<<  «رەنجىمە (بۇ ناخشىغا ئامراق بولۇپ قالدىم)» | باش بەت | تارىخ  >>
  • ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ساۋاتلار - [ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيتى]

    2009-03-05

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36119478.html

    1

    ئۇيغۇرچە ھەرپ تەرتىپى

    ئا ئە ب پ ت ج چ
    ئو ئۇ ئۆ ئۈ ې ى ر
    د  ز ژ ل م ن
    گ ك ڭ خ س ش
    غ  ف ق ھ ۋ ي

    2

    سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى
    ئۇيغۇر يېزىقىدا 8 سوزۇق تاۋۇش ھەرپى بولۇپ، ئۇلار:
    ئا، ئە، ئې، ئى، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ لەردىن ئىبارەت.
    مەسىلەن: ئات، ئەت، ئېرىق، ئىز، ئوغاق، ئۇزۇن، ئۆتۈك، ئۈزۈم ۋە باشقىلار.
    سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ۋە ئاھاڭداشلىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ 3 كە بۆلۈنىدۇ.
    تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى: ئە، ئۆ، ئۈ.
    تىل كەينى سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى: ئا، ئو، ئۇ.
    ئارا سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى: ئې، ئى.
    سوزۇق تاۋۇشلار يەنە لەۋ ھالىتىگە قاراپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:
    لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى: ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ.
    لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى: ئا، ئە، ئې، ئى.

    3

    ئۈزۈك تاۋۇشلار
    ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا 24 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى بار.
    ئۇلار تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش– تىترىمەسلىكىگە قاراپ جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز تاۋۇشلار دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ.
    جاراڭلىق تاۋۇشلار: ب، ج، د، ر، ز، ژ، غ، گ، ڭ، ل، م، ن، ۋ، ي.
    جاراڭسىز تاۋۇشلار: پ، ت، ج، خ، س، ش، ف، ق، ك، ھ.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: بلوگنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • بۇ يەردىن ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىمىزكەندە؟
    مۇئەللىم ياخشى سۆزلىدىڭىز.......................[defFace:10]
    م.ئە.سەبۇرى回复Azghun说:
    تىرىشچان ئوقۇغۇچىدىن بىرسى كەپتۇ– دە!؟
    2009-03-06 12:48:46