىرىنى ئارقا– ئارقىدىن ياساپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىك تەرەپلىرى بار. بۇ ھەم بلوگلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئۇلىنىش تور بەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى تېخىمۇ كۆپ تور بەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تورداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تور بەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىينالمايلا بىلىۋېلىشىدا ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندەكلا ئىش. پېقىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىزچىل ھالدا قانداق قىلىپ بلوگباس سۇپىسىنىڭ چەكلىك ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قولايلىقراق بولغان بلوگ ئۇلىنىش بېتى ياساپ كۆرۈش ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلمەكتە.
     
    بلوگسپوت سۇپىسىدا ئۇلانمىلار ۋە بلوگلىرىمىز بلوگى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، ۋە پېقىر ئاناتىلىم بلوگى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ يۇقىرىقى ئىككى بلوگنى تاشلاپ قويۇپ يېڭىلىمىغىلى بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ  ئۇلارنىڭ زىيارەت مىقدارى يەنىلا بەلگىلىك ساننى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. كەڭ قوللىغۇچىلارغا ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىككى بلوگ ئۇلىنىش تور بېتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر بىر قۇر تەھلىل قىلىپ چىقىلغان:

  • [本日志已设置加密]