<<  ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ساۋاتلار2 | باش بەت | «قوش تىللىق مائارىپ» ناملىق ماقالىنىڭ ئېلىكىتابى تارقىتىلدى  >>
  • «قىزىمغا يېزىلغان خەتلەر » ھەققىدە - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]

    2009-03-07

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36240327.html

     

    维族 女儿

    ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلۇپ 2 ھەپتە بولغاندىغۇ دەيمەن، كىيۇ كىيۇ توپلىرىدا خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى ھەققىدە تەشۋىقات قىلىپ يۈرسەم، بىر كىشىنىڭ « قايسىڭلار پەرزەنىت تەربىيسى ھەققىدە ياخشىراق بىر تور بەت تەۋسىيە قىلىسىلەر» دەپ خەت قالدۇرغىنىنى كۆرۈپ، قىزىقىپ نىمىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىسام تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان قىزىمغا تەۋسىيە قىلاتتىم، دىدى. پېقىر بۇ ھەقتە بىرەر مەخسۇس تور بەت بارلىقىنى ئېسىمگە ئالالماي (تورداشلار بىلسە تەۋسىيە قىلىپ قويسا) ئۆزۈم ياسىغان بلوگنى كۆرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەرسەم، بۇ ئاكىمىز ئاناتىلىم تورتۇراسىغا ياخشى باھالارنى بەردى.
    بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئويلىنىپ قالدىم، گەرچە ئاناتىلىم بلوگىدىكى تېمىلارنى ناچار دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشى سورىغان نەرسىگە نەق چۈشىدىغان تېمىلار يوق ئىدى. مۇشۇ ھەقتە بىرەر ماتېرىيالغا ئېرىشكىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى؟! دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. مانا تەتىلمۇ تۈگەپ ئوقۇش باشلاپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ كىشىنىڭ كىيۇ كىيۇ توپىدا نەچچە قېتىملاپ خەت قالدۇرسىمۇ باشقىلاردىن ئىنكاس چىقمىغان ۋاقتىدىكى تەسىراتىم زادى كاللامدىن كەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزاق ئىزدەپ،جوڭگۇ خەلق تورىدىن بىر خەنزۇ ئانىنىڭ ئۆز قىزىنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن تاكى ئۇنىڭ قىزى تولۇق ئىككىنجى يىللىقتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتقىچە(ھازىرغىچە) ئىككى يۈز پارچىدىن ئارتۇق خەت يېزىپ چىققان بلوگىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولارمىكىن دىگەن مەقسەتتە تەرجىمە پىلانى تۈزۈلۈپ چىقىلدى. تەرجىمە، تەھرىر خىزمىتى ئاخىرلاشقان تېمىلار ئۇدۇللۇق يوللىنىپ تۇرۇلىدۇ.  

    پېقىرنىڭ مەقسىتى بۇنىڭدىن باشقىلار بەلگىلىك پايدىلانسىكەن دىگەن ئۈمىدتە. ھەرگىزمۇ بۇ خەتتىكى مەزمۇنلار بىزگە تولۇق ماس كېلىدۇ دەپ قارىمايمەن. مەسىلەن: بۇنى ئاتا- ئانىلار كۆرۈپ بالىلىرىغا تەربىيەگە ئىشلىتىپ بولالمىسا پەرزەنىتلەر ئۆزى كۆرۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆزىگە ئۆزى تەربىيە قىلسا، بەلگىلىك كومپىيۇتېر سەۋىيەسى بولغان ئاتا- ئانىلار ياكى يېڭى ئاتا- ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭ ئۇسلۇبىدىن بەلگىلىك پايدىلىنىپ ئۆز پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىپ بېقىشقا تىرىشىپ كۆرسە. مۇشۇنداق ئويى بولغان كىشىلىرىمىز بلوگ قۇرۇش جەھەتتىن قىيىنچلىق تارتسا كەڭ ئۇيغۇر بلوگگېرلارنىڭ خالىغان بىرسىنى ئىزدىسىڭىز قىزغىن خوشاللىقى بىلەن ياردەم قىلماي قالمايدۇ.
    خانىم- قىزلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، ئاللاھ خالىسا بۇ ئەمگىكىم بارلىق قەدىردان خانىم- قىزلارغا سۇنغان سوۋغام بولۇپ قالغۇسى!
    كەڭ قېرىنداشلارنىڭ سەۋىيەمنىڭ چەكلىك، تەجىرىبەمنىڭ يېتەرسىز بولۇشىنى ئەپۇ قىلىپ، قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

    بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار ئېلان قىلىنغان ئورۇنلار:
    http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=21606
    http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-99280.html
    http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-62516.html
    http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=36631


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى