-
sebori.cn تور بېكىتى قۇرۇلدى - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-04-09
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37684597.html
تور بېكەتنىڭ كېلىپ چىقىشى:
ئېسىمنى بىلسەملا ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا ناھايىتى قىزىقىدىكەنمەن. باشلانغۇچتا تەبىئەت دەرسلىكىنى، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا فىزىكا دىگەن پەننى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم. ئاللاھ ئىگەم مۇرادىمنى ھاسىل قىلىپ 2004.يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئارزۇيۇمدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى كەسپىگە ئۆتۈپ كەتتىم.2007.يىلى 6.ئايدىن 2008.يىلى 10.ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە شىئەن ئېلىكتىرون پەن– تېخنىكا ئۇنۋىرسىتىتى تېخنىفىزىكا ئېنىستىتۇتنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابلىرى توكيولىنى ئېچىش تەجىرىبىخانىسىدا رەقەملىك ئېلىكتىرون تېخنىكىسى تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئاساس، تەقلىدىي ئېلىكتىرون تېخنىكىسى ۋە يەككە پىلاستىنكىلىق كومپىيۇتىر تېخنىكىسىنى قوشۇمچە قىلغان ھالدا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا باشچىلاپلا كىرىپ كەتتىم. بۇ جەرياندا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇچقۇن لوڭقىسى» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستىن سىرتقى ئىلىم–پەن مەھسۇلاتى ياساش قاتارلىق مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپلا قالماي يەنە «مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مېخانىكا لاھىيلەش مۇسابىقىسى» نىڭ شەنشى ئۆلكە مۇسابىقىسىگە مەكتىپىمىزدىن قاتناشقان 12 ۋەكىلنىڭ بىرى بولۇپ قاتنىشىش شەرىپىگە ۋە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان «دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەجىرىبە– تەتقىقات پىلانى» غا قاتنىشىپ غەلبىلىك ھالدا بىر تېمىنى تاماملاش جەريانىدا يۇقىرى پەن– تېخنىكىلىق ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار بىلەن ئۇچرىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.
ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن تارتىپلا ئىزچىل بىرەر تور بەت قۇرۇپ ئېلىكتىرون بىلىملىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى قېرىنداشلىرىمىزغا تەمىنلىسەم دىگەن ئارزۇدا ئىدىم، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىدە بولغىنىمدىن كېيىن بۇ ھەۋەس تېخىمۇ ئېشىپ باردى. ئەمدى ئاز– ئازدىن ماتېرىيال توپلاپ بۇ تور بېكەتنى قۇرۇشقا ئاتلاندىم. ئاللاھ ئۆزى مەدەت بەرگەي!
تور بېكەت ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىشى:
سەبورى سۆزى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا چىدام بىلەن سەۋرنىڭ يىغىندىسى دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. مۇشۇ ئىككى نەرسىنىڭ ئۆزۈمگە ھەرۋاقىت ھەمراھ بولۇپ تۇرۇشىنى ئارزۇلاپ بۇ ئىسىمنى تەگئات قىلىپ قوللانغان ئىدىم. ھەم تور بېكەتنىڭ ئىسمىغىمۇ مۇشۇ نام ئېلىندى. نۆۋەتتىكى ئېلىكتىرون تور بېتى نامىدا قۇرۇلغان مەخسۇس مال ساتىدىغان تور بېكەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن «تەجرىبىخانا» دىگەن سۆز قوشۇلدى.
تور بېكەت سېستىمىسى ھەققىدە:
بۇنىڭدىن 2 يىل ئاۋاللا سەبورى ئېلىكتىرونى ناملىق شىركەت تور بېتىدىن بىرنى تەرجىمە قىلىپ چىققان ئىدىم، لېكىن نېمە سەۋەبتىنكىن سانداندىن چاتاق چىقىپ قايتا ئوڭشىغىلى بولمىدى. باشقا تەييار بېكەت سېستىمىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغانغا مۇۋاپىقراقى تېپىلمىدى. شۇڭا قايتا– قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈم ياقتۇرغان خەنزۇچە ئېلىكتىرون تور بەتلىرىنىڭ ئاساسىي نۇسىخىسى ۋە بىر قىسىم نادىر مەزمۇنلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ماتېرىيال توپلاپ بۇ بېكەت سېستىمىسنى يېزىپ چىقتىم.
سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى http://www.phpred.com دىكى ھەقسىز كودتىن پايدىلىنىپ تۈزۈلدى.
تور بېكەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى سەۋەبلىك تۆۋەندىكى شەخىسلەرگە ئالاھىيدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن:1. شىئەن ئېلىكتىرون پەن– تېخنىكا ئۇنۋىرسىتىتى تېخنىفىزىكا ئېنىستىتۇتى ئۆلچەش توكيولىنى ئېچىش تەجىرىبىخانىسىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، ئالىي ئىنژىنىر لىجىن مۇئەللىم مەكتەپ تەجىرىبىخانىسىدا تۇرغان مەزگىلىمدە ئىزچىل ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى ۋە يېقىندىن قوللىدى.
2. شىئەن جۇڭيى تىبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرخانا باشلىقى نۆۋەتتە پىنىسيە يېشىدا چاڭئەن رايونى نەنلېيى يېزىسىدا ئامبولاتۇرىيە ئېچىۋاتقان ياۋيوۋجېڭ ئەپەندىم بۇ جاينىڭ مۇھىتىغا ماسلىشالماسلىق ۋە ئىمونىت ئىقتىدارىم ئاجىزلىقتىن بولغان كۆپ خىل كېسەللەر، يەنە ئاشقازان، ئۈچەي ۋە كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردىن پەرز تۇتۇش ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ئەرزان دورىلارنى يەپلا ئۈزۈل– كېسىل ساقىيىپ كېتىشىم ئۈچۈن كۆپ پەرۋىش قىلدى.
3. شاڭخەي پۇدۇ مېخانىكا ئەسۋابلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (ئىسپانىيە شىېرىكلىكىدىكى شىركەت) شىئەن ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ باش دېرىكتورى ۋاڭيۈ ئەپەندىم قوشۇمچە خىزمەت بىلەن تەمىن ئېتىپ ئىقتىسادىي يۈكۈمنى كۆپ يىنىكلەتتى. ۋە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.
مەنبە: http://sebori.cn/tejirbe.htm
收藏到:Del.icio.us

评论
بۇ تەكلىپتىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە خوشاللىق ھېس قىلىمەن، بىراق ھازىرچە ۋاقتىم چەكلىك بولغاچقا ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى ئۈچۈن كۆپ ئىش قىلىپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ سىزلەرگە ھاجىتىم چۈشۈپ تۇرغان، گەپنى ئوچۇقلا دەۋىرەي.
سەبورى ئېلىكتىرونى تور بېتىدىكى ئاساسىي بىلىملەر قىسمىدا ئەڭ ئاممىباب ۋە يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشىگە ماس كېلىشى ئۈچۈن «ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسى» نىڭ 4. بابىدىن 15.بابىغىچە ئىخچام ۋە چۈشىنىشىلىك تۈزۈلگەن خەنزۇچە ماتېرىيالغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ يوللاش پىلانلانغان ئىدى. ھازىر تەخمىنەن 60 پاراگراف مەزمۇن تەرجىمە قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.
پېقىرنىڭ بوش ۋاقتى بويىچە ھېسابلىغاندا بىر ھەپتىدە كۆپ بولغاندا 4 سائەتنى بۇ سەھىپىنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە ئاجرىتالايمەن، بىر سائەتتە 2دىن 3 كىچە پاراگراف مەزمۇن تەرجىمە قىلالايمەن دەپ ھېسابلىغاندىمۇ يالغۇز تەرجىمە قىلسام ئاز بولغاندا 6 ھەپتە ئىچىدە تەرجىمە قىلىپ بولغىلى بولىدۇ.
مېنىڭ سىزدىن ياردەم سورىماقچى بولغان ئىشىم، مۇشۇ ماتېرىيالنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى سىزگە بەرسەم مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئوپچە پۈتتۈرۈپ چىقىدىغان بىر پائالىيەت ئويۇشتۇرسىڭىز، ماقۇل كۆرسىڭىز بارلىق تەرجىمانلارنىڭ تۆھپىسىنى ئېنىق شەرھىلىگەن ئاساستا سەبورى ئېلېكتىرونىنىڭ بوشلۇقىغا قويۇشقا ئىجازەت بەرسىڭىز ۋە باشقا تارقىتىپ ئىشلىتىش، كۆچۈرۈش قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى ئىگە بولسا. ئىشىنىمەنكى بۇ ماتېرىيال ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا فىزىكا پېنىنىڭ ئومۇملىىشىدا ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالىدۇ.
قوشۇلسىڭىز ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى ئىنكاس قىلىپ يوللاپ ماقۇللىقىڭىزنى بىلدۈرسىڭىز. مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى. ئۇيغۇر فىزىكا تورىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم، تور بېتىڭىزلار كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!
خا... خا... بەكلا يۇقىرى باھا بېرىۋىتىپسىز. بۇ پەقەت پېقىرنىڭ شەخسىي قىزىقىشىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان شەخسىي تور بېتى، خالاس.
ئاللاھ خالىسا دىگەنلىرىڭىزنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا نىسىپ قىلغۇسى! سىزنىڭمۇ مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!
مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم، تور بەتنى بىر قۇر ئارىلاپ چىقىتم. بۇ تور بەت ئۇيغۇر تور مائارىپى ساھەسىدىكى يەنە بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپتۇ. ئاللاھتىن ئشىلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىنى تىلەيمەن!
بۇنىڭدىن كېيىن سەبۇرى تورىغا كىرىپ يېڭى بىلىملەردىن پايدىلانايلىدىغان بولدۇم، چۈنكى مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئېلىكتىرون كەسپىگە بە قىززىقىمەن، كەلگۈسىدە چۇقۇم مەنمۇ ئېلىكتىرون كەسپىدە ئوقۇيمەن،
سەبۇرى تورنىڭ كېيىنكى كەسپىمگە ھۇل بۇلۇشتىكى ياخىشى پىشاڭ بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
ئەمىسە ئامان بولۇڭ!
ئاللاھ خالىسا دىگەنلىرىڭىز كەلسۇن.
تور بېكەت يېڭى قۇرۇلغاچقا مەزمۇن كۆپ ئەمەس، باشقىسىغا بىر نەرسە دىيەلمىسەممۇ تور بېكەت بوشلۇقىنى 3 يىللىق ئالدىنئالا ئېلىپ قويدۇم، دىمەك 3 يىللىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ بولدۇم. 3 يىلدىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ كېتەمدۇ ياكى ھازىرقىدەك شەخسىي تور بەت پېتى قالامدۇ ئۇنى تورداشلارنىڭ بۇ ساھەگە قىزىقىش قىزىقماسلىقىغا قالدۇردۇم.
يېقىندىن قوللاپ تۇرۇشىڭىزنى، قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭىزنى بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئۆز– ئارا ئۆگىنىپ بىرلىكتە ئالغا باسايلى!
بۇ ھەقتە يېتەرسىزلىكلەر كۆپ بولغاچ پېقىرمۇ تور بەتنى قانداق ئېلىپ بېرىشتا كۆپ باش قاتتۇرىۋاتىمەن. كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللاپ قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.