<<  ئۇيغۇر تىلى ئەلۋىدا | باش بەت | باي دادا ئۈچىنجى باپ 1. قىسىم  >>
  • ئۇيغۇر تىلى تىل ماتېرىياللىرى ئامبىرى (CORPUS) - [ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيتى]

    2009-06-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40896836.html

    يىقىنقى يىللاردىن بېرى تىل ماتىرىياللىرى ئامبىرى تىلشۇناسلىقىنىڭ (CORPUS تىل ماتىرىياللىرى ئامبىرى.  قىسقارتىلىپ تىل ئامبىرى دېيىلىدۇ) تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولۇپ، تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن يىڭى بىر سەھىپە ئاچتى. تىل ئامبىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان تەتقىقات كومپيۇتېر مۇتەخەسسىلىرىنىڭلا ئايرىم تەتقىقات ساھەسى بولۇپلا قالماي، بەلكى تىل تەتقىقاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئىنگلىز تىلى،خەنزۇ تىلى، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدىن موڭغۇل تىلى قاتارلىق تىللارنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى تەتقىقاتى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ تىل ماتىرىياللىرى ئامبىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملىرىغا قارىتا، ستاتىستىكىلىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بىرىشى ئۇچۈن ئىشەنچلىك ، پۇختا ئاساسلارنى سالدى ۋە ئۈلگىلىك تەجرىبىلەرنى ياراتتى. ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلى  تەتقىقات نەتىجىلىرى، ئۇيغۇر تىلى تىل ئامبىرىدا تىلنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا قارىتا تۈرلۈك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش يەنى سۆز ئىزدەش،سۆز تۈركۈملىرىگە ئاپتوماتىك بەلگە قويۇش، سوز ىستاتىستىكىسى ئېلىپ بېرىش ، سۆز مەنىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن تارتىپ تاكى سۆز بىرىكمىلىرى ۋە جۈملە تەتقىقاتىغىچە پايدىلىق  شارائىتلار بىلەن تەمىنلىدى.

    كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشى بولۇپمۇ Windows2000 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۇيغۇر تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىلىرىنى ئوڭايلاشتۇردى. ئۇيغۇر تىلىنى  كومپيۇتېردا تەھرىرلەش، ئۇيغۇرچە سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى قۇرۇش، تور بەتلىرىنى ياساش قاتارلىق جەھەتلەردە زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى. بىراق نۆۋەتتە كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان پروگرامما تۈزۈش تىللىرى Visual C ،VisualBasic ,Java,قاتارلىقلار ئۇيغۇرچە يېزىقنى ياخشى قوللاپ كەتمەيدۇ. بۇ تەجرىبىدە تۈزۈلگەن پروگرامما ئەرەپ تىلى ئاساسىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسى   WindowsXP دا تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ قوش يۆنۈلۈشلۈك(ئوڭدىن ياكى سولدىن باشلاپ يېزىلىدىغان) بىر تەرەپ قىلىنىدىغان تىللارنى ياخشى بولغان مەشغۇلات سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.بۇ تەجرىبىدە ئىشلىتىلگەن پروگرامما تۈزۈش تىلى  VBA(Visual Basic Appliction)بولۇپ، بۇ تىل  OfficeXP يۇمشاق دېتاللىرىغا سەپلەنگەن ئىقتىدارى كۆچلۈك بولغان پروگرامما تۈزۈش تىلى.بۇ تىل  ئارقىلىق OfficeXP نىڭ بارلىق ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەر خىل پروگىراممىلارنى ئاسانلا تۈزۈپ چىقىشقا بولىدۇ.

    تېمىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى مەنبەدىن ئوقۇۋالغايسىز. «ئۇيغۇر تىلى تىل ماتېرىيالللىرى ئامبىرىدىكى سۆزلەرنى ئاپتوماتىك ىستاتىستىكا قىلىشتا ئۇچرايدىغان بىرقانچە مەسىلىلەر توغرىسىدا»:
    http://www.xjcorpus.net/onews.asp?id=214


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سەبۇرى ئەپەندى ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز.سەبۇرى ئېلىكتۇرۇن تورىنى ئاچقاندىن كىيىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئوخشىمامسىز؟ئۇ تور بېكىتىڭىزگە كىرمىگىلى خېلى ئۇزۇن بوپتىكەن.مەزمۇنلىرىنى خېلىلا تولۇقلاپ مۇككەممەل بىر تور بېكەت ھالىتىگە ئەكەپسىز.بۇمۇ ئوڭاي ئەمەس.بىر تەرەپتىن ئوقۇپ،بىر تەرەپتىن تور بەت ئىشلىرىنى قىلىش ئادەمنى ھالسىرتىپ قويىدۇ.سەبۇرى ئىلىكتىرونىدا ناھايىتى پايدىلىق ئىىكتىرۇن بىلىمرى بار ئىكەن.بۇندىن كىيىن پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن.ئىلكتىرۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى،بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەم جايلىرىمىزنى تولۇقلاش ئۈچۈن قىلغان ئەجىرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.
    م.ئە.سەبۇرى回复لوپنۇرى说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇستازىم، مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇقمۇ؟
    تور بېكەتنىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىكەن، ئاللاھقا شۈكرى، ھازىر خېلى ئىزىغا چۈشۈپ قالدى. يەنە بىر ئايدىن كېيىن تەتىل بولىدۇ. مەۋسۇم ئاخىرى بولغاچقا ئىمتاھانلار بىلەن يەنە ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان ئىشكەن.
    سىزنىڭ سەبورى تورىنى ياقتۇرغانىقىڭىزدىن ناھايىتى خوشالمەن، قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
    مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشىلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى! لۇپنۇرى بلوگىدىكى نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!
    2009-06-12 18:27:50