-
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-06-12
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40892568.html
ئۆزگە تىللار ئۇلۇغلىنىپ شاخلايدۇ،
يىلتىزىدىن ئورۇن ئېلىپ بىخلايدۇ.
تۇيدۇرماستىن سىڭەر-ئىچەر سۈيىدەك...
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇسۆزلەنسە ئۇ ھېچ قۇلاققا ياقمايدۇ،
بەزى ئۆز-ئۆزىگىمۇ ئاقمايدۇ.
ئۆزقەۋمىمۇ ئىكرام بىلەن باقمايدۇ...
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.«بابا» دەيدۇ تىلى چىققان بوۋاقمۇ،
«گەيزى» دېيىلۇر ۋاقتى كەلسە تۇۋاقمۇ.
دەڭلار قېنى ساقمۇ بىز يا چولاقمۇ؟
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ«بەنمىيەن زوۋ»دەپ لەغمەننى ماڭدۇرار،
زۇۋانىنى ئۆزگە تىلغا قايدۇرار،
شۇنداق تۇرسا بىزگە كىممۇ ئار تۇرار،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇمېھمان كىرسە«جاۋخو»دەيدۇ خوجايىن،
«چۆپ قوش»دېسە «جامىيەن»دەيدۇ ئاتايىن.
بىلىپ كېتىشى ئۆزگە تىلنى ناتايىن،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.مىڭكوخانە شەھرى مەركەز ئادىمى،
شىركەت،ھۆكۈمەت،بانكا،پوچتا خادىمى.
بولسا شۇنداق بولمىغىيدى ماتىمى،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇبىرى دەيدۇ روس تىلى بەك ياخشىكەن،
بىرى دەيدۇ ياپۇن تىلى ياخشىكەن.
ئۆز تىلىدەك سۆيۈملۈك تىل نەدىكەن؟
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.مەھمۇد بوۋام ساپلاشتۇرغان بىر چاغدا،
ئەرەب-پارس تىلنى قويغان مىڭ داغدا.
دەر شۇ ھېكمەت پاساھىتىم نە قايدا؟
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.مېنى قوغدار ئەۋلادلىرىم بارمۇ؟دەپ،
دىلدىن سۆيەر پاك زاتلىرىم بارمۇ؟دەپ،
لەيلاسىمەن پەرھاتلىرىم ئارمۇ؟دەپ...
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىم قايدا؟دەپ،
باغدا ئىدىم بولۇپ قالدىم سايدا دەپ.
ئەركىنلىكىم زادى قانداق جايدا دەپ،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.پاكلىنارمەن دەيدۇ قاچان تەلمۈرۈپ،
گۈللەنگىنىنى كۆزئالدىغا كەلتۈرۈپ.
دەيدۇ مېنى قوغداڭلارچۇ بەل تۈرۈپ،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.
شېئىر مەنبەسى: http://mmtys.blogbus.com/logs/32905231.html
收藏到:Del.icio.us
