-
باي دادا ئۈچىنجى باپ 2. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-13
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40945018.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
ئۈچىنجى باپ ئىككىنجى قىسىم
خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشتىن ئىلگىرى
مەن ئىلگىرى يازغان«باي دادا خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشتىن ئىلگىرىكى 10 سائەتلىك دەرس» ناملىق كىتابتا، تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەش جەريانىمنى، بىرىنچى قېتىم نىلۇڭ ۋە George de Mestral پۇل قاپچۇقى سېتىش دولقۇنى بازىرىنى يازغان. ئۇ كىتابتا مەن ھەربىر تىجارەتنىڭ ھەممىسى 8 خىل ئامىلدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ 8 خىل ئامىلغا ئىگە بولۇشنى بىلىمىگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەغلۇب بولۇش ياكى پايدا ئالالماسلىقىدىكى سەۋەب ئىكەنلىكىنى يازغان. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەر قانداق كارخانىچى بولۇشنى ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىجارەت قىلىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇ كىتاب ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. سىز خىزمىتىڭىزدىن ئىستېپا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشڭىز ھەقىقەتەن مۇھىم.
ئۇ كىتابتا، مەن تىجارەت قىلىپ تەخمىنەن بىر يىل ئىچىدە چوڭ ئۇتۇق قازىنىپ مىليونېر بولغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز مەغلۇب بولغانلىقىمنى يازغان. مەن ئاشۇ مەغلۇب بولغان ۋاقىتتىكى چۈشكۈنلۈك ۋە مەغلۇبىيەت تۇيغۇمنى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىش نىيىتىمنى يازغان. مېنىڭ قەرزىم ھەددى ھېسابسىز بولۇپ كەتكەن. تۇغۇلغاندىن بۇيان ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەت خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم.
ھېلىمۇ ياخشى، باي دادام مېنىڭ مەسىلىگە توغرا قارىشىمنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تىجارەتنى باشتىن باشلىشىمنى، ئەكسىچە مەسىلىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچماسلىقىمنى، ۋەيران بولغانلىقىمنى جاكارلىماسلىقىمنى تاپىلاپ تۇردى.
ئۇ ماڭا مۇشۇ پالاكەتتىن قۇتۇلالىسام مېنىڭ مالىيە ئەقىل پاراسىتىمنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇردى. بۇ بەلكىم مەن ئىگە بولغان ئەڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىر بولسا كېرەك. گەرچە بەك ئېچىنىشلىق بولسىمۇ، مەسىلىگە توغرا قاراپ كارخانىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش جەريانىدىكى ئەڭ ياخشى تەربىيە بولسا كېرەك. مېنىڭ بىر نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يۇلۇققان مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كارخانىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش جەريانىم مېنىڭ بىرىنچى ئىقتىسادى قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، بەلكى مېنىڭ مالىيە بىلىملىرى جەھەتتە تېخىمۇ ئەقىللىق كارخانىچى بولۇپ چىقىشىمنى ئىلگىرى سۈردى.
تىجارەتتە مەغلۇب بولغاندىن كىيىن قايتا باش كۆتۈرۈش، بۇ جەريان دەل مېنىڭ ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىم. مېنىڭ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى ئىشىم تىجارەتنىڭ 8 ئامىلىنى ياخشى بىرىكتۈرۈپ، B كوئوردىنات بىلەن I كوئوردىناتتىكى ئۈچبۇلۇڭنى ھاسىل قىلىشىم كېرەك. مەن ئىككىنچى قەدەمدە چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك ئىش، رىقابەت كۈچى بولغان لىكېي بازىرى① نى بايقاپ، ئۆزۈمنىڭ ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىپ چىقىشىم كېرەك.
ئويلاپ بېقىڭ، 1981-يىلى مەن قايتا باش كۆتۈرۈپ چىققاندا بازاردا باشقا ماركىدىكى پۇل قاپچۇقى ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەسىلەن، كورىيەدىن كەلتۈرۈلگەن، تەيۋەندىن كەلتۈرۈلگەن ۋە ھىندىنوزىيەدىن كەلتۈرۈلگەن داڭلىق پۇل قاپچۇقلىرى ئۆزلۈكسىز دۇنيا بازىرىغا كىرىشكە باشلىغان ۋە بازار رىقابىتىنى كەسكىنلەشتۇرىۋەتكەن. مەن ئەينى ۋاقىتتا ساتقان نىلوڭ پۇل قاپچۇقىنىڭ بازار باھاسى 10 دوللار بولۇپ ، Waikiki Beach ساھىلى ۋە دۇنيا بازىرىدىكى باھا ناھايىتى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ، بازار باھاسى ئاران 1 دوللار ئىدى. نىلوڭ پۇل قاپچۇقى ئاللىبۇرۇن مۇھىم كۈندىلىك بۇيۇم بولۇپ قالغان ئىدى. دەل سىز بىلگەندەك، كۈندىلىك بۇيۇم بازىرى تۆۋەن باھالىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. كۈندىلىك بۇيۇملىرى بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن مەن چوقۇم بىر لىكېي بازىرى تېپىشىم كېرەك، مەن داڭلىق ماركا ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئۆزگىرىشىم كېرەك. تولغىما ئۇسۇل بازىرى ماڭا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. دەل مەن «باي دادا خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشتىن ئىلگىرىكى 10 سائەتلىك دەرس» ناملىق كىتابتا يازغاندەك، مەن تۇيۇقسىز كەلگەن پۇرسەت بىلەن تولغىما ئۇسۇل بازىرىغا كىردىم. مەن بۇ ساھەدە پۇل قاپچۇقىغا تولغىما ئۇسۇل ئەترىتىنىڭ ئىسمىنى باستۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن تىجارىتىمنى ساقلاپ قالدىم. ناھايىتى تىزلا مەن Van Halen، ھونلار ئەۋلىياھى، دۇلەن خور ئەترىتى، تۆمۈر ئايال خور ئەترىتى، گېئوركىي مۇزىكا ئەترىتى ۋە باشقا مۇزىكا ئەترىتى ۋە خور ئەترىتىنىڭ نامىدا پۇل قاپچۇقى ئىشلەپچىقاردىم. مېنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىم قانۇنلۇق ھوقۇققا ئېرىشكەن مەھسۇلات بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇل قاپچۇقىنىڭ باھاسىنى قايتىدىن 10 دوللارغا تەڭشىدىم. گەرچە مەن چوقۇم مۇزىكا ئەترىتىگە نەشىر ھوقۇقى ھەققى تاپشۇرساممۇ، لېكىن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سېتىش ئورۇنلىرى بۇ قانۇنىي ھوقۇققا ئېرىشكەن تولغىما ئۇسۇل ئەتىرىنىڭ نامىدىكى مەھسۇلات ئۈچۈن چوڭ ئىشىك ئېچىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تىجارىتىم گۈللەپ راۋاجلاندى ۋە پۇل مېنىڭ يانچۇقۇمغا دومىلاپلا كىرىشكە باشلىدى.
①لىكېي بازىرى: بوش بازار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بازار ئىگىلىكىدە، بەزى كارخانىلار بازارنىڭ مەلۇم تۈگۈنگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۈچلۈك كارخانىلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز رىقابەتلەشمەيدۇ، بەلكى كەسپىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بوشلۇقتىن يىمىرىلىپ كىرىپ بازار ئىگىلەش تاكتىكىسى ئارقىلىق بازار ئىگىلەيدۇ.
مەن بۇرۇنلا ئېيتقان، مالىيە بىلىمىڭىزنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى ئالدىڭىزدىكى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش. 1981- يىلىغا بارغاندا مەن قايتا تىجارەت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدىم. شۇنىڭدىن كىيىن، باشقا بىر مەسىلە چىقتى: گەرچە ئاشۇ تۆۋەن باھالىق رىقابەتچىلەرگە ۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچى ئورۇنلارغا قايتۇرما زەربە بەرگەن بولساممۇ، مەن يەنىلا زىيانغا ئۇچۇرىدىم. بۇ يەردىكى مەسىلە: نۇرغۇن ساختا مەھسۇلات ئىشلىگۈچى ئورۇنلار كۆپىيىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئىلگىرى مېنىڭ نىلۇڭ پۇل قاپچۇقۇمنى ئوخشىتىپ ياساپ مېنى زىيانغا ئۇچراتقان رىقابەتچىلەر ھازىر مېنىڭ لىكېي بازىرىمنى قالايمىقانلاشتۇرغىلى تۇردى. ئۇلارمۇ مەن قانۇنىي ھوقۇققا ئېرىشكەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئوخشاش تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىپ سېتىشقا باشلىدى، بىراق ئۇلار تولغىما ئۇسۇل ئەترىتىگە نەشىر ھوقۇقى ھەققى تاپشۇرمايدۇ.
ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلار بىلەن بىر نەچچە ئاي تىركەشكەندىن كىيىن، بۇ جەرياندا پايدا ئالغۇچىلار پەقەت بىزنىڭ ئادۋۇكاتلىرىمىز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇلار سوت مەھكىمىسىدە مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ھەم مەندىن ھەق ئالىدۇ، ئەمما ئۇتۇق قازىنالمايدۇ. چۈنكى ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلار مەندىن ئەقىللىق، ھەرىكىتى مەندىن چاققان. بارلىق ئادۋۇكاتلار ماڭا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل تەلەپ قىلىش بەدىلىگە مېنىڭ ھوقۇقۇمنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ۋاقىت ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئۆزۈمنىڭ باشقا بىر توپ «دېڭىز قاراقچىلىرى»غا ھەق تۆلەۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بۇ «دېڭىز قاراقچىلىرى»(مېنىڭ ئادۋۇكاتلىرىم) قارىماققا مەن تەرەپتە تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ پۇلۇمنى كۆزلەۋاتقان قاراقچىلاركەن خالاس.
مەن ھازىر تىجارەت ۋە پۇل-مال ھەققىدە يېڭى بىر دەرس ئۆگىنىۋاتىمەن. بۇ ناھايىتى مۇھىم دەرس بولۇپ ، كېيىنكى باب «ئىككىنچى ئىقتىساد قابىلىيىتى: پۇلىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ» دا سۆزلىنىدۇ.
مۇنداق بىر ماقال-تەمسىل بۇلىدىغان:«ئەگەر سەن ئۇلانى يېڭەلمىسەڭ، ئۇلارغا قوشۇلۇپ كەت.» مەن مەغلۇب بولغان ئۇرۇشتا پۇل ئىسراپ قىلىشتىن زېرىكىپ كەتتىم. شۇڭا ئۆزۈم ياللىغان ئادۋۇكاتلارنى ئىشتىن بۇشىتىۋېتىپ، كورىيە، تەيۋەن ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ ساختا مال ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلاشتىم. ئۇلار بىلەن سوتتا تىركەشمىدىم، ئەگەر ئۇلار بىلەن سوتتا تىركەشسەم مەن چىقىم قىلىدىغان پۇل تاپقان پۇلدىن كۆپ بولۇپ كېتىدىكەن، مەن ئېرىشكەن قانۇنىي ھوقۇقتا ئۇلار ماڭا پۇل قاپچۇقى ئىشلەپ بەرگەندە مېنىڭ تەرنەرخىم تۆۋەنلەيدىكەن، ئادۋۇكات ھەققى تىجىلىپ قالىدىكەن ھەمدە تېخىمۇ ياخشى زاۋۇتلار مەن ئۈچۈن پۇل قاپچۇقى ئىشلەپچىقىرىپ بېرىدىكەن. ھازىر مەن پەقەت مەن ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىش-سېتىش ئىشنىلا قىلسام بولىدۇ . تىجارىتىم يەنە بىر قېتىم گۈللىنىپ كەتتى. ناھايىتى تىزلا بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز تۈرلى ماللار ماگىزىنلىرىدا ۋە تولغىما ئۇسۇل سەھنىلىرىدە ئاۋام-خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلىدى. 1982-يىلى، يېڭى تېلېۋىزور تورى، يەنى مۇزىكا تېلېۋىزور MTV تارقىتىلىشقا باشلىدى. بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز يەنە بىر قېتىم گۈللەپ كەتتى. پۇل ئۆزلۈكىدىنلا يانچۇقىمىزغا كىرىشكە باشلىدى.
1984-يىلى 1-ئايدا، مەن «تولغىما ئۇسۇل» نىلۇڭ پۇل قاپچۇقىنىڭ پاي چېكىنى باشقا ئىككى ھەمكارلاشقۇچۇمغا سېتىپ بەردىم. ھەمدە ئۆزۈم ئايالىم بىلەن ھاۋايدىن ئايرىلىپ، كالفورنىيەگە كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە بىزنىڭ سودا مائارىپى شىركىتىمىزنى قۇردۇق. مەن مەھسۇلات سېتىش بىلەن مائارىپ بىلىملىرىنى سېتىشنىڭ بۇنچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. 1985-يىلى بىزنىڭ ئەڭ جاپالىق بىر يىلىمىز بولدى. بىز بارلىق ئىقتىسادىمىزنى خەجلەپ تۈگەتتۇق، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىساد يېتىشمەسلىك تىزلا بىزنىڭ ئاساسىي قىيىنچىلىقىمىزغا ئايلاندى. ئىلگىرى مەن ۋەيران بولۇپ باققان، ئەمما ئايالىم ۋەيران بولۇپ باقمىغان. ئۇنىڭ مەن بىلەن بىرلىكتە ياشىشى ھەرگىزمۇ مېنىڭ ناھايىتى كېلىشكەن قىياپىتىم ئۈچۈن بولماستىن ، بەلكى ئۇمۇ تۇغما بولغان ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا ئامراق ئىدى. بىز بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ بىر خەلقئارالىق فوند يېتەكچىلىك قىلىش جەمئىيىتى قۇرۇپ چىقتۇق ھەمدە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ، يېڭى زېللاندىيە، سىنگاپور ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇردۇق. 1994-يىلى بىز تىجارىتىمىزنى سېتىۋېتىپ چېكىنىپ چىققانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق، ھەمدە ئۆي-مۈلۈك ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ تۈرتكىسىدە قالغان ئۆمرىمىزنى ئۆي-مۈلۈك ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.
لېكىن، بىز ئىككى يىل دەم ئېلىش تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن بۇ يەككە-يېگانە تۇرمۇشقا كۈنەلمىدۇق ھەمدە 1996-يىلى «نەق پۇل ئېقىمى» دىن ئىبارەت ئۈستەل يۈزى ئويۇنىنى كەشىپ قىلدۇق. 1997-يىلى ئۆزىمىز بىر قوللۇق ھالدا«باي دادام، نامراق دادام»ناملىق كىتابنى نەشىر قىلىپ تارقاتتۇق. 2000-يىلى يىل ئوتتۇرىسىغا بارغاندا، داڭلىق رىياسەتچى Oprah Winfrey بىزنى ئۆزىنىڭ پروگراممىسىغا بىر سائەتلىك تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدىغۇ دەيمەن.
ھازىر «باي دادام» شىركىتى بىر خەلقئارالىق شىركەت بولۇپ قالدى. بۇ مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىلگىرىكى تىجارەتتە مەغلۇب بولۇشتىن ئۆگەنگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرىمنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە. ئەگەر مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدىن ئۆزلۈكسىز ئۆگەنمىگەن بولسام، مېنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلىرىم بولمىغان بۇلاتتى. ئەگەر مەن ئۆز ۋاقتىدا مەغلۇبىيەتتىن باش كۆتۈرەلمەي بەل قۇيۇۋەتكەن بولسام، سىزمۇ بۇ كىتابنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بولاتتىڭىز.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
收藏到:Del.icio.us
