-
ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ساۋاتلار2 - [ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيتى]
2009-03-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36239346.html
4
جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز تاۋۇشلارنىڭ يېزىلىشى
ئاخىرى جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن تۈگىگەن سۆزلەرگە ئومۇمەن جاراڭلىق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ.
+ دىن مەسىلەن: ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ. (ئۇچقۇن)ئاخىرى جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن تۈگىگەن سۆزلەرگە ئومۇمەن جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ.
مەسىلەن: كېيىن چىققان مۈڭگۈز بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. (قۇلاق+ تىن)5
بەزى ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ يېزىلىشى
ئاخىرى«ق، ت، ز» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياقلاشقان بەزى سۆزلەرگە ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدىغان بەزى قوشۇمچىلار ئۇلانسا، سۆزنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن يۇقارقى تاۋۇشلار جانلىق تىلدا «خ،س » تاۋۇشلىرى بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئېيتىلسىمۇ يازغاندا نۆۋەتلەشتۈرمەي يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:
چاق – چاختى ئەمەس......چاقتى
ئۇق – ئۇختى ئەمەس......ئۇقتى
كەت – كەسسۇن ئەمەس......كەتسۇن
نان – ناڭغا ئەمەس......نانغا
ئاز – ئاسسا ئەمەس......ئازسا
ياز – ياسسا ئەمەس......يازسائالاھىيدە ئەسكەرتىش: بلوگنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
收藏到:Del.icio.us

评论
http://www.kashghari.com/uyghur/index.php
ۋاقتىمنى ئالغىنىڭىز يوق، ئالدىنقى قېتىم سىز تەۋسىيە قىلغان تېمىلار مەن كۆرگەن تېمىلار بىلەن شۇنداق توغرا كېلىپ قالدى، پېقىرنىڭ كۆرگەنلىرى ناھايىتى چەكلىكتۇر. ئارتۇق تەكەللۇپ قىلمىغايسىز، بولمىسا پېقىر خېجىل بولۇپ قالىدىكەن.
كاشغەرى مۇنبىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىلمەيدىكەنمەن، بۇ پېقىر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئېسىل سوۋغا بولدى.ئاللاھ خالىسا بۇ سوۋغىڭىزنى ياخشى قەدىرلەپ كەمتەرلىك بىلەن ئۆگېنىمەن.
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=35674
ئاندىن 新疆语言文字网 دەيدىغان مەخسۇس تىل يېزىق تورى بار، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى نىزام، سىياسەتلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، ۋاقتىڭىز چىقسا ئارىلاپ باقارسىز...
سەمىمىي ئەسكەرتكىنىڭىزگە يەنە بىر قېتىم كۆپتىن– كۆپ رەھمەت.
پېقىر بۇ تورتۇرانى قۇرۇشتىن ئىلگىرىلا سىز تىلغا ئالغان تىل–يېزىق تورىنى بىلەتتىم، يەنە تېخى خېلى بۇرۇنلا مۇنبەرگە تىزىملاتقان(لېكىن كۆپ تېما يوللانمايدىكەن). توربەتتىكى تېمىلاردىنمۇ ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تۇرىۋاتىمەن. ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ھەققىدىكى سىياسەت ۋە قائىدە– تۈزۈملەر ھەققىدە جىلۋە بلوگىدا كۆچۈرۈلمە تېمىلار بار ئىكەن، بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرىلا ئۇشبۇ تور تۇرانىڭ مۇشۇ تېما تۇرۇشلۇق سەھىپىسىدە تەۋسىيە قىلىنغان:
logs/34622842.html
دوستانە ئۇلىنىشلار سەھىپىسدە يەنە «ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى ھەققىدە» دەپ بىر ئۇلىنىش بار.
بۇ تەشۋىقاتلاردىن باشقىلىرىنى ئويلاپ يېتەلمىدىم، بولسا داۋاملىق تۈردە قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
ھە راسىت، بىر ئىشنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مەخسۇس تىل– يېزىق تور بەتلىرىكى تېمىلار ئانا تىلىمغا كۆچۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىقى شىنجاڭ تىل– يېزىق تورى، ئاناتىلىم تورى، ھەم شۇنداقلا ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى تېمىلار،زۆرۈرىيتى بولسا پەقەت يېتەرلىك تەشۋىق قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ توپلىنىدىغان ماقالىلەر بەزى ئۇنۋىرسال ياكى شەخسىي توربەت، بلوگلاردىكى ئانا تىل ھەققىدىكى تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. كېلەر قېتىم ئەسەر تەۋسىيە قىلغىنىڭىزدا مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسىڭىز، يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن. ئاللاھ مۇبارەك تېنىڭىزنى ئامان، ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!