<<  باي دادا ئۈچىنجى باپ 3. قىسىم | باش بەت | باي دادا ئۈچىنجى باپ 5. قىسىم  >>
  • باي دادا ئۈچىنجى باپ 4. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-06-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41026967.html

    باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    ئۈچىنجى باپ تۆتىنجى قىسىم  

    ھېسيات ئەقىل-پاراسىتى


    بۇ يەردىكى مۇھىم بىر نۇقتا ، سىز چوقۇم مالىيە ئەقىل-پاراسىتىنىڭمۇ بىر ھېسيات ئەقىل-پاراسىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك.

    دۇنيادىكى ئەڭ باي مەبلەغچى ۋارىن بافىت Warren E. Buffett مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېسياتىنى باشقۇرالمىسڭىز، ئۇنداقتا پۇلىڭىزنى باشقۇرالمايسىز»، سىز باشتىن كەچۈرمەكچى بولغان جەريانمۇ ئوخشاش. مېنىڭ ئەڭ جاپالىق سەزگۈرەشتەم: چۈشكۈنلەشكەن ۋاقتىمدا چېكىنىپ چىقماي ھەم مەغلۇب بولغاندا ئىرادەمنى يوقاتماي ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا داۋاملىق ئۆگىنىش.
    نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جەرياندا مەغلۇب بۇلىشىدىكى بىر سەۋەب، ئۇلار بىر قېتىمدىلا رازى بولغىدەك ئۈنۈمگە ئىگە بولالمىسىلا چىدىيالمايدۇ. مەن ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتنى قوبۇل قىلىشىمنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ئاساسلىقى رازىمەنلىك ھېسياتىنى كىچىكتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈش. نۇرغۇن كىشىلەر بۈگۈنكى بىر نەچچە دوللار ئۈچۈن ئەتىكى تېخىمۇ كۆپ دوللارلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيىدۇ. مەن 20~30 ياشلاردا ھەرگىزمۇ كۆپ پۇل تاپمىغان، ئەمما بۈگۈن مەن مىلياردېر بولدۇم.
    ھېسياتىمنى قۇتراتقۇچى ئامىل ۋە ۋاقىتلىق رازىمەنلىك تۇيغۇمنى كېچىكتۇرگەندىن كىيىن، مېنىڭ مالىيە بىلىملىرى جەھەتتە تەرەققىي قىلىشىمغا زور پايدىسى بولدى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، پۇلنى تىلغا ئالغاندا ھېسيات پاراسىتى ھەممىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ. ئۇ كەسىپي پاراسەت ۋە ئىلىم پاراسىتىدىن مۇھىم. مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر ۋەھىمە سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىدۇ. گەرچە ئۇلار ئارزۇ سەپىرىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇبىيەتكە يۇلۇققاندا بەل قۇيىۋېتىشنى تاللايدۇ-دە مەغلۇب بولۇپ ئۆزىگە مەسئۇل بۇلىدىغان چاغدا تەڭرىدىن ۋە باشقىلاردىن ئاغرىنىدۇ.
    ئاسان بەل قويۇۋېتىدىغان كىشىلەر ناھايىتى تەستە ئۇتۇق قازىنىدۇ
    بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر ياش مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئۇ ھەقىقەتەن ئەقىللىق، زېرەك ئىدى. سودا سانائەتنى باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ يەنە نۇرغۇن پۇل تاپقان ئىدى. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنى سىناپ باققان، ئەمما مەغلۇب بولغان. ئۇلار بىر كىچىك دائىرىدىكى ئالاھىدە تىجارەت قىلىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان، بىراق مەغلۇب بولغان. ئۇلار يەنە بىر ساناتورىيەنى سېتىۋالغان، بىراق كۈتۈلمىگەندە كېسەل ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق بىساتى يوققا چىققان.

    مەن بۇ ئىككى ياش ئەر-ئايالنى تىلغا ئېلىشىمدىكى مەقسەت ، ئۇلار مەغلۇبىيەتكە دۇچ كېلىشى دەل ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە سەل قارىغانلىقىدىن بولغان. ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت يولىغا قەدەم قويۇشىغا ئۆگىنىشكە سەل قارىغانلىقى سەۋەب بولغان، ئۇلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھامان، مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئالماي، بەل قويۇۋەتكەن. ئۇلار ئۆزلۈكسىز ھالدا يېڭى تىجارەت ئۇسۇلىنى تاللاپ تېرىشىش روھى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ. ئەمما ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ھامان، ئۇلار داۋاملاشتۇرۇشنى توختىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۇدا مەغلۇب بولغان. ئۇلار ئەزەلدىن قىيىن ئۆتكەلدىن قەددىنى رۇسلاپ ئۆتۈپ باقمىغان، ھەم مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئالمىغان. ئۇلار ئۆزىنى باي قىلىدىغان پۇل بولماستىن، بەلكى بىر جەريان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەن.

    مەن باي دادامدىن ئۆگەنگەن ئەڭ تەس دەرسىم: «چوقۇم بۇ جەرياننى ئودا ئۇتۇق قازانغىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. » دىن ئىبارەت.

    مەن  شىلې Xerox Corporation شىركىتى  Xerox Corporation دە ئاۋارىچىلىققا يۇلۇققانلىقىمنىڭ سەۋەبى، مەن مال سېتىشتا نەتىجەم ياخشى بولمىغان، دەل شۇ پەيتتە مەن بەل قۇيىۋېتىشنى ئويلاشقان، چۈنكى مەن دائىم مالنى قولدىن چىقىرالمايتتىم. شۇ ۋەجىدىن مەن پۇل تاپالمايتتىم. ئەمەلىيەتتە ، خونۇلۇلۇلاردا ياشاش جەريانىدا مېنىڭ چىقىمىم مەن تاپقان پۇلدىن كۆپ ئىدى. باي دادام ماڭا:«ئۇتۇق قازانغاندا چېكىنىپ چىقىشقا بولىدۇ ، ئەمما مەغلۇب بولۇش سەۋەبىدىن بەل قۇيۇۋېتىپ چېكىنىپ چىقىشقا بولمايدۇ.» دەپ تەلىم بېرەتتى. 1978-يىلىغا بارغاندا، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بۇ تىجارەتكە كىرىشتىم. بۇ تىجارەتنى باشلىغاندىن كىيىن مەغلۇب بولدۇم. مەن يەنە بىر قېتىم بەل قويۇۋەتمەكچى بولغىنىمدا باي دادام ماڭا يەنە:«جەريان نىشاندىن مۇھىم.» دەپ ئەسكەرتىش بېرىپ تۇردى. مەن قاتمۇ-قات قەرزگە بوغۇلۇپ پۇل قىيىنچىلىقى تارتقان ۋاقىتتا، باي دادام يەنە ئەگەر مېنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىسام، قايتا پۇل مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالايدىغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ تۇردى. مەن شۇنىڭ بىلەن قانداق تىجارەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. ھەمدە مالىيە بىلىملىرىدە تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم. بىراق مەن ئاۋۋال كۆز ئالدىمدىكى مەسىلىنى چوقۇم ھەل قىلىشىم كېرەك.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى