• تورغا چىقىپ زېرىكىپ قالغان چاغلىرىمىزدا كىچىك ئويۇنلارنى ئويناپ قويساق خوشال بولۇپ قالىمىز. پېقىر كىچىك ئويۇنلارنى ئويناشتا تۆۋەندىكى تور بېكەتنى تاللايمەن، چۈنكى:

    بىرىنجىدىن، بۇ ئويۇنلارنى ئويناپ قويسىڭىز خەق سىزگە پۇل بېرىدۇ. بىكارغا ئوينىغاندىن ياخشى.
    ئىككىنجىدىن، رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك، ئويۇندا يەڭگەن نەتىجە دەرىجىسىدىن ئاز بولمىغان خوشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
    ئۈچىنجىدىن، ئوينىغان ئويۇنلارنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلسىڭىز كىرىمىڭىز تېخىمۇ كۆپيىدۇ.

  • سىز باشقىلارنى پايدىلانسۇن دەپ يۇمشاق دىتال ياكى باشقا ماتېرىياللارنى تورغا يوللاپ قويدىڭىز ۋە مۇنبەر ياكى تور بېكەتلەردە باشقىلارغا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىدىڭىز. ئۇنداقتا ئويلاپ باقتىڭىزمۇ يوق، بىرەر تور بېكەت سىزگە چوڭ ھەجىمدە بوشلۇق تەمىنلەپ بەرسە، ھەم شۇنداقلا سىز بۇ بوشلۇققا قويۇپ قويغان ماتېرىياللارنى باشقىلار چۈشۈرسە سىزگە پۇل كىرىم بولسا نېمىدىگەن ياخشى ھە؟!

    تور كومپىيۇتىرى(خەنزۇچە چىينناۋ千脑 تورى) دەل مۇشۇ خىل مۇلازىمەتنى يولغا قويغان بولۇپ، پېقىرنىڭ مۇشۇ خىل توردا پۇل تېپىش ۋەزىپىسىگە قويۇلغان بلوگىنى زىيارەت قىلىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ:

    http://englishmp3.blogbus.com

    يۇقىرىقى تور بېكەت مەخسۇس ئېنگىلىزچە بىلىملەرنى تونۇشتۇرىدىغان ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاڭلاش ۋە فىلىم ھۆججەتلىرىنى تەمىن ئېتىدىغان بلوگ بولۇپ بۇنىڭدا تەمىنلەنگەن ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى باشقىلار چۈشۈرسە بىر كۈن ئىچىدىكى ئوخشىمىغان بىر ئادەم ئۈچۈن پېقىرنىڭ ھېساباتىغا 0.005يۈەن خەلق پۇلى قوشۇلىدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان يۇمتاللارنى تەمىن ئەتسىڭىز كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيسىز.

  • توردا پۇل تېپىش ئانچە يات ئىش ئەمەس. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە يېزىلغان تېمىلارمۇ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىلى خېلى بولدى. بىراق ئاساسلىق تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇللاردا توردا پۇل تاپقۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا تور بېكىتى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، تور بەتكە ئېلان قويۇپ ئېلان كىرىمى ئېلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. پېقىر بۇ يەردە يەنە بىر قىسىم دۆلەت ئىچىدىكى بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ۋە قولايلىق بولغان توردا پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئۇسۇللارنى كۆرگەندىن كېيىن توردا پۇل تېپىش تور بېتى ياكى قوراللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاۋۋال بەيدۇ ياكى گوگېل قاتارلىق تور بېكەتلەردە ئىزدەپ كۆرۈپ كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭغا قارىتا باھاسىنى قانداق ئىكەنىلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ. بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ھېس قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىش باشلاڭ. بولمىسا بىكارغا ئەجىر قىلىپ لايىقىدا ئەمگەك نەتىجىسىگە ئېرىشەلمىسىڭىز بىكارغا ئاۋارە بولغان بولسىز.

    توردا پۇل تېپىش بەلگىلىك تورغا چىقىش ۋاقتى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇپ، بىز ئويۇن ئويناش ۋە كىنو كۆرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن تەڭلا ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ توردا پۇل تېپىش قوراللىرىمىزنى يۈرگۈزۈپ قويۇپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش پايدىسىنى ئېلىپ كۆرسەك بولىدۇ.

    بۈگۈن كۆپچىلىككە ئەڭ قولايلىق بولغان توردا پۇل تېپىش يۇمتالى سالات بېلىقى (沙丁鱼挂机) نى تونۇشتۇرىمىز: