-
باي دادا ئۈچىنجى باپ 6. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-17
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41027430.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
ئۈچىنجى باپ ئالتىنجى قىسىم
كۆپ پۇل تېپىش
مالىيە ئەھۋالى ۋە نەق پۇلنىڭ ئايلىنىشى رەسىمىنى بىر يەرگە قويساق، سىز بەلكىم بىرىنچى ئىقتىساد قابىلىيەت «كۆپ پۇل تېپىش»قا نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن.يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىناتتىكى كىشىلەر پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. كەلگۈسىدە ئۇلار مۇقىم ئىش ھەققىگە ئىگە بولۇپ شېرىنكانىغا ياكى سائەتلىك ھەقكە ئىگە بولىدۇ . B كوئوردىنات ۋە I كوئوردىناتتىكىلەر مۈلۈك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. چۈنكى مۈلۈك نەق پۇل ئېقىمى ھاسىل قىلىدۇ ياكى مۈلۈكنىڭ قىممەت ئاشۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
مەن ئۇچقۇچى ياكى كېمە ئەزاسى بولغان ساۋاقداشلىرىمغا قارىغاندا كۆپ پۇل تېپىشىمدىكى سەۋەبنىڭ بىرى، ئۇلار ئىش ھەققى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئەمما مەن بىر كارخانىچى بولۇپ مۈلۈك يارىتىشقا ۋە مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پايدىغا ئېرىشىشنى ئويلايمەن. دېمەكچىمەنكى، E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىناتتىكى كىشىلەر كىرىمگە ئېتىبار بەرگۈچىلەر، ئەمما B كوئوردىنات ۋە I كوئوردىناتتىكىلەر مۈلۈككە ئېتىبار بەرگۈچىلەردۇر.
E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىناتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، چۈشىنىش ئەڭ تەس بولغىنى B كوئوردىنات ۋە I كوئوردىناتتىكىلەر پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت. B كوئوردىنات ۋە I كوئوردىناتتىكىلەر ئەركىنلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش قىيىن بولغان مەسىلە. E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىناتتىكى كىشىلەر پەقەت ھەق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ھەمدە ئۇلار خىزمەتتىن بۇرۇن ئالدىن ئالا ھەق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەركىنلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۇلار تارىختىن بۇيان خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ باقمىغان ئىش بولسا كېرەك. E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىناتتىكى كىشىلەر بەلكىم پىدائىي بولۇپ خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مۇمكىن ياكى يۈكسەك ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. ئەمما شەخسىي كىرىمنى تىلغا ئالغاندا ئۇلار پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۇلار مۈلۈك قۇرۇش ياكى مۈلۈككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ.
بوغالتىرىيە سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىناتتىكى كىشىلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، B كوئوردىنات ۋە I كوئوردىناتتىكىلەر پاسسىپ كىرىم ياكى مۈلۈككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
تۆتىنچى باب «پۇلىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ»دا سىز نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان كىرىم قىلىش ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى چوڭ مالىيە پەرقى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. تاپقان پۇلىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ئەڭ تەس. ھەرخىل زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش تەس. شۇڭا پۇل تېپىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ مالىيە جەھەتتە ئەقىللىق ھېسابلانمايدۇ.
نۇرغۇن ئەركىن ئىشچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىجارىتى يوق، ئۇلارنىڭ ئىگە بولغىنى پەقەت خىزمەتلا خالاس. ئەگەر ئەركىن ئىشچىلار خىزمەت قىلىشنى توختاتسا، ئۇلارنىڭ كىرىمىمۇ توختايدۇ ياكى ئازلايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، خىزمەت ھەرگىزمۇ مۈلۈك ئەمەس. مۈلۈك دېگىنىمىز سىز مەيلى خىزمەت قىلىڭ ياكى خىزمەت قىلماڭ، يەنىلا كىرىم بولىدىغان نەرسە بايلىق. ئەگەر سىز تېخىمۇ كۆپ E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىنات، B كوئوردىنات ۋە I كوئوردىنات ھەققىدىكى بىلىمگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز مەن سىزنىڭ «باي دادام» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ ئىككىنچىسى « باي دادا مالىيە ئەركىن يولى » ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
收藏到:Del.icio.us

评论