-
«رەنجىمە (بۇ ناخشىغا ئامراق بولۇپ قالدىم)» - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-03-03
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36015582.html
ئادەمنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى ئۇچرىشىشىدىلا ئامراق بولۇپ قالىدىغان ۋە قايتا– قايتىلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسىمۇ زېرىكمەيدىغان نەرسىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. ئىلگىرىمۇ بۇنداق نەرسىلەر ۋە ئادەملەر بولغان ،لېكىن ئۇ چاغدا بلوگ يازمىغاچقا ئايرىم خاتىرلەپ قويۇشنى ئويلىمىغان، بۈگۈن نىمىشقىكىن سەلكىندىكى تور تۇرالارنى ئارىلاۋىتىپ «رەنجىمە» ناملىق بۇ ناخشىنى بىر ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەم قايتا– قايتا ياندۇرۇپ ئاڭلاپ كەتتىم. ناخشا تېكىستى ئاددى بولسىمۇ، لېكىن مۇزىكىدىكى سېھرى كۈچ ۋە ناخشىنى ئورۇنلاش سەنئىتى ماڭا ئۇزاق مەزگىل يوقىتىپ قويۇپ ئىزدەپ تېپىۋالغان تونۇش بىر نەرسەمنى قايتا ئۇچراتقاندەك تۇيغۇغا ئەكېلىپ قويدى.
قويۇلىمىسا چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ: چۈشۈرۈش ئادرىسى
ئىلھامىم بىردىن ئۇرغۇپ شېئىرمۇ يېزىپ قويدۇم:
ۋاپاسىز يار دېمىگىن مېنى
م.ئە.سەبورى
مۇھەببەتنى قىلىپ دەپسەندە،
ئېرىشكەننىڭ ھەممىسى يالغان.
ئالدىمىغىن ئۆزۈڭنى ئۇنداق،
ۋىجدان بىزگە مەڭگۈلۈك قالقان.دوستلۇق ئۈچۈن دەيسەن ھەممىنى،
سۆيگۈمىزنى قالدۇرۇپ مىسكىن.
باشتا قىلغان ۋەدىلەر قېنى؟
كۆڭۈل ئەمدى بولالماس تەمكىن.بىر كۈنلەردە كەلسەڭ ئېسىڭگە،
كۆرۈپ قالماي دەرتلىك ھالىڭنى.
ئەگەر شۇندا ئەيىبلەي دىسەڭ،
ۋاپاسىز يار دىمىگىن مېنى.2009.يىلى 3.مارت
قەدىمىي ئاستانە شىئەن历史上的今天:
باي دادا 2.باپتىن قىسقىچە خۇلاسە 2009-03-03فوتوگرافلارغا ماس كېلىدىغان پىرىنسىپ 2009-03-03مەن گۇناھكار 2009-03-03
收藏到:Del.icio.us

评论
بۇ ناخشا ئەسلىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان سەلكىن بلوگىنىڭ بوشلۇقىغا قويۇلغان ئىدى، نېمە بالا تەگدىكىن ئۇزاققا قالماي توختاپ كەتتى.
بۇ ناخشىنى سەلكىن مۇنبىرىدە بىر توردىشىمىز ئىنكاس يېزىپ ئۆزىنىڭ يۇرتدىشى نەفىسەنىڭ ناۋا پىروگراممىسىدا ئوقۇپ چىققان ناخشىسى ئىكەنلىك ئۇچۇرىنى تەمىن ئەتكەن ئىدى.
مەنمۇ ئېلانلىرىڭىزنى قويماي چېكىپ قويدۇم.
ئاڭلاپ باقاي دىسەم قويۇلمىدى .چۈشۈرۈپ ئاڭلاي دىسەم خوش ياقمىدى .
قانداق قىلسام بولا بېشىم قېتىۋاتىدۇ .[defFace:2][defFace:2][defFace:2]
بىلوگىڭىزنىڭ ئىسمىنى بىلوگىمنىڭ تېمىغا يېزىپ قويدۇم .ماركا رەسىمىڭىزنى چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز .
ئەگەر قىزىقسىڭىز ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز مەن ئەۋەتىپ بېرەي. ناخشىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ شېئىردىن ھوزۇرلانسا بەك ياخشى بولاتتى.
يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، مەنمۇ سىزنى تۇغلۇق ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن، بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى!
مانا قايتا-قايتا ئاڭلىساممۇ تويمايۋاتىمەن..........
مۇشۇنداق ناخشىلارنى كۆپلەپ چىقىتىپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇنداق شىئىر يېزىپمۇ قىيىمىز دەڭلار ئاغىينە................
بىز بولساق پەقەت تەرجىمە قىلالاشتىن باشقا ھېچنىمە قىلالمايدىكەنمىز[defFace:4]
خالىدە ئىمامنىڭ بۇ تورتۇراغا ئاياغ بېسىپ قېلىپ سىزدىن ھېساب ئېلىشىدىن قورقمايدىكەنسىزدە!؟
ئىلانلىرىڭىزنى چىكىپ قويدۇم.
بۇنى خالىدە ئىمامنىڭ ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز. بۇنى باشقا بىرسىنى «ناۋا» پروگراممىسىدا ئيتىپ چىقتى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.
يەنە قويۇلمىسا ئاۋارىچىلىق كۆرمەي چۈشۈرۈپ ئاڭلىغايسىز.