-
قىزىم كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىدۇ - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-05
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36122985.html
قىزىم كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىدۇ
ئەسلى ئاپتورى: يىڭيى تەرجىمە قىلغۇچى: م.ئە.سەبورى
قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقتى: 2007.يىلى 9.ئاپرېلبۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى سەۋەب لىجېنشىنىڭ «ئەڭ ياخشى ئائىلە باشلىقى بولۇش» ناملىق ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ قىزىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن. لىجېنشى مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا– ئانا بولغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىشى ئاز دىگەندىمۇ مۇنداق تۆت تەرەپتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە: بىرىنجى، چوڭ بولغاندىن كېيىنكى قىزىمىزنىڭ ئاتا– ئانا مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشى؛ ئىككىنجى، بۇ يەنە پەرزەنىتلەرگە ھاياتلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ماتېرىيالى بولالايدۇ؛ ئۈچىنجى، بالىلىق ۋاقىتلاردىكى ساپ قەلىبنى خاتىرىلەش، پەرزەنىتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەربىيلىشىنىڭ ماتېرىيالى بولالايدۇ؛ تۆتىنجى، پەرزەنىتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىش، ئاتا– ئانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆتكەننى ئويلاپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش جەريانى بولىدۇ. »
لىجېنشى قىزى ئەمدىلا تۇغۇلغاندىن باشلاپ خاتىرە يېزىشقا باشلىغان، بىراق مەن قىزىم تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا ئاندىن خاتىرە يېزىۋاتىمەن، ۋاقىت ئۆتسە كەينىگە قايتمايدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن كۈننى ئارقىغا ياندۇرۇش گۈزەل تىلەكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.2007.يىلى 7.ئاپرىل
قىزىمنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان زادى كۆڭلى ئېچىلمىدى، مەن كۆڭلۈمدە جىددىيلىشىشكە باشلاپ ئۇنىڭدىن نىمىشقا خوشال ئەمەسلىكىنى سورىدىم، ئۇ: «ھەر كۈنى دىگۈدەك مەكتەپتە ئۆگېنىش قىلىۋاتقان، بەكلا چارچىدىم.»دىدى. «ئۆگىنىشتە بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققان ئوخشىمامسىز؟ »دەپ سورىسام، ئۇ ماتېماتىكىدا قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقىنى، دەرس ۋاقتىسىدا مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى مەسىلە ئىشلىگەندە ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقىنى ئېيىتتى. دادىسى كۆپرەك مەشىق ئىشلەپ بەرسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مەن قىزىمدىن مۇئەللىم تەكلىپ قىلىپ بېرەيمۇ دىسەم، ئۇ ھاجىتى يوق دىدى.
قىزىم ئۈلۈشكۈن ئەتتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ «مەكتەپكە زادى بارغۇم يوق. بىر يىل ئېزىلىدىغانلىقىمنى ئويلىساملا كۆڭلۈم خاتىرجەم بولالماي، ئوقۇغۇم كەلمەيۋاتىدۇ.» دەپ غۇدۇڭشىۋىدى، دادىسى: «ئۇنداقتا ئوقۇماڭ؟ » دىدى، قىزىم سوئالغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ«مەكتەپكە بامىسام باشقا نېمە ئىش قىلىمەن؟» دىدى، شۇنداق، ئوقۇمىسا باشقا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
تۆنۈگۈن قىزىم يەنە يۈزىدىكى دانىخورەكنىڭ ساقىيىدىغان ساقايمايدىغانلىقىنى، دانىخورەكنىڭ دەستىدىن كىتابنىمۇ تۈزۈكرەك ئوقىيالمىغانلىقىنى ئېيىتتى.
بالىلار خوشال بولمىسا، ئاتا– ئانا بولغۇچىمۇ ئەندىشە ئىچىدە ئۆتىدۇ. مەن كىتاب كۆرۈشكە باشلىدىم، ھەم بىر مائارىپ مۇتەخەسىسى دوستۇمغا تېلفون قىلدىم. دوستۇم مۇنداق دىدى«بىر نەچچە كۈن سوۋۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىڭ، بالىلار مۇشۇنداق، بىر نەچچە كۈن خوشال بولۇش يەنە بىر نەچچە كۈن ئىچى پۇشۇشنى قايتا– قايتا تەكرارلايدۇ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ. بىز چوڭلارنىڭمۇ دائىم دەردى بولىدىغۇ.»، ئۇ يەنە «يىڭيى، سىز بالىغا بەك ئېتبار بېرىدىكەنسىز، بۇ بالىغا بەك چوڭ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.»دىدى.
مەن ئۆزۈمنىڭ قىلمىشى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆردۈم، دوستۇمنىڭ دىگىنى ناھايىتى توغرا ئىدى. قارىماققا مەن قىزىمغا، ئاپىڭىز سىزنىڭ ئىمتاھان نەتىجىڭىزگە ئېتبار بېرىپ كەتمەيدۇ، دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز سىزگە ئۇنچە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ كەتمەيمىز دىسەممۇ. بىراق ھەر قېتىملىق ئايلىق ئىمتاھان نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئىمتاھان نەتىجىسىنىڭ سىنىپتىكى رەت تەرتىپ جەدۋىلىنى تامغا چاپلاپ قويۇپ، شۇنداقلا قىزىمغا يىللىق رەت تەرتىپىنى چاسا دىئاگرامما قىلىپ سىزغۇزۇپ بۇنى ئۇنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر ۋاستە قىلىۋالغان ئىدىم. مەن يەنە دائىم تام گېزىتى چىقىرىپ، ئاسان خاتا يېزىپ قويىدىغان خەتلەرنى مېھمانخانا ئۆيىنىڭ تېمىغا ئېسىپ قوياتتىم. مەن ئۇنىڭغا خاربىن قۇرۇلۇش ئۇنۋىرسىتىتىغا ئۆتسىڭىزلا بولىدۇ دىگىنىم بىلەن، تامغا «بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنۋىرسىتىتى» دەپ يېزىپ قوياتتىم. مەن سۈت سېتىۋالسام قىزىمغا ئەڭ ياخشى سۈتتىن سېتىۋالاتتىم، ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭ ئەڭ ياخشى سۈت، خالتىسىنىڭ 5 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئالاھىيدە ئېيتاتتىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ– بىلمەيلا قىزىمنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرغىنىم بولۇپ، قىزىمنىڭ روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.
ئامېرىكىلىق دوكتور جامىس. دۇبۇسنىڭ «ياشلىق مەزگىلىگە تەييارلىق»ناملىق كىتابىنى تېپىپ كەلدىم، كىتابتا بىر تەكشۈرۈش بولۇپ، 2 مىڭغا يېقىن ياش– ئۆسمۈردىن«سىزنىڭ ئۆزىڭىزدىن ئەڭ رازى بولمايدىغان يېرىڭىز قەيەر دەپ سورىغان؟» دا، ئۇلار ئاۋۋال تېرىنى تاللىغان. ياشلىق مەزگىلىدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە چىدىغۇسىز ھالدىكى گۇمان ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى بولىدۇ. يەنە لىيۇڭنىڭ«ئۆسۈپ يېتىلىش بىر خىل گۈزەل ئاغرىق» دىگەن ئەسىرىنى تېپىپ ئەكىلىپ يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىپ لىيۇڭغا مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ قىزىمغا ياخشى تەربىيە بېرەلمىگەنلىكىمدىن يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، ھەم شۇنداقلا شۇ كىتابنىڭ «سىز دانىخورەك بىلەن ئېلىشماقچىمۇ؟» دىگەن قىسمىنى قىزىمغا ئوقۇپ بېقىشقا سۇنسام، قىزىم ئىككى مىنۇتتىن كېيىن قايتۇرۇپ ئەكەپتۇ، ۋە گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا ئاللىبۇرۇن كۆرۇپ بولغانلىقىنى ئېيتتى. «ياشلىق مەزگىلىگە تەييارلىق» ناملىق كىتابنى ئۇنىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇپ قويدۇم، ئۇنىڭ بىكار ۋاقىتلىرىدا ۋاراقلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن كىيۇكىيۇدا «ياخوۋ» مۇئەللىمدىن مەسلەھەت سورىدىم، ئۇ ساپا مائارىپىنى تەرغىپ قىلغۇچى بولۇپ تەتىل ۋاقىتلىرىدا دەرس تولۇقلايدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارشى. ئۇ «كىچىك ئىمتاھانغا كىچىك قاراش، چوڭ ئىمتاھانغا چوڭ قاراش» نى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ قىزى قىينالمايلا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا ئۆتۈپ كەتتى، مەن بۇ مۇئەللىمگە ناھايىتى قايىل.
«ياخوۋ» مۇئەللىمنىڭ ماڭا ئېيىتقان سۆزلىرى ماڭا ياخشى يول كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دىدى «تولۇق ئوتتۇرا ئۇزۇنغا يۈگىرەشكە ئوخشايدۇ، سىز كەينىدە قالغاندا پۇت– قولىڭىز قالايمىقان بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. بىرىنجىدىن، ئەسلى رىتىمنى ساقلاپ ئالدىدىكىلەر بىلەن بولغان ئارىلىقنى بەك چوڭايتىۋەتمەسلىك كېرەك؛ ئىككىنجىدىن، ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلاپ قورقماسلىق كېرەك، بەلكىم ئالدىدىكى ئادەم سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشىڭدىن قورقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، سىز ئۇنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان، پۇت– قولى قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلەيسىز، روھىي جەھەتتىن يەڭگەن بولىسىز. ئۈچىنجىدىن، تېرىنىرنىڭ كوماندا بېرىشىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇپ سۈرئەتنى تېزلىتىش كېرەك، مۇسابىقىدىكى ماھىرلار دائىملا مۇسابىقە مەيدانىنىڭ كەيپىياتىدىن خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپ كوماندىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئائىلە باشلىقى ۋە مۇئەللىملەر كىملەر؟ دەل مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدىكى تېرىنىرلار بولۇپ، ھەرۋاقىت بالىلارغا كوماندا بېرىش، ۋە ھەر ۋاقىت غەيرەت قىل! دەپ مەدەت بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنجى يىللىقى ئىمتاھان نۇمۇرىدا پەرق پەيدا بولىدىغان ھالقىلىق ۋاقىت. چىكىنمەسلىكنى ساقلاشنىڭ ئۆزى ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىك، ئۈچىنجى يىللىقتا ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، ئىككىنجى يىللىقتىكى باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشىدىن ئالدىغا ئۆتۈۋالىدۇ.
»
مېنىڭمۇ لىيۇڭغا ئوخشاش قىزىمغا خەتلەرنى يېزىپ ئۇنىڭ بۇ «خەتەرلىك رايون» دىن خوشال– خورام ھالدا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز!
历史上的今天:
يىغلىۋالسام دەيمەن قانغۇچە 2009-03-05كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان 15 خىل يۈزلىنىش 2009-03-05تارىخ 2009-03-05ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ساۋاتلار 2009-03-05
收藏到:Del.icio.us


ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ ھەرىكەتلىك رەسىم ئېلان ئورنى ئەسلى كودى
Blog:ئاناتىلىم تورتۇراسى2009-03-28 23:32:33
评论