<<  ھەرىكەت تەسىرىدىن ئېرىشىلگەن ئامالسىزلىق ھادىسىسى | باش بەت | ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ  >>
  • سيدنېيدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدىن سالام! - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]

    2009-05-23

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39799824.html

    چۈشەندۈرۈشى: قانداق مىنىڭ سىڭلىم ئۇيغۇرچىنى قانداق يازىدىكەن.........ھى ھى ھى ئوماقتە .........
    رەسىم :


    چۈشەندۈرۈشى: ئانا تىل مۇئەللىمنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىمۇ بالىلار بىلەن.
    رەسىم :


    چۈشەندۈرۈشى : مەن كىم؟
    رەسىم :

     


    چۈشەندۈرۈشى : ئىپار بەك ئوماق.ھى ھى ھى
    رەسىم :

     


    چۈشەندۈرۈشى : ئاھ!ئانا تىلىم!...........
    رەسىم :

     


    چۈشەندۈرۈشى : تەنەپپۇستا مۇنداق ئوينايمىز. .....ھى ھى
    رەسىم :

     


    چۈشەندۈرۈشى : باشقا مەكتەپتە ئويۇن قويۇش.
    رەسىم :

     


    چۈشەندۈرۈشى : مىللەتلەر مەدەنىيەت بايرىمىدا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپى.
    رەسىم :

     


    چۈشەندۈرۈشى : بىر مەيدان ئويۇندىن كەيىن گۇلناز مۇئەللىمنىڭ ھاردۇغى چىقتى.
    رەسىم :


    چۈشەندۈرۈشى : انبەررا دۆلەتلىك ئۇنۋىرستىتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى دىلبەر خانىم مەكتەپنىڭ بىر يىللىق مۇراسىمىدا.
    رەسىم :


    (بىلىۋال) تور بېتىدىن «سيدنېيدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ تاقالدى» دېگەن خاتا ئۇچۇرنى كۆرۈپ، بۇ ھەقتە توغرا ئۇچۇر يوللاشنى قارار قىلدىم. ئەسلى ئەھۋال مۇنداق: سيدنېيدا ئاران چوڭ - كىچىك 170 ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇ يەردە ئەزەلدىن ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ بولغان ئەمەس. ئەمما ھۆكۈمەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ: ئائۇسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ بالا سانى 10 دىن ئاشسا ئانا تىل مەكتىپى ئاچسا بولىدۇ. ھوكۇمەت ھەربىر مىللەتنىڭ ئوز مەدەنىيىتىنى ئوز ئانا تىلى ئارقىلىق قوغدىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ... دىگەن نىزاملىرى بار. 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۇنى ئائۇسترالىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش پىداكاركلىرى مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپ قۇرغان ئىدى.2007-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۇنى بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى. بۇگۇنىمىزگىچە بىر يېرىم يىللىق جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار خالىس ئانا تىل ئۇگەتتى، ئاتا- ئانىلار ۋە مىللەتپەرۋەر ياشلار خالىس شوپۇرلۇق قىلىپ بالا توشىدى. سەنئەتكارلار مىراس ناخشا - ئۇسۇللىرىمىزنى خالىس مەشىق قىلدۇردى. ۋەتەندىكى ئوبزورچىمىز يالقۇن روزى ئەپەندى، شائىرىمىز ئابلىكىم ھەسەن ئەپەندى ۋە «تەكلىماكان مەلىكىسى---گۇلزوھرە» ھەنىملار ئانا تىل مەشىق ماتىرىياللىرى، ۋەتەن جۇغراپىيىسى... قاتارلىق ماتېرىياللارنى خالىس يەتكۇزۇپ بەردى. مەكتىپىمىز ھازىر سيدنەيدىكى «سۇلە» (تۇرك مەرىپەتپەرۋەر بايلار دۇنيادىكى 10 دىن ئارتۇق دولەتتە قۇرغان ئىلغار شەخسىي مەكتەپ) مەكتەپتە ھەر يەكشەنبە چۇشتىن كەيىن 3 سائەت ئانا تىل ئۇگىتىدۇ. بالىلار ھازىر قۇتلۇق شەۋقىي، تەيىپجان ئەلىيىف، ئابدۇقادىر جالالىدىنلارنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شەئىرلىرىنى جاراڭلىتىپ دەكلاماتسىيە قىلالايدىغان بولدى. كىچىك پەرىشتەلىرىمىز مائارىپ تارماقلىرى ئۇيۇشتۇرغان سورۇنلاردا ئويۇن قويۇپ، مىللىي كىملىكىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى تونۇشتۇردى. نسۋ ستاتەنىڭ بۇ يىللىق كالىندارنىڭ 5-ئايىنى (ماي) بىز ئۇيغۇرلارغا بېغشلاپ، بىزنىڭ يېزىقتا بېسىپ چىقىرىپ تارقاتتى.«ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپ» نىڭ «ئاتا-ئانىلار كومىتىتى» ئاخىرقى بىر تال بالىمىز قالسىمۇ ئانا تىلىمىزنى ئانا يۇرتىمىزدىن ئۇزاقتىكى پايانسىز ئوكيانلارغا تاشلانغان بىر تال يوپۇرماقتەك تۇرغان ئائۇسترالىيىدە جاراڭلىتىمىز. ۋەتەنداشلار خاتىرجەم بولغايسىزلەر!

    تورداش دوستلارنىڭ بىزنىڭ ئانا تىل مەكتىپىمىزنىڭ تەقدىرىگە كوڭۇل بولگەنلىكىگە رەھمەت.توۋەندە مەكتەپ پائالىيىتىدىن رەسىملەر يوللىدۇم.

    مەنبە:MSN سىينىدى.

    تىما مەنبەسى : http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-46995-uid-17900-skinco-wind.html


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • [defFace:0] دا ۋاملىق تىرىشقايسىلەر ... سىلەرگە ئاللادىن ئاسايىشلىق ، بەخىت تىلەيمەن !