-
ئۇلانمىلار + بلوگلىرىمىز = ؟ - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-03-31
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37283185.html
بلوگباس ۋە بلوگسپوت سۇپىلىرىدا ئۇيغۇرچە بلوگلار باش كۆتۈرگەندىن تارتىپلا ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ بلوگلارنى بىر يەرگە يىغىپ كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ھالدا ئىزدەپ تېپىۋىلىشى ئۈچۈن بلوگ ئۇلىنىش بلوگلىرىنى ئارقا– ئارقىدىن ياساپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىك تەرەپلىرى بار. بۇ ھەم بلوگلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئۇلىنىش تور بەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى تېخىمۇ كۆپ تور بەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تورداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تور بەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىينالمايلا بىلىۋېلىشىدا ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندەكلا ئىش. پېقىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىزچىل ھالدا قانداق قىلىپ بلوگباس سۇپىسىنىڭ چەكلىك ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قولايلىقراق بولغان بلوگ ئۇلىنىش بېتى ياساپ كۆرۈش ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلمەكتە.
بلوگسپوت سۇپىسىدا ئۇلانمىلار ۋە بلوگلىرىمىز بلوگى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، ۋە پېقىر ئاناتىلىم بلوگى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ يۇقىرىقى ئىككى بلوگنى تاشلاپ قويۇپ يېڭىلىمىغىلى بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ زىيارەت مىقدارى يەنىلا بەلگىلىك ساننى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. كەڭ قوللىغۇچىلارغا ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىككى بلوگ ئۇلىنىش تور بېتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر بىر قۇر تەھلىل قىلىپ چىقىلغان:
1. ھەر ئىككىلىسى بلوگسپوت سۇپىسدا قۇرۇلغان بولۇپ، بلوگسپوت سۇپىسىنىڭ تۇراقسىزلىقى يۇقىرى. نورمال ئېچىلىدىغان ۋاقتىدىن ئېچىلمايدىغان ۋاقتى كۆپ. باش مۇلازىمىتىرى ئامېرىكىدا بولغاچقىمىكىن ھەتتا بەزى رايونلاردا، مائارىپ مەخسۇس تور بېكەتلىرىدە پەقەتلا زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ.
2. ئۇلانمىلار بلوگى يالغۇز ئۇلىنىش تور بېتىلا بولماستىن يەنە ئۈستىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ، شۇ سەۋەبتىن بلوگلارنىڭ تۈرلىرى يان بەتكە قويۇلغان. ھەربىر بلوگ تۈرلىرىدىكى بلوگلار بىر تېمىغا قويۇلغان، ئوخشىمىغان تۈردىكى بلوگلارنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر يېڭى تېمىنى ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ(ئەمەلىيەتتە ھەربىر تۈردىكى بلوگلارمۇ كۆپ ئەمەس). شۇڭا بارلىق تۈرلەر بىرلا بەتتە رەتلىك كۆرۈنىدىغان قولايلىق ھالدىكى ئۇلىنىش بېتى قىلىپ ياسىلىشقا موھتاج.
3. بلوگلىرىمىز بلوگىدا ئۇيغۇرچە بلوگلار ئىنگىلىزچە 26 ھەرپ تەرتىپى بويىچە تىزىپ چىقىلغان، بۇنىڭدا ئۇيغۇرچە ھەرپ تەرتىپى بويىچە تىزىش كېرەكمۇ– يوق؟ بلوگلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنىڭ ئۇچۇرىنىمۇ كۆرسىتىدىغان ، بلوگ تۇغلىرىنىمۇ كۆرسىتىدىغان قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولامدۇ– يوق؟ دىگەن مەسىللەر ئىزچىل ھەل قىلىنماي كەلگەن ئىدى.«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»دىگەن گەپ بار. يۇقىرىقى ئۈچ مەسلىنى ئورتاق نەزەرگە ئالغان ئاساستا ئۇلانمىلار بلوگى بىلەن بلوگلىرىمىز بلوگىنىڭ مەزمۇنلىرىنى قوشۇپ تۇرۇپ، بلوگباسنىڭ قانال ئىقتىدارىدىن پايدىلانغان ئاساستا ئاناتىلىم بلوگلار توپلىمى دەسلەپكى قەدەمدە تۈزۈپ چىقىلىپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىمۇ يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبئىي، كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلەرنى بېرىپ داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىشقا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ئاناتىلىم بلوگلار توپلىمىنىڭ ئادرىسى:
http://anatilim.u.blogbus.comتەشۋىقات رەسىمى:
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: ئۇلىنىش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان بلوگلار ئۇدۇللۇق ئۇلىنىشقا قوشۇلمايدۇ. بۇ ئۇلىنىش بېتى يۇمشاق دىتالدا تىزىش، تور بەتكە كۆچۈرۈپ تەھرىرلەش ئاخىرىدا بلوگ بېتىگە كۆچۈرۈش قاتارلىق جەريانلار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغاچقا مەزمۇننى يېڭىلاش بىر قەدەر قولايسىز، شۇڭا بلوگلار سىتاستىكىسى ھەر 10 يېڭى بلوگ بايقالغاندا بىر قېتىم نەشىر يېڭىلىنىپ قوشۇپ تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بلوگىڭىز ئۇيغۇرچە بلوگلار توپلىمىدىكى تۈرلەرگە ماس كەلسە(شۇ تۈرگە ماس مەزمۇنلار مول، خاسلىقى يۇقىرى بولسا) ئەھۋالغا قاراپ دەرھال تۈرلەر ئورنىغا قوشۇپ قويۇلىدۇ.ئەگەر قوشۇلمىسا بلوگىڭىزنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرغايسىز.بىز سىزنىڭ يېتەرسىزلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بەرگىنىمىزگە ئوخشاش، بىزگىمۇ باھالىنىشتىكى يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ھەمكارلاشقىنىڭىزلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
收藏到:Del.icio.us

评论
دوستانە ئەسكەرتىكىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
داۋاملىق قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
ئادرىس:
http://behlan.blogbus.com
ئادرىس:
http://behlan.blogbus.com
رەخمەت
ئادرىس:
http://behlan.blogbus.com
رەخمەت
ئادرىس:
http://behlan.blogbus.com
رەخمەت!
http://bagwan.blogbus.com/
كۆپ رەھمەت !
http://qutchur.blogbus.com
ئىسمى :قۇتچۇر بلوگى
قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت ..........ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن ~!
بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!
مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!
http://tanhaburkut.blogbus.com/
بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!
يەنە بىرسى <ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى> نى ئىستىقلال دەپ يېزىپ قويۇپسىىز. تۈزۈپ قويسىڭىز.
بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com/logs/38534790.html
مىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
مىنىڭ بلوگىممۇ بار "غەنى تورخاتىرىسى" دەپ ئات قويغانتىم[defFace:2]
بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىدىكى تېمىلارنىڭ كۆرۈنۈشى سەل رەتسىز، مەزمۇنلار بىر قەدەر چېچىلاڭغۇ ئىكەن. داۋاملىق تىرىشقايسىز. بلوگىڭىزنى بلوگباستىكى بلوگلار توپلىمىغا قوشۇپ قوياي. بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!
يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!
بلوگسپوتتىكى بلوگلارمۇ قوشۇلغاندا بىرىنجى بولۇپ سىزنى قوشىمەن، ئەلۋەتتە.
نامىم: شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
ئادىرىسى :http://shah.blogbus.com/
كۆپىنچە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا مەزمۇنلار بار. شۇڭلاشقا تارىخ بىلوگلىرىدا ئورۇن بېرەلەرسىزمۇ؟؟
بۇ ئۇسلۇب بلوگباسنىڭ قانال سەھىپسىدىكى ئۇسلۇبقا سادىق بولغان ئاساستا ئىشلەنگەچكە كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى. ئېيىتقانلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق، سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە تولۇقلاش ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىپ كۆرەي. كەم جايلىرىغا داۋاملىق قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭىزنى بەرگەيسىز.
سەمىمىي تەكلىپىڭىزگە ئاساسەن بلوگىڭىزنى تارىخ سەھىپە تۈرىگە قوشۇپ قوياي.
بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى، مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
http://arkhon.blogbus.com/files/12382953020.jpg
ئانا تىلىم بلوگلار توپلىمىنى قۇرغانلىقىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن!
بولسا رىشتە تور خاتىرىسىنىمۇ مۇۋاپىق سەھىپگە قۇشۇپ قۇيغان بولسىڭىز!
ئادىرىسى:s-rixta.blogbus.com
رىشتە خاتىرىسىنى ناھايىتى ياقتۇرىمەن. شۇڭا قايسى سەھىپىگە قوشۇش كېرەكلىكىدە سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن.
يەنە داۋاملىق قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
چەۋەندازلار بلوگى كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!
سىزگە بېرىدىغان كىچىككىنە تەكلىپ:
1.بلوگ بىلىملىرى سەھىپىسىدىكى پېقىرنىڭ بلوگ نامىنى "قارادۇنيا" دەپ ئېلىپ قويۇپسىز بۇنى ئەسلى نامى" دۇنياقارا" ياكى"dunyakara" دەپ تۈزۈتۈپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
2.سەھىپىلەر قاتارىدىن "ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش" دىگەن بىر سەھىپىنى قۇرۇپ قويىشىڭىزنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە پېقىرنىڭ بلوگىدىكى ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش سەھىپىسىنى ئۇلانما قىلىپ قويۇش تەكلىپىنى بەرمەكچى ئىدىم. چۈنكى پېقىر ياسىغان كۆزنەك بلوگلار ئۇلىنىشى بارلىق بلوگلارنى بۇنداق تەپسىلى تۈرلەرگە ئاجراتمىغان پەقەتلا تۈغلۇق ئۇلىنىش قىلىپ قويغان ئىدىم، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى سىزنىڭ تولۇقلاپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
خاتالاشقان جايلاردىن سىزدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن.
ئۇسلۇب چۈشۈرۈش سەھىپىسى قۇرۇلسا تۈرگە تەۋە بلوگلار ئاز بولۇشى مۇمكىن، چۈشۈرۈش مەخسۇس سەھىپىلىرى دەپلا ئېلىپ ئۇسلۇب، ئېلىكىتاب ۋە يۇمتال چۈشۈرۈش تۈرلىرىنى بىر يەرگە قويساق قانداق؟ شۇنداق قىلساقمۇ يەنە تۈرگە كىرەلەيدىغان بلوگ 10 غا بېرىشى ناتايىن.
ئۆزئارا ئۆگىنىپ بىرلىكتە ئالغا باسايلى!
دۇنياقارا بلوگى ۋە كۆزنەك بلوگلار ئۇلىنىشى كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!
مەنمۇ بىلىكتە چوڭ كۆلەمدە ئىلان بەرسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ،،،
{بلوگباس سۇپىسىدىكى ئۇيغۇرچە بلوگلار سىتاستىكىسى}
سىزنىڭ بلوگىڭىز بلوگباس سۇپىسىدىمۇ؟
سىزنىڭمۇ شۇ چوڭ تېمىنى كۆرمىگنىڭىزگە مەنمۇ ھەيران بولۇپ تۇرىۋاتىمەن.
يەنە ھەيرانلىقىڭىز بېسىقمىسا باشقا بلوگسپوت بلوگلىرى ئارىلىشىپ قالغان بولسا ئىنكاس قىلىپ قويسىڭىز بىر تەرەپ قىلىۋىتەي.
پېقىرمۇ بلوگ يېزىشنى بلوگسپوتتىن باشلىغان، ئۇنى تېخى ئايرىم تەرەققىي قىلدۇرىۋالىمىز. لېكىن ھازىر بلوگسپوتتىكى بلوگلار ساناقلىقلا، ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز!
ئىسمى:باشلىنىش بىلوگ
ئادرىسى:http://baxlinix.blogbus.com
ئەگەر كەمچىللىكى بار.قوشۇشقا ماس كەلمەيدۇ.دەپ
قارىسىڭىز چۈشەنچە بىرىپ قويارسىز.مەنمۇ چوقۇم خاسلىققا
ئىگە ياخشى بىلوگ قۇرۇش ئۈچۈن تىرشىۋاتىمەن ئۆز-ئارا
قوللىشايلى.
xiwirgan.blogbus.com