<<  ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنى (2) | باش بەت | ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى  >>
  • ئۇيغۇر يۇرت ئىسىملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلىۋىلىڭ - [ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيتى]

    2009-10-11

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/48126151.html

    كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى«نەزەر تاشلىماق»

     بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى«كەڭرى يايلاق». خۇشۇت_مۇڭغۇلچە«خېخىتې»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى.

     باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى «قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش».

     ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئاق رەڭلىك سۇ».

    كۇچا_ئۇيغۇرچە«تار كۇچا،خاڭ يولى»قاتارلىق مەنىلەرگەئىگە.

     شايار_ئۇيغۇرچە مەنىسى «يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى»دىن ئىبارەت.

     باي_ئۇيغۇرچە«باي بولماق ،بايلىق»دىگەن مەنىگە ئىگە.

     ئاۋات _ئۇيغۇرچە مەنىسى«گۈللەپ ياشنىماق،ئاۋاتلاشماق».

     قىزىلسۇ_قىرغىزچە مەنىسى «قىزىل رەڭلىك سۇ». ئاتۇش_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئارچا دەرىخى» بولۇپ،يەنە«ئارچا،قارا ئارچا ياكى جۇڭگۇ ئارچىسى»دىگەن مەنىلەرگە ئىگە.

     ئاقتۇ_قىرغىزچە مەنىسى «ئاق تاغ».

     ئۇلۇغچات_قىزغىزچە مەنىسى «چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال».

     ئاقچى_قىرغىزچە مەنىسى «ئاق چىغ»دىن ئىبارەت .

     قەشقەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ھەر خىل رەڭدىكى خىش ئۆي»،قەدىمكى ساك تىلىدا« قاشتېشى توپلانغان جاي» دىگەندىن ئىبارەت.

     قەشقەر كونا شەھەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى «تۇپرىقى مۇنبەت،خەلقى باي».

     پوسكام_تاجىكچە مەنىسى «ئالتۇن دەرياسى» ئۇيغۇرچە مەنىسى«مۇنبەت تۇپراق».

     يەكەن_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى«تىك قىيا(يار)دىكى شەھەر».

    قاغىلىق_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان جاي،قاغا بىر قەدەر كۆپ جاي».

     مەكىت_ئۇيغۇرچە «ئوتتۇرا بەلۋاغدىن كۆچۈپ كەلگەن ئادەم»دىگەن مەنىگە ئىگە.

     يۇپۇرغا_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى«يارباكۇ»دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ«بىر قەبىلە» دىگەن مەنىگە ئىگە.

     پەيزۋات_ئۇيغۇرچە «ئىكى دەريانىڭ ئارىسى» دىگەن مەنىگە ئىگە. مارالبېشى_ئۇيغۇرچە بۇغا بېشى»دىگەن مەنىگە ئىگە .

    تاشقورغان_ئۇيغۇرچە«تاش شەھەر»دېگەن مەنىگە ئىگە.

     قارىقاش_ئۇيغۇرچە «قارا رەڭلىك قاشتېشى»دىگەن مەنىگە ئىگە.

     لوپ_ئۇيغۇرچە «تاغاق سۆڭىكى»يەنە «لوپنۇرلۇقلار»دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دىگن قاراشمۇ بار.

     چىرىيە_ئۇيغۇرچە «چىلان»دېگەن مەنىگە ئىگە. 

    مەنبە: يوپۇرغا ئۇچۇر بلوگى

    http://yupurha.blogbus.com/logs/37937141.html


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم....
    مەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بلوگ ئۇسلۇبىدا ھەر بىر بەتتە كۆرۈلۈدىغان يازما سانى نىمىدىگەن كۆپ!ئاستىغا سۇزۇلۇپ چوڭ بوشلۇق ئىگىللەيدىكەن.بۇنى مەن بلوگ كودىدىدىكى سەۋەبىدىن كۆردۈم.يازما سانىنى باشقۇرۇدىغان كود قايسى بولغىيتى؟
    م.ئە.سەبۇرى回复ئۇيغۇربەگ说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇنى كود ئارقىلىق تەڭشەش ھاجەتسىز. ئارقا سۇپىدىنلا بەلگىلىگىلى بولىدۇ.

    博客- 博客设置 - 习惯设置 - 每页日志数



    ھەر بىر بەتتە كۆرۈنىدىغان يازما سانىنى 10 ياكى 8 قىلىپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن ئايرىم رەسىمگە تارتىپ تېما قىلىپ يوللاندى:

    logs/48707305.html
    2009-10-19 10:12:24