-
قىزىمغا يېزىلغان 2.پارچە خەت(بىچار دانىخورەك) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36238664.html
قىزىمغا يېزىلغان ئىككىنجى پارچە خەت
ئەسلى ئاپتورى: يىڭيى تەرجىمە قىلغۇچى: م.ئە.سەبورى
قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقتى: 2007.يىلى 10.ئاپرېلتۆنۈگۈن ئاخشام ئۆيگە قايتقاندا قىزىمنىڭ ئۆيىدىن گىتتار ئاۋازىنىڭ چىقىۋاتقانلىقنى ئاڭلىدىم،غەلىتە ئىش، ئۇنىڭ گىتتىرىنىڭ سىمى 2 كۈن بۇرۇن ئۈزۈلۈپ كەتكەن تۇرسا، ئۇ قانداق چېلىۋاتقاندۇ؟
بۈگۈن قىزىم ئايلىق ئىمتاھان بەردى، تاپشۇرۇقى يوق.
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، ئۇ پەقەت بولمىغاندا بىر يىل كېچىكىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىشنى ئېيتتى، مەن ناھايىتى ھەيران بولۇپ «سىز بېرەلمەمسىز؟» دىسەم، ئۇ نەتىجەم بولمايدۇ، ئەمەس بەلكى يۈزۈم دىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەكلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى بەك يۇقىرى ئىكەن، ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى دىگەندىمۇ باشقىلار ئۇنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەكلەر سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن دوست بولمايدىكەن. شۇڭا ئۇ ئاۋۋال يۈزىنى ساقايتىپ ئاندىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرمەكچى بوپتۇ.
ئۇنىڭ دىيىشىچە دەل شۇ دانىخورەك تۈپەيلىدىن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن بېرىش– كېلىش قىلىشنى خالىمايدىكەن. ئۆچلۈكنى كەلتۈرىدىغان دانىخورەك، ئالۋاستىغا ئوخشايدىغان دانىخورەك!سۆيۈملۈك قىزىم:
سىزنىڭ دەردىڭىزنى ئاڭلاپ، مەن ئازراقمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلمىدىم، چۈنكى مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ياش مەزگىلىم بولغان، ئالدىنقى قېتىملىق خېتىمدە تىلغا ئالغىنىمدەك، مەنمۇ دائىم ئۆزۈمدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرەتتىم. ئەگەر سىزگە دانىخورەك چىقمىغان ھالەتتىمۇ، سىز بەلكىم ئاغزىڭىزنىڭ چوڭلىقىنى، بويىڭىزنىڭ پاكارلىقىنى، ياكى يول ماڭغاندىكى قىياپىتىڭىز ناھايىتى كۆرۈمسىز ياكى پۇتىڭىز مايماق ياكى يۈزىڭىزدە سەپكۈل بارلىقىنى ھېس قىلاتتىڭىز... (مەن سىزگە ئېيىتسام مەن ئىلگىرى ئەينەك ئالدىدا ئالدى– كەينىمگە مېڭىپ يۈرگەن، مەقسىتىم دەل «كۆرۈمسىز» يول مېڭىش قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىدى؛ يەنە تېخى يۈزۈمدە 21 دانە سەپكۈل بارلىقىنى ساناپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا قانداق قىلسام بۇلارنى يوقىتىپ، ئۆزۈمنى كىنو ئەرتىسلىرىدەك چىرايلىق قىلالايمەن، دەپ ئويلىغان.)
ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىم ھازىرقى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بىلەن نېمىدىگەن ئوخشاشقان– ھە؟ مېنىڭمۇ سىرداش دوستلىرىم يوق ئىدى، ئۆزۈمنى باشقىلار ئارىغا ئالمىغاندەك ھېس قىلاتتىم، مەنمۇ ئۇ چاغدا ناھايىتى بىئارام بولغان.
بۇ خىل بىئاراملىق دەل مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بىر چاتىقىمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ دائىملا ئاشقازىنىم ئاغرىيتى. ئالدىنقى كۈنلىرى مەن بىر كىتابتىن بىر تىببىي دوكتۇرنىڭ مۇنداق دىگىنىنى ئۇچرىتىپ قالدىم«بىئارام بولۇش سىزنى غەمكىنلىككە ئېلىپ بارىدۇ، غەمكىنلىك سىزنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازاندىكى نېرۋا تومۇرلىرىغا تەسىر يېتىپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» يەنە بىر دوختۇر مۇنداق دىگەن «ئاشقازان يارىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى سىزنىڭ نېمە يىگەنلىكىڭىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ نېمە ئىشقا قايغۇرىۋاتقانلىقىڭىزدىن. » مېنىڭ ئاشقازان ئاغرىقىم دەل دادىڭىز بىلەن دوسىت بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئوڭشالغان ،~&~ھى... ھى... ، لېكىن مەن سىزنى ھازىرلا ئوغۇللار بىلەن دوست بولۇڭ دىمەكچى ئەمەس.
بۈگۈن دادىڭىز ئىشتىن چۈشكەندە مېنى ئالغىلى بارغاندا دادىڭىزغا ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مېنىڭ بىلەن لايىق بولۇپ يۈرمەيدىغانلىقنى، چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ«غەلىتە» ئىكەنلىكىمنى ئېيىتسام، دادىڭىز «ئۇنداق ئەمەسقۇ، مېنىڭچە سىز ھەم مۇلايىم ھەم ئەقىللىقۇ، بولمىسا مەن سىزنى قوغلىشاتتىممۇ؟» دىدى. ئۇ يەنە مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەن ۋاقتىمدىكى ئىپادەمنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ مېنىڭدەك ياخشى قىز دوستى بولغانلىقىغا ھەۋەس قىلغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بولسا نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلىرى بارلىقى( مەسىلەن: مىجەزى ئىتتىك، نېمىلا ئىش قىلسا ئاقىۋىتىنى ھېسابلاشمايدىغانلىقى)نى ئېيتىپ، «بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ مۇلايىملىقىڭىز ئالدىدا توزۇپ كەتتى.» دىدى. دادىڭىزنىڭ دىگىنى راسىت بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىز كەلگۈسىدە مۇھەببەتلىشىشكە قەدەم قويغاندا چوقۇم ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىسىز.
بىئاراملىق بولغاندا قانداق يوقىتىش كېرەك؟
مەن ئىلگىرى تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باققان:
بىرىنجى، ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنى ئويلاپ چىقىش. بويى پاكار بولسا نېمە بوپتۇ؟ بويى پاكار بولغانلىقتىن خىزمەت تاپقىلى بولمامدىكەن؟ ناھايىتى كەلسە خىزمەت ۋە لايىق تاپالماسمەن.
ئىككىنجى، قوبۇل قىلىش. بويى پاكارلىق ئەمەلىيەت، مەنمۇ بۇ ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز. ئاكىيۇ روھى ۋە شىياڭزى تۆگە قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئويلاپ بېقىڭ، مەن دەل «پارىژ مۇنارىدىكى» بەتبەشرە قوڭغۇراق چالغۇچى. خىزمەت تاپالمىسام يېزىغا بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولىمەن، لايىق تاپالمىسام بىر ئۆمۈر ئۆزۈم بىلەن ئۆتۈپ كەتمەمدىم. :–)
ئۈچىنجى، ئامال قىلىپ ياخشىلاش. مەن ئۆزۈمنىڭ چىراي تۇرقۇمنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز، لېكىن مەن ئۆز چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرالايمەن. مېنىڭچە كۈلۈمسىرەش ئەڭ ياخشى چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رىتسىپى. مەن دائىم كۈلۈمسىرەپ بەرسەم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مېنى ياقتۇرۇپ قېلىشقا ۋە ماڭا يېقىنلىشىشقا باشلىغانلىقنى ھېس قىلىۋاتىمەن. كۈلۈمسىرەشنىڭ قۇدرىتى چەكسىز. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ كۈلۈمسىرەشتىن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىشلارنى مەخسۇس سۆزلەپ بېرىمەن.
مەن ئۆزۈمنى قوبۇل قىلسام، ئۆزگەرتسەم. يۈزۈمدىكى دانىخورەكلەر بىلىپ– بىلمەيلا يوقاپ كەتتى، گەرچە بويۇم ئۆسمىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق يامان تەسىرى يوقلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.
ياشلىق ۋاقتىدا ئۆزىگە ھەقىقەتەن «قاتتىق تەلەپ» قويىۋىتىپ قالىدۇ! بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ۋېيۋېي ھەدىڭىز يۈزۈمدە بىر نەچچە ماي دانچىسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقنى تېرىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشىم كېرەكلىكى قاتارلىقلارنى دىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى مەمنۇنلۇق ھېسسىياتتا بولىۋاتقانلىقمنى ئېيتسام، ئۇ ئېغىر بىر تىنىپ «سىزدەك ئۆزىگە ئىشەنچىسى زىيادە يۇقىرى ئادەمگە ئامال يوقتە» دىدى.
~&~ھى... ھى... ، مەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى زىيادە يۇقىرى ئادەم بولۇپ قالدىم، ياشلىق ۋاقتىمدا مەن ئۆزۈمنى نەقەدەر تۆۋەن كۆرىدىغان ئادەم ئىدىم. ماۋزىدۇڭ ئېيىتقان «كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ، مەغرۇرلۇق بولسا كەينىدە قالدۇرىدۇ»، مەنمۇ ئوخشاشلا مۇنداق دەيمەن «ئۆزىنى كەمسىتىش كىشىنى كەينىدە قالدۇرىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىش كىشىنى ئالغا باسقۇزىدۇ.»
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز!历史上的今天:
«قىزىمغا يېزىلغان خەتلەر » ھەققىدە 2009-03-07ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ساۋاتلار2 2009-03-07ۋاقىتقا نالە 2009-03-07
收藏到:Del.icio.us
