-
باي دادا ئۈچىنجى باپ 1. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-13
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40944917.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
ئۈچىنجى باپ بىرىنجى قىسىم
بىرىنجى ئىقتىساد قابىلىيەت: «كۆپ پۇل تېپىڭ»
مەن نيۇيورك شىتاتىدىكى ئامېرىكا سودا كېمىسازلىق ئونۋېرسىتىتىدا 4 يىل ئونۋېرسىتىت ھاياتىنى باشتىن كەچۈردۈم. 1969-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئېرىشكەن بىرىنچى خىزمىتىم كالفورنىيە شىتاتىدىكى ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىدە نېفىت چىقىرىش كېمە ئەزاسى بولۇش بولدى. مەن ئۈچىنچى مۇئاۋىن بولۇپ ، ئالاسكا، ھاۋاي ۋە تاشى ئارىلى ئارلىقىدا قاتنايتتىم. ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى خېلى ياخشى شىركەت بولۇپ ، مېنىڭ خىزمىتىممۇ خېلى يامان ئەمەس ئىدى. مەن ھەر يىلى 7 ئاي خىزمەت قىلىپ، قالغان 5 ئايدا دەم ئېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەت قىلالايتتىم. كىرىمىممۇ يامان ئەمەس بولۇپ ، يىللىق كىرىمىم تەخمىنەن 47 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ھازىرقى 140 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ ئىدى. 1969-يىلى، ئەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققان يېڭى ئادەم ئۈچۈن 47 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھەقىقەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. ئەمما بەزى ساۋاقداشلىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ كىرىمىم يەنىلا تۆۋەن ئىدى. بەزى ساۋاقداشلىرىم ئۈچىنچى قول مۇئاۋىن تۇرۇپ يىللىق ئىش ھەققى تەخمىنەن 70~150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، ھازىرقى 250~500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ ئىدى. ئەمما بۇ يىللىق كىرىمى خالاس. ئەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئايرىلغان 22 ياشلىق بىر ياش ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەنمۇ يامان ئەمەس كىرىم ھېسابلىناتتى.
مېنىڭ كىرىمىم بىر ئاز تۆۋەن بولىشىدىكى سەۋەب، ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى بىرلەشمە دېڭىز ترانسپورت شىركىتى ئەمەس. لېكىن مېنىڭ كىرىمى يۇقىرى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىرلەشمە شىركەتلەردە خىزمەت قىلىدۇ.پەقەت 4 ئاي ئۈچىنچى قول مۇئاۋىن بولغاندىن كىيىن، مەن ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىدىكى خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ، دېڭىز ئارمىيىسىگە قاتناشتىم. مەن دېڭىز ئارمىيىسىگە قاتناشقاندىن كىيىن ۋىيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشتىم. مەن «دۆلىتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بۇرچۇم بار.» دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئەسكەر بولدۇم. ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم بىر ئامال قىلىپ ئەسكەر بولۇشتىن قاچاتتى. بەزىلەر ئەسكەر بولۇشتىن قېچىش ئۈچۈن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى تاللىدى. يەنە بىر ساۋاقدىشىم كاناداغا قېچىپ كەتتى. باشقىلار بەزى غەلىتە كېسەللەرنى ئويلاپ چىقىپ، 4-F دەرىجە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇنداق بولغاندا دوختۇرلۇق ئىلمى جەھەتتىن ئويلىغاندا ئۇلار ئەسكەر بولالمايتتى.
مەن ئەسلى ئەسكەر بولۇشتىن كەچۈرۈم قىلىنغان. چۈنكى مەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بولمىغان سانائەت كارخانىسىدا خىزمەت قىلغان ئەمەسمۇ. نېفىت دېگەن ئۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان نەرسە، مەن نېفىت شىركىتىدە خىزمەت قىلسام ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئورنىدىكىلەر مېنى ئىزدىمەيدۇ.
مەن ساۋاقداشلىرىمدەك ئەسكەرلىكتىن قېچىشىم ھاجەت ئەمەس. مەن ئۆزۈم خالاپ ئەسكەرلىككە قاتناشماقچى بولغىنىمدا، نۇرغۇن دوستلىرىم ناھايىتى ھەيران بولغان. مەن مەجبۇرىيەت ئەسكەرلىكىگە قاتناشماستىن ئەكسىچە ئۆزۈم خالاپ قاتناشماقچى. بۇ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇرۇشقا قاتنىشىش بولسا قىيىن قارار چىقىرىش ئەمەس ئىدى.
1966-يىلى مەن تېخىچە بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن بىر قېتىم ۋېيتنامغا بېرىپ، جىن لەن قولتۇقىدا مال توشۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا مەن تولىمۇ ساددىلىق بىلەن «ئۇرۇش قىلىش تولىمۇ ھاياجانلىنارلىق ئىش.» دەپ قارايتتىم. ئۇرۇشقا نىسبەتەن، ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى ئۆلۈپ كېتىشتەك خەۋپلەرگە پىسەنت قىلمايتتىم.
ئەڭ تەس قارار چىقارغان ئىشىم ئىش ھەققىمنىڭ ئەسلىدىكىدىن ئازلاپ كېتىشى ھەققىدە قارار چىقىرىش ئىدى. دېڭىز ئارمىيىسىدە شىياۋۋېينىڭ يىللىق ئىش ھەققى 2400 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، كالفورنىيە ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان مەندەك ئادەم ئىككى ھەپتىدە بۇنداق پۇلنى تېپىپ بولاتتىم. ھەتتا مەن بىر يىل ئىچىدە پەقەت 7 ئاي ئىشلەپ 5 ئاي ئارام ئېلىپ نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كەچسەممۇ، بىر يىل ئىچىدە ھەر ئايلىق ئىش ھەققىم 7000 ئامېرىكا دوللىرى بولاتتى. ھەمدە خىزمەت قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن خىزمەتتىن بۇشىتىلىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. بۇ ھەقىقەتەنمۇ يامان ئەمەس ئىش ئىدى. بۈگۈنكىدەك ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەملەر مۇشۇنداق شىركەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
مەن خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئەسكەرلىككە بارماقچى بولغاندا ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى بىر ۋەتەنپەرۋەر شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مېنى ناھايىتى چۈشىنەتتى. ئۇلار ماڭا مەن ئەسكەرلىكتە تۇرۇش جەريانىدا ئىش ئورنۇمنى ساقلاپ قىلىپ، ئەگەر مەن ھايات قايتىپ كەلسەم، مېنىڭ ئەسكەرلىكتە تۇرۇش ۋاقتىمنىمۇ خىزمەت يېشىغا ھېسابلاشنى ئېيتقان.
ھازىرغا قەدەر مەن يەنىلا ئاشۇ سان فىرانسىسكودىكى ئىشخانامدىن ئايرىلغان چاغدىكى ئازابلىق مىنۇتلارنى ئەسلەيمەن. مەن توختىماستىن ئۆزۈمدىن: «سەن ھازىر نېمە قىلىۋاتىسەن؟ سەن نېمىگە ھېساب؟ سەن چوقۇم خىزمەتتىن ئايرىلىپ، جەڭگە قاتنىشىشىڭ ھاجەتسىز. سەن دېگەن ئەسكەرلىككە بېرىشتىن كەچۈرۈم قىلىنغان تۇرساڭ، 4 يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئەمدى سېنىڭ رەسىمى پۇل تاپىدىغان ۋاقتىڭ كەلگەن ئەمەسمۇ؟» دەپ سورايتتىم.
بىر ئايدا 4000 ئامېرىكا دوللىرى ئالىدىغان خىزمەتتىن بىراقلا بىر ئايدا 200 ئامېرىكا دوللىرى ئالىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش ھەقىقەتەن مېنى قىيىنايتتى. شۇڭا مەن ئەسلى خىزمىتىمگە قايتىپ كېتىشنىمۇ ئويلاشقان.
مەن ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىنىڭ بىناسىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قارىۋېتىپ، ماشىنا بىلەن Ghirardelli شاكىلات خەلق مەيدانىغا يۈرۈپ كەتكىنىمدە مەن ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان Navistar قاۋاقخانىسى بايلاردەك قول پۇلاڭلىتىپ قالغان ئىدى. مەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ بىر سۇ ئەسكىرى بولۇپ ، ئايلىقىمغا ئاران 200 ئامېرىكا دوللىرى ئېلىشىمغا نىسبەتەن بۇ مېنىڭچە مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزۈمنى باي ھېس قىلغان، بايلاردەك پۇل خەجلىگەن ۋاقتىم ئىدى.
يانچۇقۇمدا نۇرغۇن پۇل، مېنىڭ تازا پۇخادىن چىققۇچە خەجلىگۈم كەلدى. مەن بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشىم قاۋاقخانىدىكىلەرنىڭ ھەر بىرىگە بىر ئىستاكاندىن ھاراق ئالدىم. سورۇن ھەقىقەتەنمۇ قىزىغان ئىدى، تىزلا مەندىكى پۇلغا جەلپ بولغان چىرايلىق قىز مېنىڭ يېنىمغا كەلدى، بىرلىكتە قاۋاقخانىدىن ئايرىلدۇق. بىز بىرلىكتە ھاراق ئىچىپ تاماق يېدۇق، خۇشاللىق ئىچىدە ساراڭلارچە توۋلىشاتتۇق. مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت يىيىش، ئىچىش، ئويناشلا بار ئىدى. چۈنكى مەن ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن.
ھېلىقى ئاخشىمىمۇ ئاخىرلىشاي دېگەندە ھېلىقى چىرايلىق قىز مېنىڭ بېشىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، يۈزلىرىمگە سۆيۈپ قۇيۇپ، تاكسى ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالدى. مەن تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە موھتاج ، ئەمما ئۇنىڭغا كېرىكى پەقەت مېنىڭ پۇلۇملا خالاس. ئىككىنچى كۈنى مەن سان فىرانسىسكودىن ئايرىلىپ Pensacola غا يۈرۈپ كەتتىم. ئۇ مەن ئۇچۇشنى مەشىق قىلماقچى بولغان جاي. 1969-يىلى10 -ئايدا مەن ئۇچقۇچىلار مەكتىپىگە تىزىمغا ئالدۇردۇم. ئىككى ھەپتىدىن كىيىن، باجدىن كېيىنكى 200 دوللار مائاشقا ئىرىشكىنىمدە ئازابلانغىنىمدىن تۈگىشەيلا دەپلا قالدىم.
مەن قىسىمدا 5 يىل تۇردۇم، بۇنىڭ ئىچىدە بىر يىل ۋېيتنامدا تۇردۇم. كىيىن مەن دېڭىز ئارمىيىسىدىن شەرەپلىك ھالدا چىكىندىم. مەن دۇچ كەلگەن بىرىنچى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەل بىرىنچى ئىقتىساد قابىلىيەت: كۆپ پۇل تېپىش ئىدى. شۇ يىلى مەن 27 ياش ئىدىم. ناھايىتى ياخشى خىزمەتتىن ئىككىسى مېنىڭ تاللىشىمغا تەييار ئىدى. بىرى كېمە خىزمەتچىسى بولۇش ، يەنە بىرى ئۇچقۇچى بولۇش .
دەسلەپتە مەن ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشنى ئويلاشقان. مەن ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىنى ياخشى كۆرەتتىم، سان فىرانسىسكونى ياخشى كۆرەتتىم. ھەممىدىن بەك ھېلىقى يۇقىرى ئىش ھەققىنى ياخشى كۆرەتتىم. مەن يىللىقىمغا 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلاپ خىزمەت قىلاتتىم، چۈنكى ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى مېنىڭ ئەسكەرلىكتە تۇرغان ۋاقتىمنىمۇ ئىش يېشىغا ھېسابلايتتى .
مېنىڭ ئىككىنچى تاللىشىم بولسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئۇچقۇچى بولۇش . نۇرغۇن سەپداشلىرىم مۇشۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىناتتى. مېنىڭ 32 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق خىزمىتىممۇ يامان ئەمەس ئىدى. گەرچە ئىش ھەققى ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن بىر ئۇچقۇچى بولۇش مېنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇراتتى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ماڭا قانچىلىك مائاش بېرىشتىن قەتئىينەزەر مېنىڭ 5 يىل ئەسكەرلىكتە تۇرۇپ ئالغان ئايلىق مائاشىم 985 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى ئىدى.
بىراق، مەن ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىگىمۇ، ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگىمۇ بارماستىن ئەكسىچە خونۇلۇلۇلار شەھەر رايونىدىكى شىلې Xerox Corporation دوپلىكاتۇر شىركىتى(كۆپەيتىپ بىسىش شىركىتى) گە بېرىپ خىزمەت قىلدىم. ئەڭ دەسلەپكى ھەر ئايلىق ئىش ھەققى 720 دوللار بولۇپ مېنىڭ ئىش ھەققىم يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەش كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. دوستلىرىم ۋە ئاتا-ئانام مېنى «ئۇرۇش مۇھىتى ئۆزگەرتىۋەتتى.» دەپ ئويلىغان.
ھازىر ، بەلكىم مەندىن مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن خو نۇ لۇ لۇ شەھەر رايونىدىكى شى لې دوپلىكاتۇر شىركىتىدە ھەر ئايلىق ئىش ھەققى 720 دوللار بولغان خىزمەتنى تاللىغانلىقىمنى سورىشىڭىز مۇمكىن. مۇشۇ كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن سىز بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن. بۇ دەل ئىقتىساد قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتۇر. مەن شىلې Xerox Corporation شىركىتىنى تاللىشىمدىكى مەقسەت ئىش ھەققى مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ئۆزۈمنىڭ مالىيە بىلىمىمنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ بىرىنچى ئىقتىسادى قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈش، يەنى بىرىنچى ئىقتىسادى قابىلىيەت: كۆپ پۇل تېپىش. مەن ئاللىبۇرۇن قارار قىلىپ بولغان، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا پۇل تېپىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى كارخانىچى بولۇش . بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم سېتىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىش كېرەك. بىراق مەندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە: مەن بەك تارتىنچاق، بولغانلىقىمدىن باشقىلارنىڭ ماللىرىمنى ئېلىشنى رەت قىلىشىدىن قورقۇش بولدى.
مېنىڭ مەسىلەم ھەددىدىن زىيادە تارتىنچاقلىق ۋە سېتىش تەدبىرلىرىنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىققان. شىلې شىركىتى Xerox Corporation كەسپىي تەربىيىلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇلار مال ساتقۇچىغا موھتاج ، مېنىڭ مەقسىتىممۇ دەل مۇنەۋۋەر مال ساتقۇچى بولۇپ چىقىش، شۇڭا بۇ بىر ياخشى ئىش، ھەر ئىككى تەرەپ خۇشاللىنارلىق ئىش. مەن ئىشقا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شىركەت مېنى ۋىرگىنىيە شەھىرىدىكى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سېتىش تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىش تەربىيەم رەسمىي باشلاندى.
1974- يىلدىن 1978-يىلغىچە، مەن شىلې Xerox Corporation شىركىتى Xerox Corporation دە ناھايىتى جاپالىق 4 يىل خىزمەت قىلدىم. باشتىكى 2 يىلدا، مەن كۆپ قېتىم ئىشتىن بوشىتىلغىلى تاسلا قالدىم. چۈنكى مەن مالنى قولدىن چىقىرالمىدىم. مەن مالنى ساتالمايلا قالماي، بەلكى ھەر ۋاقىت ئىشتىن بوشىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلەتتىم. ئەمما مېنىڭ نىشانىم خونۇلۇلۇلار تارماق شىركىتىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر مال ساتقۇچى بولۇش . مەن تارتىنچاق، باشقىلارنىڭ ماللىرىمنى ئېلىشنى رەت قىلىشىدىن قورقۇش قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ بولدۇم ھەمدە مال سېتىشنى ئۆگىنىۋالدىم. ئەڭ مۇھىمى، مەن ھازىر تاپقان پۇل مېنىڭ ئۇچقۇچى دوستلىرىمدىن كۆپ. ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئەگەر مەن خاتىرجەم ھالدا بىرخىل خىزمەت قىلغان بولسام، ئۇ ھالدا، مېنىڭ تارتىنچاق، باشقىلارنىڭ ماللىرىمنى ئېلىشنى رەت قىلىشىدىن قورقۇش ئاجىزلىقىمنى يېڭەلمىگەن بولاتتىم. مەن مەڭگۈ ھەقىقىي تۈردە ئۆزۈمگە جەڭ ئېلان قىلىشقا ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم شۇنداقلا جەڭ ئېلان قىلىپ ئېرىشكەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم. مەن شىلې Xerox Corporation شىركىتى Xerox Corporation دىن ناھايىتى مۇھىم بىر دەرسكە ئىگە بولدۇم، بۇ بولسىمۇ: مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ مالىيە داغدام يولىدا ئەركىن، توسالغۇسىز يۈرۈش.
مەن ئەڭ مۇنەۋۋەر مال ساتقۇچى بولۇش نىشانىمنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كىيىن خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ، داۋاملىق كېيىنكى جەڭگە ئاتلىنىپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭدىم. ئىگىلىك تىكلەپ ئۇتۇق قازانغان ھەر بىر كىشى ئوبدان بىلىدۇ. دەسلەپ ئىگىلىك تىكلەشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىم مەسىلە بىرىنچى ئىقتىساد قابىلىيىتى«كۆپ پۇل تېپىش»، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بىزدە بىر پۇڭمۇ پۇل يوق، شۇڭا بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىرىنچى ئىقتىساد قابىلىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
收藏到:Del.icio.us
