-
باي دادا 2.باپتىن قىسقىچە خۇلاسە - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-03
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35989603.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
ئىككىنجى باپ
قىسقىچە خۇلاسە
1971.يىلىدىن كېيىن ، ئامېرىكا دوللىرى ئىلگىرىكى سەلتەنەت سۈرگەن ۋاقتىغا قايتالمىدى، پەقەت ئاقما ئوبۇرۇت بولۇپ قالدى.
1974.يىلى، كارخانىلار ئىشچى– خىزمەتچىلەر ئۈچۈن قايتا ئۆمۈرلۈك پىنسىيە پۇلى تەمىنلىمەيدىغان بولدى. بۇ ئىككى چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن نەتىجە، دەل مالىيە پاراسىتىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ كېتىشى بولدى. گەرچە مالىيە پاراسىتى ھەممە ئادەم ئۈچۈن مۇھىم بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ B كوردىنات ۋە I كوردىناتتا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلان تۈزىۋاتقانلارغا تېخىمۇ شۇنداق.
بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇلغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەتمىدى، ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار E كوردىناتىدىن كەلگەن بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى E كوردىناتىدىكىلەر ياكى E كوردىناتىنىڭ نامزاتى قىلىپ قويدى. ئەگەر سىز بى ۋە ئاي كوردىناتىدا ئۆز كەسپىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىسىڭىز ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك مالىيە پاراسىتى سىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق سىز دەرسخانىدا بۇلارنى ئۆگىنەلمەيسىز.
يىغىنچاقلىغاندا بەش تۈرلۈك ئاساسىي ئىقتىسادىي قابىلىيەت تۆۋەندىكىچە:
بىرىنجى ئىقتىسادىي قابىلىيەت: تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش
ئىككىنجى ئىقتىسادىي قابىلىيەت: تاپقان پۇلىڭىزنى قوغداش
ئۈچىنجى ئىقتىسادىي قابىلىيەت: تاپقان پۇلىڭىزنىڭ خامچوتىنى قىلىش
تۆتىنجى ئىقتىسادىي قابىلىيەت: پۇلنىڭ پىشاڭىنى تۇرغۇزۇش
بەشىنجى ئىقتىسادىي قابىلىيەت: مالىيە ئۇچۇرىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش
بىز مالىيە پاراسىتى ئارقىلىق ئەمەلىي مالىيە مەسىللرىنى ھەل قىلىمىز، ئىقتىسادىي قابىلىيەت ئارقىلىق بىز ھەل قىلغان مەسلىنىڭ سىنايمىز ياكى مىقدارلاشتۇرىمىز.
تۆۋەندە بىز بىرىنجى ئىقتىسادىي قابىلىيەت « تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش» ھەققىدە توختىلىمىز.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
历史上的今天:
«رەنجىمە (بۇ ناخشىغا ئامراق بولۇپ قالدىم)» 2009-03-03فوتوگرافلارغا ماس كېلىدىغان پىرىنسىپ 2009-03-03مەن گۇناھكار 2009-03-03
收藏到:Del.icio.us
