-
باي دادا ئۈچىنجى باپ 5. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-17
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41027357.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
ئۈچىنجى باپ بەشىنجى قىسىم
پۇلنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى
بۇ كىتابنىڭ باش قىسمىدا، مەن ئىككى خىل مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتكەن. يەنى، بىر مەسىلە: خەجلەشكە پۇل يوق؛ يەنە بىر مەسىلە: پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىش. 1974-يىلى، مەن دېڭىز ئارمىيىسىدىن ئايرىلغاندا ئۆزۈمنىڭ چۇقۇم قايسى خىل پۇل مەسىلىسىنى تاللىشىم ھەققىدە كۆپ ئويلانغان. ئەگەر مەن خەجلەشكە پۇل يوق بولۇش مەسىلىسىنى تاللىسام، ئەلۋەتتە ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىگە بېرىپ ئىلگىرىكى خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇرسام بولىدۇ ياكى بىر ئۇچقۇچى بولسام بولىدۇ . ئەگەر مەن «پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىش.» مەسىلىسىنى تاللىسام، مەن شىلې شىركىتى Xerox Corporation نىڭ تەمىنلىگەن ئىش ھەقىقىي بەك تۆۋەن بولسىمۇ يەنىلا شىلې شىركىتى Xerox Corporation دە خىزمەت قىلسام بولىدۇ . سىز كۆرگەندەك مەن ئەڭ ئاخىرى يەنىلا پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى تاللىدىم.
مەن پەقەت پۇلغىلا قارىماي بەلكى تەربىيە قوبۇل قىلىشىم كېرەك. مەن شىلې شىركىتى Xerox Corporation نى تاللىشىم، مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ياراملىق كېمە ئەزاسى بولۇپ چىقالىشىمغا ئىشىنەتتىم. ئەلۋەتتە، مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچىمۇ بولالايمەن. ئەمما مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى بولۇپ چىقالشىمنى ياكى مەغلۇب بولىشىمنى بىلمەيمەن. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىپ تۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلىيەلىشىمگىمۇ ئىشىنىمەن. ئەگەر مەن مەغلۇبىيەت ۋە نامراتلىق سەۋەبىدىن بەل قويۇۋەتسەم ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيمەن.
كىشىلەرنىڭ بىرىنچى ئىقتىساد قابىلىيىتىنى ئاشۇرالماسلىقىنىڭ سەۋەبى: ئۇلار ئۆزى بىلگەن ئىشنى قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمىغان ۋە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشنى خالىمىغان. ئۇلار دائىم ناھايىتى دىققەت بىلەن ئىش قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ سىزنى چوقۇم ئەخمىقانىلىك ۋە خەۋپ-خەتەرگە پىسەنت قىلماستىن ئىش كۆرۈڭ دېگەنلىك ئەمەس. نۇرغۇن ئىشلارنى بىز قىلالايمىز، ئەمما بىز بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتساق بولىدۇ . مەسىلەن، مەن جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ياماشسام بولىدۇ . مەن يەنە دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئۇچقۇچى بولساممۇ بولىدۇ ۋە ياكى مەن يەنە سىياسىي سەپكە قېتىلىپ مەمۇرىي بولساممۇ بولىدۇ . مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن كېيىنكى قەدەمنى باسسام بولىدۇ ھەم تاللاپ ئولتۇرۇشۇم ھاجەتسىز. مەن دائىم ئۆز-ئۆزۈمدىن مۇنداق سورايمەن:«ئەگەر مەن بۇ جەڭنى قوبۇل قىلسام ھەم ئۇتۇق قازانسام، مېنىڭ تۇرمۇشۇم قانداق بولۇپ كېتەر؟» مەن سىزنىڭمۇ ئۆزىڭىزدىن ئوخشاش سوئالنى سوراپ تۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
«مۆجىزىنىڭ ياراتقۇچىسى» ناملىق داڭلىق فىلىمنىڭ باش رولچىسى خېلېن كېلېر Helen Keller مۇنداق ئېيتقان: «تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر مەيدان مەردانىلىق بىلەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتۇر....، ياكى ھېچنېمە ئەمەس.» مەن بۇ قاراشقا قوشۇلىمەن . مېنىڭچە بىرىنچى ئىقتىسادى قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، تۇرمۇشنى بىر قېتىملىق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش جەرياندىن ئۆگىنىش دەپ قاراش كېرەك. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز ئەسلىدىنلا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىق ۋە خەتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. لىكىن تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر ئۆگىنىش جەريانى، ئۆگىنىشنىڭ ئۆزى بىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتۇر.
بۇمۇ مەن نېمە ئۈچۈن پاراخوت ئەزاسى بولماسلىق ياكى ئۇچقۇچى بولماسلىق ھەققىدە جاۋاب بەرمەسلىكىمنىڭ سەۋەبى. گەرچە بۇ ئىككى خىزمەتنىڭ ھەر ئىككىسىنى ياخشى كۆرسەممۇ، لېكىن بۇمۇ بىر يېڭى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش پۇرسىتىدىن ئىبارەت. ئىدراك ھەرگىزمۇ كونا جاۋابنى ئەستە تۇتۇش، خاتالىقتىن ساقلىنىش ئەمەس. بۇ دەل بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپنىڭ پاراسەتكە بەرگەن ئاتالغۇسى. ھەقىقىي توغرا بولغان پاراسەت مەسىلىسنى قانداق ھەل قىلىشنى ئۆگىنىپ تېخىمۇ چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. ھەقىقىي پاراسەت مەغلۇب بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋەھىمىسى ئېلىپ كەلمەستىن بەلكى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
