<<  بلوگ ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن خوش خەۋەر: سەبورى بلوگلار جەمگاھى قۇرۇلدى! | باش بەت | ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنى (2)  >>
  • يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاناتىلىغا بولغان ئىنكاسى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]

    2009-10-07

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/47802367.html

    ئالىملار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆز ئاناتىلىغا بولغان ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە قىزىقارلىق بىر تەجرىبە ئىشلەپتۇ:
    بوۋاققا بىر دانە ئالاھىيدە ئىمىزگە بېرىلىپتۇ. بۇ ئىمىزگە ئالاھىيدە بىر خىل ئېمىزگە بولۇپ، يەنە بىر ئۇچى مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق قۇرۇلما ئارقىلىق ئاۋاز كۈچەيتكۈچكە ئۇلىنىپ، بوۋاقنىڭ ئېمىزگە ئەمگەن ئاۋازىنى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىتىپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ئېمىزگە بوۋاققا ئەمدۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىنى لىنتىغا ئېلىپ بوۋاققا قويۇپ بېرىلىپتۇ. نەتىجىدە ئالىملار ناھايىتى ھەيران قاپتۇكى، بوۋاق ئۆز ئانىسىنىڭ ئاۋازى چىققاندا ئېمىزگىنى چىشلەپ جىم تۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپتۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئاۋازى چىققاندا بولسا ئېمىزگىنى پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىپ بۇ ناتونۇش كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇ. بۇ ئوخشاش تىللىق بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە، ئۇنداقتا ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئاۋازىغا بوۋاقنىڭ ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟

    فىرانسىيەلىك بىر ئالىم بۇ مەسلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تىلدا سۆزلەيدىغان تۆت دۆلەتتىكى ئايالنىڭ ئاۋازىنى بوۋاققا قويۇپ بېرىپ يۇقىرىقى تەجرىبىنى سىناق قىلىپتۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدە بوۋاقنىڭ ئانىسى يوق ئىكەن. تەجرىبە بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن بوۋاق ئۆز ئانىسى بىلەن ئوخشاش تىلدىكى ئايالنىڭ سۆزىگە قارىتا قارشى ئالىدىغانلىق ئىنكاسىنى قايتۇرۇپتۇ.

    بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، بوۋاق ئانا قورسىقىدا تۇرۇش مەزگىلىدىلا ئۆز ئانىسىنىڭ ئاۋازىغا، ئۆز ئانا تىلىغا بەلگىلىك مۇھەببەت باغلىغان بولىدۇ، بۇ مۇھەببەت شۇنچىلىك تەبئىي، شۇنچىلىك ساپ بولىدۇكى، توسالغۇسىز ھالدا بوۋاق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاناتىلىمىز بىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم، نەقەدەر قىممەتلىك-ھە؟!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى