<<  باي دادا ئۈچىنجى باپ 2. قىسىم | باش بەت | باي دادا ئۈچىنجى باپ 4. قىسىم  >>
  • باي دادا ئۈچىنجى باپ 3. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-06-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41026760.html

    باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    ئۈچىنجى باپ ئۈچىنجى قىسىم  

    ھەر بىر نىشانغا يىتىشنىڭ جەريانى بولىدۇ


    ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز، ھەر قانداق بىر نىشانغا يىتىش ئۈچۈن بىر جەريان كېرەك، بۇ جەرياندا بىز تېرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، بىر دوختۇر بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم قاتتىق ئېغىر بولغان تەربىيىلەش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشىمىز كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ لېكىن جاپالىق جەريان ئۇلارنىڭ دوختۇر بولۇش قەدىمىنى توسۇپ قۇيىدۇ. كىتابنىڭ بېشىدا سىز مېنىڭ مەقسەتكە يىتىش جەريانىمنى ئوقۇدىڭىز، بۇ جەريان دەل خىزمەت قىلىش جەريانىدۇر.
    كىشىلەردە «بىرىنچى ئىقتىسادى قابىلىيەت: كۆپ پۇل تېپىش» كەمچىل بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى ئۇلار پۇلغا ئېرىشىشىنى ئويلايدۇيۇ ئەمما جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تا ھازىرغىچە ئۇلارنى باي قىلىدىغاننىڭ پۇل بولماستىن بىر جەريان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەن. نۇرغۇن لاتارىيەدە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋە زور ئائىلە مىراسىغا ئېرىشكەن«بايۋەچچىلەر» تىزلا ۋەيران بولىدۇ ، سەۋەبى ئۇلار پۇلنى قوبۇل قىلدى ئەمما پۇل تېپىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمىدى. باشقا بىرخىل كىرىم قىلىش ئۇسۇلى- خىزمەت قىلماي ھەقكە ئىگە بولۇشنى ئويلاشتى ئىبارەت. ئادەم باي بۇلالماسلىقنىڭ سەۋەبى: ئۇلار مۇقىم بولغان كىرىمگە ئېتىبار بېرىپ، مالىيە بىلىملىرى جەھەتتە ئەقىللىق بولۇشنى ھەمدە شۇ ئارقىلىق باي بولۇشنى ئۆگىنىشكە سەل قارىغانلىقىدىن بولغان. ئۇلار نامراتلىق ۋەھىمىسىدىن قورقۇپ كەتكەن، دەل مۇشۇ ۋەھىمە ئۇلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىغا ئامالسىز قالدۇرغان. شۇنداقلا ئۇلار قانداق باي بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان.

    بىز ھەممىمىز ئوخشىمايمىز


    بىز ھەممىمىز ئوخشىمايمىز، بىزنىڭ ھەربىرىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا كەمچىلىكىمىز ۋە ئارتۇقچىلىقىڭىز بار. بىز ھەر بىرىمىز ئوخشاش بولمىغان جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ ئوخشاش بولمىغان سەزگۈرەشتىلەرگە دۇچ كېلىمىز. بەزىلەر تۇغما سېتىش قابىلىيىتىگە ئىگە، ئەمما مەن ئۇنداق ئەمەس. مېنىڭ بىرىنچى مەسىلەم مەن سېتىش ۋە باشقىلار ماللىرىمنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىش ۋەھىمىسىنى يېڭەلمەيمەن. بەزىلەر تۇغما كارخانىچى بولۇش قابىلىيىتىگە ئىگە، ئەمما مەن ئۇنداق ئەمەس. مەن چوقۇم قانداق قىلغاندا بىر كارخانىچى بولغىلى بولىدىغانلىقىنى قېتىر-قېنىپ ئۆگىنىشىم كېرەك.

    مەن بۇنداق دېيىشىم ھەرگىزمۇ سىزنى چوقۇم مال سېتىشنى ئۆگىنىڭ، ياكى چوقۇم كارخانىچى بۇلۇڭ دېمەكچى ئەمەس. بۇ مېنىڭ جەريانىم، ئەمما سىزگە بۇ جەرياننىڭ ماس كېلىشى ناتايىن. سىزنىڭ بىرىنچى ئىقتىساد قابىلىيىتىڭىزنى: «كۆپ پۇل تېپىش»نى ئۆستۈرۈشتە بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز كۆپ پۇل تېپىش ئۇسۇلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قارار قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر سېزنىڭ «كۆپ پۇل تېپىش» ئۇسۇلىڭىز بىر دوختۇر بولۇش بولسا، ئۇنداقتا تېببىي ئىنىستىتۇت ياكى تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىڭ. ئەگەر «كۆپ پۇل تېپىش» ئۇسۇلىڭىز داڭلىق گولف توپى ماھىرى بولۇش بولسا، ئۇنداقتا ئەستايىدىللىق بىلەن توپ كىرگۈزۈشنى مەشىق قىلىڭ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاۋۋال نىشانىڭىزنى بېكىتىۋېلىپ ئاندىن جەرياننى تاللاڭ.
    چوقۇم مەڭگۈ ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى: جەريان ھامان نىشاندىن مۇھىم.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى