-
قىزىمغا يېزىلغان 1.پارچە خەت(ياشلىق مەزگىلىدىكى غەلىتە قىلىقلار) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36238558.html
قىزىمغا يېزىلغان بىرىنجى پارچە خەت
ئەسلى ئاپتورى: يىڭيى تەرجىمە قىلغۇچى: م.ئە.سەبورى
قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقتى: 2007.يىلى 9.ئاپرېلسۆيۈملۈك قىزىم:
مەن ۋە دادىڭىز سىزنىڭ ھەر كۈنى خوشال– خۇرام تۇرمۇش ئىچىدە قەلبىڭىزنىڭ شاتلىققا چۆمۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىز ئاغرىغاندا مېنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ؛ سىز خوشال بولمىغان ۋاقىتتا، مەن تېخىمۇ خوشال بولمايمەن.
سىزنىڭ ئاغزىڭىزنىڭ دائىملا«ئىچىم پۇشتى» دىگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ ياشلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن. ئېسىمدە قېلىشىمچە ئالىي مەكتەپ بىرىنجى يىللىقنىڭ يازلىق تەتىل ۋە ئالىي مەكتەپ ئىككىنجى يىللىقنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقىتلىرىدىكى يېشىم سىزنىڭ ھازىرقى يېزىشىڭىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولسام كېرەك، ئۆيگە قايتىپ كەلسەملا «ئەھمىيەتسىز». مېنىڭچە «ئەھمىيەتسىز» دىگەن بۇ سۆز چوقۇم ھازىرقى «ئىچىم پۇشتى.»دىگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدىغۇ دەيمەن، ناھايىتى شۇ ئەينى ۋاقىتلاردا «ئىچىم پۇشتى» دىگەن سۆزنى ئىشلەتمەيتتۇق. ئەينى چاغدا «ئەھمىيەتسىز» دىگەن سۆزنى دىگەنسېرى، كۆڭلۈمدە شۇنچە مەنىسىزلىق، نىشانسىزلىق ھېس قىلاتتىم. بىر كۈنى ئاپامنىڭ ئاشخانىدا دادام بىلەن قىلىشقان مەخپىي پارىڭىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ قالدىم. ئاپام «قىزىمىز دائىم ئەھمىيەتىسز دەيدۇ، بىرەر چاتىقى يوقتۇ– ھە؟ مەن بەك ئەنسىرەپ قالدىم» دىسە، دادام «ھېچقىسى يوق، ياشلىق مەزگىلى شۇنداق زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان چاغلىرى بولۇپ قالىدۇ، ئەنىسىرىمىگىن، تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» دىدى. ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە خېلى تەسىرلەندىم، ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن «كېسىلى يوق تۇرۇپ ۋايجان» دەيدىغان خاراكتېردە بولۇپ قالغاندەك ئويلاپ، ئاپامغا ئېلىپ كەلگەن روھىي بېسىمنى قايتۇرۇۋالدىم، ۋە شۇنىڭدىن ئېتبارەن «ئەھمىيەتسىز» دىگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتمەيدىغان بولدۇم.
ئاپىڭىز ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ھەقىقەتەن چوڭ بولمىغان بالا بولۇپ، ناھايىتى كۆپ غەلىتە ئىشلارنى قىلغان ئىدى. مەسىلەن، ياتاقتىكىلەر بىرلىكتە مۇنچىغا بارىلى دىسە، ھە دەپ بىللە كېتىپ بېرىپ يېرىم يولغا كەلگەندە توختاپ كەينىگە بۇرۇلغىنىچە ياتاققا قايتىپ كېتەتتى، ھېچقانداق سەۋەبىي يوق تۇرۇپمۇ بارغۇسى كەلمىگەن ئىدى. دائىملا ئەينەككە قارايتتى، بىردەم ئاغزى چوڭكەن دەپ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈرىۋالاتتى؛ يەنە بەزىدە بوينى ئۇزۇنكەن دەپ ئويلايتتى، ياكى ئۆزىنىڭ بېشىدىن رازى بولمايتتى؛ ئۇ چاغلاردا يۈزۈمگىمۇ دائىم دانىخورەك چىقاتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە قولۇمنىڭ باشمالتاق بارمىقىمغا بىر چىقان چىقىپ قېلىپ تىرنىقىم يىرىڭداپ چۈشۈپ كەتتى، مەن شۇ چاغدا، ئاپلا، قانداق قىلىش كېرەك؟ كەلگۈسىدە لايىق ئىزدىسەم باشمالتاق بارمىقىمدا تىرنىقىم يوقلۇقىنى كۆرۈپ مېنى ياراتماي قالارمۇ؟ دەپ ئويلىدىم. مەن ھەتتا كۆرۈشكەندە پەلەي تاقىۋىلىپ، قولۇمنىڭ باشمالتاق بارمىقىنى قانداق يوشۇرىۋېلىشنىمۇ ئويلاپ كۆردەم.بىر قېتىم بىز ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا چىققاندا پالاققىدە يىقىلىپ چۈشۈپ باش، قول ۋە پۇتلىرىمنىڭ ھەممىسى سۈرۈلۈپ قاناپ كەتتى، مەن قاتارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بولغاچقا ساۋاقداشلار دىققەت قىلمىدى، ئايلانمىغا كەلگەندە گاۋمىڭ بىلەن جاۋيۆلەر مېنىڭ قاتاردىن چۈشۈپ قالغىنىمنى كۆرۈپ، دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ قولۇمغا قارىدى، ئۇ چاغدا مېنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغىنىمنى بىلەمسىز؟ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم، خەققە رەھمەت ئېيىتماقتا يوق، يەنە ئۇلارنى مەڭسىتمىدىم. بۇنىڭدىن ئۇ ئىككىيلەن ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. ھە نىم بولسا ئۇلار ياخشى قىزلار ئىدى، مېنىڭ رەنجىپ يۈرمىگەننىڭ ئورنىغا، يەنە ھەمراھ بولۇپ ياتاققا ئاپىرىپ قويۇپ يارا ئېغىزىنى تازىلاپ يودلاپ قويدى. سىزچە ئۇ ۋاقىتتىكى قىلغانلىرىم ھەقىقەتەن غەلىتىمىكەن؟ ناھايىتى كۆپ ۋاقىتلاردا مەن شوخلۇق قىلاتتىم، مەسىلەن چۈشلۈكى كۆپچىلىك ئۇخلاۋاتسا سۇخانىغا چىقىۋېلىپ بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ بىر تەرەپتىن كىيىم يۇياتتىم؛ فاكۇلتىتتىن يۈز كىشلىك خور ئەترىتى تەشكىللەپ خور ئېيتسا مەن ئەتەي ئاخىرقى تاۋۇشنى ئۇزۇن سوزىۋېتىپ، ئاخىرىدا مېنىڭلا ئاۋازىم قالاتتى؛ دەرستىن چۈشۈپ ياتاققا قايتىش ياكى ئاشخانىغا بېرىش يولىدا ئالدى– كەينىمدە ئوغۇللار بولسا، مەن قەستەن ئاۋازىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئۇرۇناتتىم؛ دەرس ئۆتۈۋاتقاندا قايتا– قايتىلاپ كۆز ئەينىكىمنى بىردە ئېلىۋىتىپ بىردەم تاقىۋالسام مۇئەللىم دەرستىن چۈشكەندە «سىزنىڭ تاقىغنىڭىز يېقىننى كۆرەلمەسلىك كۆزەينىكىمۇ ياكى قېرىلار كۆزەينىكىمۇ؟» دەپ سورىغان. بەزىدە قولۇمغا «بالزام» (يەنى قول تېرىسىنىڭ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قول مېيى)نى سۈرۈپ مېزىلىك پۇرۇتۇپ ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتسام كۆرەڭلەپ كېتەتتىم؛ بىر قېتىم مەن بىر ھەپتىگىچە تاماق يېمەي، ئورۇقلايمەن دەپ يۈردۈم؛... مېنىڭچە، ئۇ ۋاقىتتا ساۋاقداشلىرىم كەينىمدىن چوقۇم مېنى «غەلىتە ئادەم» دىدى، ~&~ھى... ھى... ھازىر ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى قىلىپ قالساق، ئۇلار كۈلۈپ تۇرۇپ: «شىياۋتاڭنىڭمۇ چوڭ بولۇشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمىز، يەنە تېخى خىزمەتنىمۇ شۇنداق ياخشى ئىشلەيدۇ!» دەيدۇ.
مەن ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىللىق ھاياتىمغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئالىي مەكتەپكە چىقىشتىن ئىلگىرى، مەن سىزگە ئوخشاش ھېچ ئىش قىلىشنى بىلمەيتتىم، ئىش قىلساممۇ باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزۈمنى قويۇپ ئويلاپ كۆرمەيتتىم. ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىلدا ئاتا– ئانامدىن، ئۇرۇق– تۇققانلاردىن ئايرىلىپ يات بىر مۇھىت ۋە ئادەملەر توپىغا كەلدىم. مەن دوستلىرىمدىن كەڭ قورساقلىقنى، باشقىلارنى چۈشىنىشنى، قانداق ياردەم قىلىش ۋە ئۆز– ئارا كۆيۈنۈپ ئاسراشنى ئۆگەندىم. ئالىي مەكتەپتە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەنگىلى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىش ۋە ئادەملەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.
بالام، كۆڭلۈمدىكى گېپىمنى ئېيىتسام، مەن سىزنىڭ يات شەھەرگە بېرىپ مەكتەپتە ئوقۇشىڭىزغا قىيالمايمەن. مېنىڭ شەخسەن سەرگۈزەشتەمگە ئاساسلانغاندا، ئاتا– ئانىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش ئەڭ ياخشى چېنىقىش، تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى سىزنى ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز!
历史上的今天:
«قىزىمغا يېزىلغان خەتلەر » ھەققىدە 2009-03-07ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ساۋاتلار2 2009-03-07ۋاقىتقا نالە 2009-03-07
收藏到:Del.icio.us
