<<  باي دادا ئۈچىنجى باپ 7. قىسىم | باش بەت | چۈشەنمەيسەن  >>
  • باي دادا ئۈچىنجى باپتىن خۇلاسە - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-06-22

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41027594.html

    باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    ئۈچىنجى باپتىن

    قىسقىچە خۇلاسە

    تۆۋەندىكى رەسىمدىن سىز كۆپ پۇل تېپىشنىڭ سىرىنى بايقايسىز.


    باي بولۇش ئۈچۈن سىز چوقۇم مۇنداق بىر ئەمىلىيەتنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك: مەسىلە ئەزەلدىن ئۆزلۈكىدىن ھەل بولمايدۇ. سىز بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندىن كىيىن، يېڭى بىر مەسىلىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايسىز. مۇھىمى، سىز چوقۇم مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانى ھەقىقىي باي بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالىسىڭىزلا ئاندىن باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالايسىز. سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز توسالغۇسىز بولىدۇ .
    كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغان كىشىلەرگە ھەق تۆلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇرىدۇ. مەسىلەن، مەن دوختۇرۇمغا ھەق بېرىپ ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىكىمنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايمەن. مەن ئائىلە باشقۇرغۇچۇمغا ھەق بېرىپ ئۆيۈمنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلايمەن. مەن تاللا بازىرىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىمەن، چۈنكى نەرسە-كېرەك يىمىگەندە مەن ئاچلىق ھېس قىلىمەن ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن. مەن ئاشخانا خوجايىنغا ھەق بېرىمەن، چۈنكى ئۇ مېنى ياخشى تاماق ۋە ئەلا مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەن مەمۇرلارنىڭ مائاشى ئۈچۈن باج تاپشۇرىمەن، چۈنكى مەمۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. مەن چېركاۋلارغا پۇل ئىئانە قىلىمەن، چۈنكى مەن بۇ ئارقىلىق مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكلەشكە ئېرىشىمەن ھەم ئۆز ئېتىقادىمنى كۈچەيتەلەيمەن.
    ئايالىم نۇرغۇن پۇل تاپتى، چۈنكى ئۇ ئەلا سۈپەتلىك ئۆي سېتىۋېلىشتەك ئېغىر يۈكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتەك مەسىلىنى ھەل قىلدى. ئۇ ھەل قىلغان مەسىلىلەر قانچە كۆپ بولغانسېرى ئۇنىڭ تاپىدىغان پۇلىمۇ شۇنچە كۆپ بولدى. مەن بولسام كىشىلەرنىڭ ئىقتىساد قابىلىيىتى مائارىپىغا بولغان جىددىي ئېھتىياجى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن.
    مۇنداقلا ئېيتقاندا، كۆپ پۇل تېپىشنىڭ مىلياردلىغان ئۇسۇلى بار، ئەگەر «مىلياردلىغان ئەگەردە»نى ساناپ تۈگەتكىلى بولسىلا، مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ.
    ئەڭ مۇھىمى، سىز زادى قايسى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلىشىڭىزدا؟ سىز ھەل قىلغان مەسىلە قانچە كۆپ بولغانسېرى سىز شۇنچە باي بولۇپ كېتىسىز.
    نۇرغۇن كىشىلەر ئىش قىلماي ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ، ھەر قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالىمايدۇ. ياكى ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى ھەل قىلماقچى بولغىنىدىن كۆپ. مەن بىرلەشمە تىرانسىپورت شىركىتىگە بېرىپ خىزمەت قىلماسلىقىمدىكى سەۋەب، مەن بىر ئاددىي ئىشچى بولماستىن، بەلكى بىر كارخانىچى. ئەمەلىيەتتە ، ھازىر ئامېرىكىدىكى دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتى ئاز بۇلىشىدىكى سەۋەب، ترانسپورت شىركىتىدەك شىركەتلەرنىڭ تەننەرخى بەك يۇقىرى. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن پورت بېكەتلەرنىڭ پەقەت ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىگىلىكىدە بۇلىشىدىكى سەۋەبمۇ دەل مۇشۇ. بۇ يەنە ئانا مەكتىپىم ئامېرىكا كېمىسازلىق ئىنىستوتىدىكى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش تاپالماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. بۇ دەل ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە ھەل قىلماقچى بولغان نەرسىدىن كۆپ بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىدۇر.
    نامرات دادام بىر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئەمەلىيەتتە ، ئۇ گاۋاي(ھاۋاي) شىتاتى ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى. مەن ئۇنىڭ خىيالىنى چۈشىنىمەن. ئۇنىڭ خىيالى، ئوقۇتقۇچى بىر كوللېكتىپ تەشكىللىگەندە، تېخىمۇ چوڭ ھوقۇقى بولىدۇ . ئەگەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بولمىسا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ ، پاراۋانلىق مۇلازىمىتى تېخىمۇ ناچار بولىدۇ . ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى بولمىسا مائارىپ بۈگۈنكىدىن جاپالىق بولىدۇ .
    مېنىڭ باي دادام بىر كارخانىچى، كارخانىچى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسى بولىدۇ . ئەگەر كەڭ ئىستېمالچىلار يۇقىرى باھا بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى مەھسۇلاتقا ئېرىشەلمىسە، ئۇ ھالدا بازار سىزنى جازالايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، كارخانىچى مەسىلىنى پەيدا قىلماستىن بەلكى مەسىلىنى ھەل قىلىپ ھەقكە ئېگە بولىدۇ .
    نۇرغۇن كىشىلەر كارخانىچىنى چوشقىغا ئوخشىتىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە نۇرغۇن كارخانىچىلار ئاچكۆز چوشقا. ئەمما، كارخانىچىمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، مەسىلەن، سىزنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاشلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە دۇنيا خەۋەرلىشىش سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن دۇنيانىڭ تېخىمۇ ياخشى بۇلىشى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن، مېنىڭ مەسىلەم، ھېچنېمە قىلماي ياكى ناھايىتى ئاز ئىش قىلىپ كۆپ نەپكە ئېرىشىشنى ئويلايدىغان كىشىلەرگە قارىتىلىدۇ. مېنىڭچە ، ئىش قىلماي نەپكە ئېگە بولۇش ياكى ئاز قىلىپ كۆپكە ئىگە بولۇش ھەقىقىي ئاچكۆز چوشقىنىڭ قىلىقىدۇر.
    دۇنيا ئۆزگەرگەن بۈگۈنكى كۈندە، ئىش قىلماي نەپكە ئېگە بولۇش ياكى ئاز قىلىپ كۆپكە ئىگە بولۇشنى ئويلايدىغان كېلىشلەرنىڭ كۈنى تېخىمۇ جاپالىق بولىدۇ .  مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر تىرىشىپ خىزمەت قىلماستىن، ئەكسىچە يۇقىرى ئىش ھەققى ياكى يۇقىرى پاراۋانلىق تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن خىزمەت پۇرسىتى سىرتقا قاراپ ئېقىۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكىدا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا كىرگەن بىر ئىشچىنىڭ ئىش ھەققى ھەر سائەتلىكى 75 دوللار، بۇ پاراۋانلىق مۇلازىمىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، جۇڭگودا ئوخشاش بىر ئىشچىنىڭ بىر سائەتلىك ئىش ھەققى تەخمىنەن 0.75 دوللار بولىدۇ. مەن كىتاب يازغاندا، چىرىسلېر ئابتۇمۇبىل شىركىتى ئاللىبۇرۇن جۇڭگو چى رۈي ماشىنا شىركىتى بىلەن جۇڭگودا ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدە توختام ئىمزالاپ بولدى. بۇنداق بولغاندا ھەر بىر ماشىنىنىڭ ئادەم كۈچى تەننەرخى 2500 دوللاردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئاساسىي جەھەتتىن ئامېرىكىدىكى ھەر بىر ماشىنىغا تاپشۇرۇلغان سۇغۇرتا پۇلى بىلەن باراۋەر.
    بىر ھەقىقىي كارخانىچى مەسىلىنى بايقاپ بولۇپ ئاندىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ ياكى بىر خىل مۇلازىمەت بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولسا ھەمدە ئىستېمالچىلار ئېتىراپ قىلسا ياكى سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز قۇشۇمچە قىممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، سىز تېخىمۇ يۇقىرى باھا بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ .
    مەسىلەن، مەن ئۆزۈم يازغان كىتاب ۋە ئويۇنغا تېخىمۇ يۇقىرى باھا قويسام بولىدۇ ، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار مائارىپنى تونۇش قىممىتىگە ئىگە. ئەمما قالغان باشقا كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ھېچقانداق پۇلغا ئەرزىمەيدۇ.  بۇ خىل كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىساد قابىلىيىتى مائارىپىغا ئېتىبار بەرمەيدۇ. چۈنكى مېنىڭ مەھسۇلاتىم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر پۇل پىرىنسىپىنىڭ 1971-يىلى ۋە 1974-يىلى ئۆزگەرگەنلىكگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار يەنىلا «يېتەرلىك پۇل ئامانەت قويۇش، بىرلەشمە فوندقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىش ھاجەتسىز.» دەپ قارايدۇ. ئۇلانىڭ ئۆزى ۋە ئائىلە مال-مۈلۈكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇشۇ خىل قاراشقا ئىشەنگەن ۋە مۇشۇنداق قىلىش ئويىدا بولغان كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ھەل قىلىشىنى ھەقىقەتەن چىن كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىمەن.
    ئەمما، سىزنى ئويلىغاندا، مەن سىزنىڭ بۇ خىل قاراشقا قەتئىي ئىشەنمەسلىكىڭىزنى ۋە بۇ خىل لوگىكا ئارقىلىق ئىش كۆرمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن شۇنىڭغا ئالدىن ئىشىنىمەنكى سىز بۇ خىل قاراشقا ئىشەنمەيسىز، چۈنكى سىز بۇ كىتابنى ئوقۇۋاتىسىز ئەمەسمۇ؟ ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ مالىيە پاراسىتىڭىزنى ئۆستۈرىۋاتىسىز ئەمەسمۇ؟ ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزنى قايسى مەسىلىنى ھەل قىلىشىڭىز كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ ئاندىن بۇ مەسىلىگە توغرا قاراپ ۋە ئۇنى ھەل قىلسىڭىز پۇل سىزنىڭ يانچۇقىڭىزغا ئۆزلۈكىدىن كىرگۈسى! سىزدە پۇل بولغان ھامان، سىز يەنە سىزنىڭ ھەر بىر مالىيە پاراسىتىڭىز بىلەن پۇل بايلىقىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز كېرەك.
    بۇ دەل كېيىنكى بابتا سۆزلىنىدىغان ئىككىنچى ئىقتىساد قابىلىيىتى: «پۇلىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ»دىن ئىبارەت.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى