<<  باي دادا ئۈچىنجى باپ 6. قىسىم | باش بەت | باي دادا ئۈچىنجى باپتىن خۇلاسە  >>
  • باي دادا ئۈچىنجى باپ 7. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-06-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41027535.html

    باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    ئۈچىنجى باپ يەتتىنجى قىسىم  

    نېمە ئۈچۈن بايلار تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدۇ؟

    تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرسىڭىزلا بايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز

    نامراتلار ۋە ئوتتۇرا بورژۇئازىيىلەر كىرىمېنىڭ تۆۋەن بۇلىشىدىن قايغۇرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار پۇل ئۈچۈن ياكى بىر مۇقىم خىزمەت ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پەيدا قىلىدىغان مەسىلە، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم تېخىمۇ تېرىشىپ خىزمەت قىلىشىڭىز، خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشىڭىز ۋە ياكى تېخىمۇ كۆپ ئىشنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېشلىشىڭىز كېرەك. تېخىمۇ تېرىشىپ خىزمەت قىلىش، خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش ۋە ياكى تېخىمۇ كۆپ ئىشنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلە بولسا، بىزنىڭ ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىز  زور چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
    بايلار تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ھەر يىلى يېڭىدىن مۈلۈك قۇرىدۇ ياكى يېڭىدىن مۈلۈككە ئىگە بولىدۇ . مۈلۈكنى كۆپەيتىش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ياكى خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھاجەتسىز. ئەمەلىيەتتە ، بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسادى قابىلىيىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئەلۋەتتە، تېخىمۇ كۆپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى مۈلۈككە ئىگە بۇلغاندا ئېرىشىدىغان پۇلمۇ شۇنچە كۆپ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى شۇنچە قىسقا بولىدۇ . ئويلاپ بېقىڭ، مۈلۈك كىرىم قىلسا، ئەلۋەتتە بايلار باي بولمامدۇ؟
    ھەر يىلى، مەن ئايالىم بىلەن شۇ يىلى قانچىلىك مۈلۈككە ئىگە بولۇش ھەققىدە پىلان تۈزىۋالىمىز. بىزنىڭ پىلان تۈزىشىمىز تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش بولماستىن، قانچىلىك مۈلۈككە ئىگە بولۇش . 1989-يىلى، ئايالىم ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ پىلانى 10 يىل ئىچىدە 20 ئولتۇراق بىناسىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئۇ ۋاقىتتا، بۇ قارىماققا ناھايىتى چوڭ ۋەزىپە ئىدى. ئايالىم ئورېگوننىڭ پورتلاند شەھىرىدىكى ئىككى ئېغىز ياتاق ۋە بىر تازىلىق ئۆيى بار بولغان ئۆيدىن ئىش باشلىغان. 2 يىل ئەمەس بەلكى 18 ئاي ئىچىدە 20 ئولتۇراق بىناسىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانىنى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى. ئايالىم نىشانىغا يەتكەندىن كىيىن بۇ ئۆيلەرنى سېتىپ 1000000 دوللار پايدا ئالدى. كىيىن ئۇ ئارىزونا شىتاتىنىڭ فېنىكىس شەھىرىدىن تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ياخشى ئۆي-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ قالدى. بۇ ئۆي-مۈلۈك تېخى باجنى كەچۈرۈم قىلغان مۈلۈك ئىدى.
    مېنىڭچە مۈلۈك مۇنداق ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: قەغەز مۈلۈك ۋە قاتتىق مۈلۈكتىن ئىبارەت. قەغەز مۈلۈك دېگىمىزنى پاي چېكى، زايوم ، تاشقى پروۋوت ۋە نەق پۇلنى كۆرسىتىدۇ. قاتتىق مۈلۈك دېگىنىمىز: يەر، ئالتۇن ۋە نېفىتنى كۆرسىتىدۇ.
    2007-يىلى، ئايالىمنىڭ نىشانى 500 يۈرۈش ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆينى ئۆزىنىڭ مەبلەغ بىرىكمىسىگە كىرگۈزۈش بولۇپ ، ئۇ ھازىر 1000 يۈرۈش ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆيگە ئىگە بولۇپ بولدى. بۇ ئۆيلەر ھەر ئايدا ئايالىم ئۈچۈن كىرىم قىلىدۇ. بۇ خىل كىرىمنىڭ بېجى ئەڭ ئاز بولىدۇ . ئايالىم نۇرغۇن ئەر كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ پۇل تاپتى. ھەمدە ئۇ ئاللىبۇرۇن بىر كارخانىچى I كوئوردىناتتە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بولدى. مېنىڭ نىشانىم بولسا سودا مۈلۈكۈم ۋە مەھسۇلاتلىرىمدىن پايدىلىنىپ، نەق پۇل ئېقىمى ھاسىل قىلىپ چوڭ دائىرىدە نېفىت ، ئالتۇن ۋە كۈمۈش كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىش. بىر مائارىپ ئىگىلىكىدىكى كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ھەر قېتىم كىتاب يازسام دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 50 نەچچە نەشرىياتخانا نەشىر قىلىش بېجىغا ئىگە بولىدۇ ھەم ئۇزۇن يىل داۋاملىشىدۇ. مەن يەنە بىر ئالاھىدە تىجارەت ھوقۇق سىستېمىسىنى كۆپەيتتىم. «تولغىما ئۇسۇل»پۇل قاپچۇقى تىجارىتىدە، مەن ھوقۇققا ئىگە بولغۇچىغا قارىغاندا ھوقۇق بېرىلگۈچى بەكرەك پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالغان. گەرچە مەن ئۆي-مۈلۈكچىلىكنى ياخشى كۆرسەممۇ لېكىن مەن B كوئوردىناتتىكى كارخانىچى بولۇشنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن .
    مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ھەرگىزمۇ ئۆز نەتىجىلىرىمنى كۆز-كۆز قىلماقچى ئەمەسمەن. ئەمەلىيەتتە ، مەن بىزنىڭ مۈلۈكىمىزنىڭ قىممىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايمەن. كېيىنكى بابدا سۆزلىنىدىغان«بايلىقىڭىزنى ساقلاپ قېلىش»ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغىنىڭىزدا بايلىقىڭىزنىڭ قىممىتىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىش قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىسىز.
    مەن شۇنچە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بىزنىڭ قانداق تىجارەت قىلىشىمىزدىكى جەرياننى ئاشكارىلىشىمدىكى سەۋەب، ئايالىم ئىككىمىز ئىقتىساد قابىلىيەت مائارىپى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادى قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرىمىز. ھازىر ئىقتىسادى قابىلىيەت مائارىپىدا بىر مەسىلە ساقلانغان بولۇپ ، ئىقتىسادى قابىلىيەت مائارىپى ھەققىدە سۆزلىگۈچىلەر ۋە ئىقتىسادى قابىلىيەت مائارىپى بىلىملىرىنى ئورتاقلاشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىناتتىكى كىشىلەر بولۇپ ، ئۇلار ياللانما خىزمەتچىلەر ياكى ئەركىن ئىشلەمچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچە كىشىلەر ھەرگىزمۇ بايلار تەبىقىسىدىكىلەر ئەمەس. نۇرغۇن مۇخبىرلار پۇل ھەققىدە خەۋەر يازغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىدە كۆپ پۇل يوق. بەزىلەر مال ساتقۇچى، مەسىلەن، پاي چېكى ۋە ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچى. بۇ مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدە، بەزىلەرنىڭ ئىگە بولغىنى ئوخشاشلا E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىناتتىكى كىشىلەر ئىگە بولغان ئىقتىساد بىلەن ئوخشاش. ئۇلارنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىش پىلانى كۆپىنچىسى پاي چېكى، زايوم ۋە بىرلەشمە فوند. نۇرغۇن كىشىلەر پاي چېكى بازىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تەشنا، چۈنكى ئۇلار دەم ئېلىشقا چىققاندا ئەگەر پاي چېكى بازىرى كاززاپ بولسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قىيىنلىشىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى داۋاملىق تۆۋەنلىسە ياكى پۇل پاخاللىقى يۈز بەرسە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قولى تېخىمۇ قىسقا بولۇپ قالىدۇ.
    يىغىنچاقلىغاندا، نۇرغۇن مالىيە مۇتەخەسسىسلىرى مالىيە تەكلىپى بەرگەندە، ئۇلار ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش پىلانى زادى ئەمەلگە ئاشامدۇ يوق ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلسە ئاللىبۇرۇن دەم ئېلىشقا چىققان بۇلاتتى.
    ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ دەم ئېلىش پىلانىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى بىلىمىز.  بۇنى بىلىشمىزدىكى سەۋەب، ھەر ئايدا مۈلۈكىمىزدىن قىلغان كىرىمىمىز بۇنى ئىسپاتلايدۇ. بىز كەلگۈسى تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن پۇل ساقلىشىمىز، مەبلەغ سېلىشىمىز ياكى زايومغا مەبلەغ سېلىشىمىز ھاجەتسىز. ئەگەر بىزدە ھېچنېمە يوق دېگەندىمۇ بىز يەنىلا ھەقىقىي مۈلۈك، ئىقتىسادى قابىلىيەت بار. بىز يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقالايمىز. چۈنكى بىز پۇل تېپىشقا دىققەت قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۆگىنىشكە دىققەت قىلىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ بايلىقىنى E كوئوردىنات ۋە S كوئوردىناتتىكى كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرمەستىن بەلكى ئۆزىمىزنىڭ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىمىز. دەل باي دادام دېگەندەك:«پەقەت مەبلەغ سېلىشقا ياكى ئۆزلۈكىدىن تىجارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بەرسەڭ، بۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ مەبلەغ سالغۇچى ياكى خوجايىن ئىكەنلىكىڭنى ئىپادىلىمەيدۇ.» دىن ئىبارەت.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى