<<  sebori.cn تور بېكىتى قۇرۇلدى | باش بەت | سيدنېيدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدىن سالام!  >>
  • ھەرىكەت تەسىرىدىن ئېرىشىلگەن ئامالسىزلىق ھادىسىسى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]

    2009-05-06

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38988976.html


    –ئالىمجانغا نېمە بولدى؟
    –ئۇ ئۆگېنىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆگېنىشتىن  بىزار، ھەتتاكى ئۆگېنىشكە ئىچ– ئىچىدىن ئۆچ.
    –نىمىشقىدۇ؟
    –چۈنكى ئۇ ئىمتاھانلاردا دائىم ئۆتەلمەيدۇ. خەنزۇتىلىدىن ئۆتەلمىگەنلەر ئىچىدىمۇ ئۇ بار، فىزىكىدا ئۆتەلمىگەنلەر ئىچىدىمۇ ئۇ بار، يەنە تېخى فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز قىزىل رەڭلىك قەلەم بىلەن ئۇنىڭ ئىمتاھان قەغىزىگە : «قەغەز يۈزى رەتسىز، پىكىر يولى قالايمىقان، قارىماققا ئادەم يازغاندەك قىلمايدۇ!» دەپ باھا سۆزى يېزىپ قويۇپتۇ.
    ئۇ بىرىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ، بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزىنىڭ بىرىنجى بولالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەيدۇ. بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئويلاپ كۆرسەك، ئۇنىڭمۇ ناھايىتى دەۋر سۈرگەن ۋاقىتلىرى بولغان: باشلانغۇچتا ئۇدا ئالتە يىل ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولغان، شەھەرلىك «ئۈمىد لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بولغان، باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندە تولۇقسىزغا ئىمتاھانسىز قوبۇل قىلىنغان. بىراق، تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن بىرىنجى قېتىملىق سەۋىيە مۆلچەرلەش ئىمتاھانىدا، ئۇ 22. بولۇپ قالدى، شۇنىڭدىن ئېتبارەن، ئالىمجان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتتى، ھەتتا ئۇ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان فىزىكا دەرسلىكىنىمۇ خالىسا ئاڭلاپ، خالىمىسا ئاڭلىمايدىغان بولدى، تاپشۇرۇقلارنىمۇ ئەستايىدىل ئىشلىمەس بولدى...

    ھەرىكەت تەسىرىدىن ئېرىشىلگەن ئامالسىزلىق
    سەل ئەخلاقسىزراق ئوخشىتىشقا توغرا كېلىپ قالدى، ئالىمجاننىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكى تەجرىبىدىكى ئىتقا نېمىدىگەن ئوخشىغان ھە! بىر پىسخىلوگ ئىلگىرى مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن ئىكەن. بۇ بىر ئىتنى قەپەزگە سولاپتۇ. قەپەزنىڭ ئاستى مىتالدىن ياسالغان ۋە ئوتتۇرىسىغا بىر دانە تاختاينى تىك قويۇپ قەپەزنى ئىككى ئايرىغان ئىكەن. ئىت تاختاينىڭ سول تەرىپىدە تۇرغاندا، قەپەزنىڭ ئاستىغا توك ئۆتكۈزۈلگەن، ئىتقا چىدىغۇسىز ئاغرىق ئېلىپ كېلىدىغان توك بېرىلگەن. بۇ ۋاقىتتا، ئىت تەبئىي ھالدىلا تاختايدىن سەكرەپ ئۆتۈپ ئوڭ تەرەپكە ئۆتۈۋالغان، ئەگەر ئىت ئوڭ تەرەپتە تۇرغاندا توك بېرىلگەندە ئىت سول تەرەپكە سەكرەپ ئۆتۈۋالغان... ئەگەر مۇشۇنداق قىلىپ قايتا– قايتا تەكرارلىغاندا، ئىت ئاكتىپلىق بىلەن بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئۆتۈشتىن ۋاز كېچىپ ئۈمىدسىز ھالدا بىر تەرەپتىلا تۇرۇپ، ئۈن– تىنسىز ئېغىر ئازابلىنىشقا بەرداشلىق بەرگەن.

    ئىت كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئامالسىزلىق كەيپىياتى شەكىللەنگەن، بىز پىسخىلوگىيەدە بۇنى ھەرىكەت تەسىرىدىن ئېرىشىلگەن ئامالسىزلىق (learned helplessness) ھادىسىسى دەپ ئاتايمىز. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى ھايۋانلار (ئادەملەرمۇ بار) كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئۈمىدسىزلىك ۋە ۋاز كېچىش كەيپىياتىدۇر، ئۇنىڭ بىر قانچە روشەن شەكىللىنىش جەريانى بار: كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش— پاسسىپ چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈش— ئامالسىزلىق پىسخىكىسى شەكىللىنىش— ئىش–ھەرىكەت، شەيئىلەرگە بولغان چۈشەنچە ۋە كەيپىيات جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش. تەجرىبىدىكى ئىت دەل مۇشۇنداق زەنجىرسىمان جەريانلاردىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا تەقدىر بىلەن ئېلىشىش روھىي ئېنىرگىيەسىنى يوقاتقان.
    پىسخىلوگىيە تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھەرىكەت تەسىرىدىن ئېرىشىلگەن ئامالسىزلىق ھادىسىسى ھايۋانلاردىلا يۈز بېرىپ قالماستىن ئادەملەردىمۇ ئوخشاشلا يۈز بەرگەن. پىسخلوگ سېررىگمەن تەجرىبە جەريانىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەلۇم قېتىملىق كونترول قىلغىلى بولمايدىغان شاۋقۇن بار ھالەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككىنجى قېتىملىق شاۋقۇندىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئۆگېنىۋىلىشى ئىلگىرى شاۋقۇنغا ئۇچراپ باقمىغانلارغا قارىغاندا تەس بولغان.

    ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا، ھەرىكەت تەسىرىدىن ئېرىشىلگەن ئامالسىزلىق ھادىسىسى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇ ئالەمگە بارغۇچە، ئادەملەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھاياتلىق يىللىرىدا نۇرغۇن ئوخشاشمىغان مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا، ھەتتاكى بەخىتسىزلىكلەرگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن تۇغۇلىشتىنلا بولغان ھەرتۈرلۈك كېسەللىكلەر، ئۆگېنىش نەتىجىسى ناچار بولۇش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتاھانىدا ئۆتەلمەسلىك، مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئەر– خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات بۇزۇلۇش، خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش ياكى ئىش ئورنىدىن قالدۇرىۋىتىلىپ ئىشسىز قېلىش، ياخشى بولمىغان كىشلىك مۇناسىۋەت، ھەتتاكى ساقايماس ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىقلار. بىز دائىم بەزى كىشىلەرنىڭ «مەندە ئۈمىد قالمىدى.»، «مەن ئەمدى تۈگەشتىم.»، »
    «تەقدىرگە بويسۇنماي ئامال يوق.»... دىگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلايمىز، بۇلار دەل كىشىلەر ئامالسىزلىق كەيپىياتى ئاستىدا ئىپادىلىگەن«ھەرىكەت تەسىرىدىن ئېرىشىلگەن ئامالسىزلىق» ھالىتىدۇر.

     
    «مائارىپتىكى پىسخىلوگىيەلىك تەسىرلەر(خۇادۇڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى)» ناملىق كىتابنىڭ170–،171–بەتلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى