-
باي دادا سىزنى باي قىلسۇن - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-02-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35454952.html
ئىزاھات: [باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن] ناملىق بۇ بازارلىق كىتابنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېزلىكتە يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن دەۋر بلوگى باشقۇرغۇچىسى ئازغۇن ۋە پېقىر ئاناتىلىم بلوگىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سەبورى ھەمكارلىشىپ سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىك، تەجىرىبىمىزنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا قارىماي تەرجىمە قىلىشقا ئاتلانغان ئىدۇق. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 21.فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەرجىمە ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىرىنجى ۋە ئىككىنجى باب قىسمى ئاناتىلىم بلوگىدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىندى، تۆتىنجى باب قىسمى نورۇز بايرىمىدىن ئىلگىرى ئانا تىلىم بلوگىدا ئېلان قىلىنغاندىن سىرىت، قالغان مەزمۇنلار بىردەك دەۋر بلوگىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
تەرجىمىدە ساقلانغان خاتالىقلار ھەققىدە قىممەتلىك- تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭىزلارنى تۆۋەنچلىك بىلەن سورايمىز.
خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۆۋەنكى تېمىدىن كۆرگەيسىز:
logs/34715312.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
ئاپتورنىڭ سۆزىپۇل جىنايەت ئەمەس
مائارىپ سىستېمىسىنىڭ چوڭ بىر مەغلۇبىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي قابىلىيەت يېتىشتۈرۈش تەربىيىسى تەمىنلەپ بەرمىگەنلىكتە. مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پۇلنى دىندىكى قارا داغ ياكى بىدئەت دىنغا ئوخشىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار پۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببەتنىڭ بارچە جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
كۆپ سانلىق كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغىنىغا ئوخشاش پۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ھەرگىزمۇ جىنايەت ئەمەس.
دەل ئەكسىچە، پۇلنىڭ كەملىكى جىنايەتكە ئېلىپ بارىدۇ، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىمىزگە بولغان ئۆچمەنلىك بىزنى جىنايەتكە ئېلىپ بارىدۇ. بىز تىرىشىپ ئىشلەيمىز، بىراق ئائىلە كىشىلىرىمىزنى باقالمايمىز، بۇ جىنايەت ھېسابلانمامدۇ؟ بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن قات-قات قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىش جىنايەت، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن پۇل ئۈچۈن جىدەللىشىش جىنايەت، نەپسانىيەتچلىك جىنايەت. ئۇنىڭدىن باشقا پۇل ئۈچۈن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراش ياكى ۋىجدانىدىن ۋاز كېچىشكە پىسەنت قىلماسلىق جىنايەت. پۇل ئەسلىدىن جىنايەت ئەمەس، پۇل پەقەت پۇللا خالاس.
سىزنىڭ ئۆيىڭىز بىر تۈرلۈك مال-مۈلۈك ئەمەس
كىشىلەردە ئىقتىسادىي قابىلىيەت ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىشىغا ياكى ئەخمەق كىشىلەرنىڭ خاتا يولغا باشلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. مەسىلەن، 1997.يىلى تۇنجى نەشىر قىلىنغان »نامرات دادا، باي دادا« ناملىق كىتابتا، «سىزنىڭ ئۆيىڭىز بىر تۈرلۈك مال-مۈلۈك ئەمەس... سىزنىڭ ئۆيىڭىز پەقەت بىر تۈرلۈك پاسسىپ مۈلۈك. » دەپ تىلغا ئالغان ئىدىم، بۇ كۆز قاراش گۇمانىي كۆز قاراشلارغا تولغان بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى. مەن ۋە مېنىڭ كىتابىم ئېغىر تەنقىدكە ئۇچرىدى، ئۆزىنى مالىيە مۇتەخەسىسى دەپ ئاتىۋالغان نۇرۇغۇنلىغان ئادەملەر ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق تىغ ئۇچىنى ماڭا قاراتتى.
ئون يىلدىن كېيىنكى 2007.يىلى، قەرز كوپىراتىپ ئورۇنلىرىنىڭ گۇمران بولۇشىغا ئەگىشىپ مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ بايلىقى ئەركىن چۈشكەن جىسىمغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا ئىز– دېرەكسىز يوقالدى– بەزىلەر ئۆيىدىن ئايرىلدى، يەنە بەزى كىشىلەر ۋەيران بولغانلىقىن جاكارلىدى، ئۆي– مۈلۈك باھاسىنىڭ تۆۋەنىلىشىگە ئەگىشىپ بەزىلەر ئۆيى سەۋەبلىك قەرزگە بوغۇلدى، قەرزگە بوغۇلغان پۇل ئۆينىڭ ئەسلىدىكى باھاسىدىن كۆپ يۇقىرى بولدى– بۇ ۋاقىتتىلا بۇ كىشىلەر ئازابلىق ھالدا شۇنى ھېس قىلدىكى، ئۇلارنىڭ ئۆيى بايلىق بولماستىن، پاسسىپ ھىسابات ئىدى.
ئىككى ئادەم، بىر ئاۋاز
2006.يىلى، دوستۇم تاڭنادې. چۈۋەنپۇ بىلەن ھەمكارلىشىپ «سىزنى كۆپ پۇل تاپقۇزىمىز» ناملىق كىتابنى يازدۇق. بۇ كىتابتا بىز نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيەدىكىلەر جەمئىيەت بايلىقىنىڭ ئېشىشى سۈرئىتىنىڭ كەينىدە قالىدىغانلىقى، ھەمدە بىز ئويلاپ چىققان ھەرتۈرلۈك سەۋەبلەر تىلغا ئېلىنغان. مېنىڭچە، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دۇنياۋىلىشىشنىڭ يۈزلىنىشى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە مالىيە بازىرىنىڭ ئەھۋالىدا ئىدى. بۇ كىتاب مالىيە ئىقتىساد ئاخپارات ئورۇنلىرىنىڭ سۆكىشىگە ئۇچرىدى. بىراق 2007.يىلى بىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلارنىڭ كۆپىچلىكى ھەقىقەتكە ئايلانغان ئىدى.
مودىدىن قالغان سەمىمىي مەسلەھەت
بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا نۇرغۇنلىغان مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇدىغان مۇتەخەسىسلەر «تىرىشىپ خىزمەت قىلىش، ئامانەت قويۇش، قەرزلەرنى تۆلەش، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، شۇنداقلا كۆپ مەنبەلىك ئورتاق مەبلەغ فوندلىرىغا مەبلەغ سېلىش»نى تەشەببۇس قىلىدۇ. مەسىلە شۇكى بۇ ياخشى بولغان تەشەببۇس ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. پۇلنىڭ قانۇنىيتى 1971.يىلىدىن كېيىن ئۆزگەردى، بۈگۈن يېپيڭى كاپىتالىزىم دەۋرىدە تۇرماقتىمىز. ئامانەت قويۇش، قەرز قايتۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك ئورتاق مەبلەغ فوندلىرىغا مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلار كونا دەرۋگە مۇناسىپ مىتود، كونا كاپىتالىزىمنىڭ مىتودىغان كۆنۈپ قالغان كىشىلەرگە نىسبەتەن يېڭى كاپىتالىزم دەۋرىدە ھەربىر قەدەمنى باسماق بەسى مۈشكۈلدۇر.
ئۇچۇر ۋە مائارىپ
مېنىڭ قارىشىمچە، ئىقتىسادىي قابىليەت مائارىپنىڭ كەمچىل بولۇشى بىزنىڭ مائارىپ سېستىمىمىزنىڭ رەھىمسىزلىكى ھەم شۇنداقلا جىنايەتكە تولغان شەرمەندىچىلىكى. بۈگۈنكى دەۋردە، سىز مەيلى نامرات بولۇڭ ياكى باي بولۇڭ، ئەقىللىق بولۇڭ ياكى دۆت بولۇڭ، ئىقتىسادىي قابىلىيەت مائارىپى سىزنىڭ كۈن كەچۈرۈشىڭىزدە مۇتلەق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بۈگۈن بىز ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. ئۇچۇر دەۋرىدىكى مەسىلە ئۇچۇرنىڭ ئۆلچەمدىن ئارتۇق بولۇپ كېتىشى، بۇ دىگەنلىك، ھازىرقى دۇنيا بەك كۆپ ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تۆۋەندىكى تەڭلىمە ئىقتىسادىي قابىليەت مائارىپنىڭ نېمىشقا بۇنچە مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇچۇر+مائارىپ = بىلىم
ئىقتىسادىي قابىلىيەت تەربىيسى بولمىسا ئادەملەر ئۇچۇرلارنى پايدىلىنىش قىممىتى بولغان بىلىمگە ئايلاندۇرالمايدۇ، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتىدۇ؛ ئۆي ئالىدىغان ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر تۈرلۈك مال– مۈلكى دەپ قارايدىغان ئىشنى قىلىدۇ؛ ئامانەت قويىدۇ، ھەرگىزمۇ 1971.يىلىدىن كېيىن پۇلنىڭ ئەمدى بۇرۇنقىدەك پۇل ئەمەس، بەلكى پەقەت ئادەتتىكى بانكا چېكى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەيدۇ؛ ھەم شۇنداقلا ياخشى سۈپەتلىك قەرز بىلەن يامان سۈپەتلىك قەرزنى پەرقلەندۈرمىگەنلىكىدىن بايلارنىڭ تاپىدىغان پۇلىنىڭ قانچە كۆپ بولسا تاپشۇرىدىغان باج نىسبىتىنىڭ شۇنچە ئاز بولىدىغانلىقىنى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي مەبلەغ سالغۇچى «پايچىك شاھى» بۇففېتنىڭ مەبلەغ سېلىشنىڭ ھەرگىزمۇ كۆپ مەنبەلىك ئەمەس تۇرۇپمۇ ناھايىتى كۆپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
تىپىرلاپ تۇرغان لالما چاشقان
كىشىلەرنىڭ مالىيە بىلىمى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيىتپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. كۆپ قىسىم مالىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەكلىپى شۇكى، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش، ئامانەت قويۇش، قەرزلەرنى تۆلەش، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، شۇنداقلا كۆپ مەنبەلىك ئورتاق مەبلەغ فوندلىرىغا مەبلەغ سېلىش. كىشىلەر لالما چاشقانغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرىغان ئەگىشىپ تىك يارغا بار كۈچى بىلەن ئېتىلىپ، سەكرەپ–تاقلىغان ھالدا بايلىق دېڭىزىغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى، تولۇق ئىشەنچىسى بىلەن بايلىقنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۈزۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ، خالاس.
بۇ كىتاپ ھەرگىزمۇ مالىيە ئىشلىرىغا مەسلەھەت بېرىش ھەققىدە يېزىلغان ئەمەس
بۇ كىتاب سىزگە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىڭىزنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ، ھەرگىزمۇ مالىيە ئىشلىرىغا مەسلەھەت بېرىدىغان كىتاب ئەمەس. بۇ كىتاب سىزنى مالىيە تەرەپلەرىدن ئەقىللىقراق قىلىپ مالىيە ئۇچۇرلىڭىزنى توغرا ھەل قىلىدىغان ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ داغدام يول بايلىق يولىڭىزنى بايقىۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئومۇمەن، بۇ كىتەب سىزگە تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇش يولى ئارقىلىق باي بولۇش ئارزۇيىڭىزغا يېتىشنى ئۆگىتىدۇ، يەنى ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!بۇ تېما ئېلان قىلىنغان مۇنازىرە مۇنبەرلەر
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21460
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-96605-keyword-.html
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-59814.html
http://www.igilik.cn/bbs/read.php?tid=567http://www.milyunir.cn/read.php?tid=168
بۇ تېما بىلىك كۇلۇبىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاپ:
uyghuronline:
بەك رەھمەت سىلەرگە! جاپا چەكتىڭلار! ئىشىنىمەنكى، بۇ كىتاب چوقۇم كۆپ قېرىندىشىمىزگە پايدىسى يېتىدۇ! ئازغىنە پىكىرىم بار ئىدى:
1. مۇقىم بىر يەرگىلا ئېلان قىلساڭلارچۇ... ... ئىزدىمەككە ئاسانراق دەيمەنچۇ.
2. ئۈچىنچى بابچۇ؟ قارىسام بىرىنچى ئىككىنچى بابتىن بىراقلا تۆتىنچى بابنىڭ گېپى بولۇپ كەتتى... ...
3. جەمئىي قانچە باب؟ ھەر بابتا قانچە قىسىم، ئېنىقراق دىگەن بولساڭلار. بىرەر بۆلەكلەردىن قاپقالماي دەيمەنچۇ.كۆپ رەھمەت!
قايتۇرۇلغان جاۋاب:
ناھايىتى ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا ۋە قىممەتلىك تەكلىپ–پىكىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بەرگەن تەكلىپىڭىزگە ئاساسەن ئازغۇن بىلەن يەنە مەسلەھەتلىشىپ باقايلى.
سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسلىگە قارىتا ئازراق چۈشەنچە بەرسەم.
يۇقىرىقى تېمىدا تىلغا ئالغاندەك:
«يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 21.فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەرجىمە ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىرىنجى ۋە ئىككىنجى باب قىسمى ئاناتىلىم بلوگىدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىندى، تۆتىنجى باب قىسمى نورۇز بايرىمىدىن ئىلگىرى ئانا تىلىم بلوگىدا ئېلان قىلىنغاندىن سىرىت، قالغان مەزمۇنلار بىردەك دەۋر بلوگىدا ئېلان قىلىنىدۇ.»بۇ ئىككى بلوگ ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلغان ئەسەر (ھەمكارلىشىشتىكى مەقسەت، كۆپرەك ئادەم كۈچى بىلەن تەرجىمىنى تېزراق كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ۋە ئۆز ئارا نازارەت ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئۆگېنىش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش)بولغاچقا يېرىمى بىر بلوگدا ، قالغان يېرىمى يەنە بىر بلوگدا ئېلان قىلىنىدۇ، يەنى قايسى بلوگ ئەزالىرى تەرجىمە قىلغان بولسا شۇ بلوگدا ئېلان قىلىنىدۇ. لېكىن خاتىرجەم بولۇڭكى بىز ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولۇشىنى مۇتلەق ئويلىشىمىز. ھەرگىز بىر تېمىنىڭ يېرىمى بۇ يەردە قالغان يېرىمى يەنە بىر يەردە بولۇپ قالمايدۇ، بەلكى بىر بابتىكى ئون نەچچە قىسىم بىر بۆلەك قىلىنىپ بىر ئورۇنغا يوللىنىلىدۇ.
4.بابنىڭ ئىشىغا كەلسەك، 4. بابنىڭ مەزمۇنى 1.2. بابتىكى ئومۇمىي مەزمۇننى قوشقاندىنمۇ كۆپ ، ھەمدە بۇ پۈتۈن كىتاب ئىچىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بىر مەزمۇن قىسمى بولغاچقا، بۇنى تەرجىمە قىلىشقا كۆپرەك ۋاقىت ئاجراتماي بولمايدۇ.
كىرىش سۆز، ئاپتورنىڭ سۆزىدىن باشقا جەمئىي كىتاب 10 باب بولۇپ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە (خەن يېزىقىدا يوللىشىمغا ئىجازەت قىلىڭ):
序
作者的话
导言 金钱会让你致富吗
第一章 什么是理财智慧
第二章 5种财商
第三章 第一财商:赚更多的钱
第四章 第二财商:守住你的钱
第五章 第三财商:预算你的钱
第六章 第四财商:撬起金钱的杠杆
第七章 第五财商:改善你的财务信息
第八章 财务健全
第九章 开发你的理财天赋
第十章 发展你的财商:一些实例قوشۇمچە: دەۋر بلوگى باشقۇرغۇچىسى دوستۇم ئازغۇننىڭ خىزمەت تەقسىماتىدا ماڭا كۆپ غەمغورلۇق قىلغىنىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيىتمەن.
收藏到:Del.icio.us

评论
مەن بلوگىمنىڭ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرغان ، ئوڭ تەرەپ سىتوندىكى خەتلەر
ئوڭ تەرەپكە توغۇرلانمىدى . توغۇرلىسام پۈتۈن بەتنىڭ ئەڭ چېتىگە كېلىۋالدى . ئىنكاس يوللايدىغان ئورۇن نورمال ئەمەس !!
ماڭا بىر يەردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن !
مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يوللاپ قويغانلىقىمنى كەچۈرۈڭ !
پېقىر ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتا بىر خەنزۇچە بلوگ تەمىلىگەن مەلۇم ئۇسلۇبنىڭ بارلىق CSS كودىنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشىگە ئاساسلىنىمەن. قارىسام سىز بۇنى خېلى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپسىز، شۇڭا قەيەرنى ئۆزگەرتىكىنىڭىز ئۆزىڭىزگە بەكرەك ئايان، ماقۇل كۆرسىڭىز مەن قولۇمدىكى شۇ كود چۈشەندۈرۈلۈشىنى سىزگە يوللاپ بېرەي، ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز.
پېقىرمۇ يېڭى ئۆگەنچى بولغاچقا، سىز سورىغان سوئالغا نەق جاۋاب بېرەلمىدىم، ئالدىڭىزدا تولىمۇ خېجىلمەن. ئۆز– ئارا ئۆگېنىپ بىرلىكتە ئالغا باسايلى!