<<  ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ | باش بەت | ئۇيغۇر تىلى ئەلۋىدا  >>
  • ئاھ، ئانا تىلىم - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]

    2009-06-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40894110.html


    بېلىقىز ئەمەت پاك

    ئېچىپ بەردىڭ تىلىمىزنىڭ دەردىنى،
    تېپىپ بەردىڭ تىلىمىزنىڭ مېزىنى،
    قانداق چىداي تىلغا ئەخلەت ئارىلاشسا،
    يوقىتارمۇ ئانا تىلىم ئىزىنى...

    يوقاپ كەتسە ئانا تىلىم يېنىمدىن،
    چىدالامدىم تىلسىز بولسام تېگىمدىن،
    چىدىمايدۇ دوستلار بەلكىم مېنىڭدەك،
    قانداق چىداي گاچا بولسام تىلىمدىن.

    ئېتى ئۇيغۇر، تىلى يوقكەن دەپ يۈرسە،
    مەندەك ئۇيغۇر قېنى سىزلار چىدارمۇ؟
    ياكى مودا قوغلاپ تىلدىن چانارمۇ؟
    قانداق چىداي «مەتو» كۆرسە تېگىدىن.

    كۆرۈپ قالدىم بىر نەچچە قىز ئىچىدە،
    شۇنداق گۈلدەك بىرى تۇرغان كۆزىدە،
    خەنزۇ تىلىغا تىلى كەلمەس بەزىدە،
    ئۇيغۇر تىلىنى دەيدۇ تېخى «مەتو» دەپ.

    توۋا دىدىم بىلمەي ئۆزىنى قالدىمۇ؟
    ئۆزى باشقا پىلانىتتىن كەلدىمۇ؟
    ھەي، ئۇيغۇر قىز، ئۇيغۇرىڭدىن تاندىڭمۇ؟
    مەڭگۈلۈككە ئانا تىلدىن چاندىڭمۇ؟

    مېنىڭ نەسلىم بۇ بېسىمغا چىدارمۇ؟
    ئۇنتۇپ ئۆزىنى ئانا تىلدىن چانارمۇ؟
    قانداق قىلاي گۈزەل تىلىم يوقالسا،
    تىلسىزلىققا بىز بېقىنساق بولارمۇ؟

    ئەجدادىمىز يوقالمىغان تىل ئىدى،
    ئەمدى مەندە شۇنداق قىلىپ قۇرامۇ؟
    قۇرۇپ قالسا پەرزەنتىمگە بىم دەرمەن،
    قېنى جاۋاب بېرىپ باقسام بولارمۇ؟

    دىققەت قىلسام سۆزلىگەندە ھەر قاچان،
    ئۆي– ئىدارە، جەمئىيەتتە تىلىمدىن.
    تىلغا تىلنى ئارىلاشتۇرماي سۆزلىسەم،
    قەرىزدارمۇ قېنى دوستلار ئەسلىمدىن.

    پاكلايمەن تىلىمنى ئەمدى ھەر قاچان،
    ئەلۋىدا دەپ يوقالمىسۇن جان تىلىم،
    ئەگەر ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە،
    جۇدا بولسۇن شۇ كۈندە ئېزىز تېنىم.

    مەنبەسى:http://www.anatil.com


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى