• بىرىنجى باپ بەشىنجى قىسىم

    سىز تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كېتىسىز

      پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىۋېتىش سىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىۋىتىدۇ
    مەن تېخى كىچىك بىر ئوغۇلبالا ۋاقتىمدىلا باي دادام ماڭا: «پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىۋېتىش سېنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىۋېتىدۇ– پەقەت سېنىڭ بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىڭ بولسىلا.» ئۇ يەنە: «ئەگەر سەن پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىۋېتەلىسەڭ، مالىيە پاراىسىتىڭ ئاشىدۇ. مالىيە پاراسىتىڭ ئاشسا سەن تېخىمۇ باي بولىسەن. ئەكسىچە بولسا، سەن پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلمىساڭ، سەن تېخىمۇ نامرات بولۇپ كېتىسەن. ئەگەر بەزى پۇل مەسىللىرىنى ھەل قىلىۋەتمىسەڭ، بۇ مەسىللەر كۆپىنچە ھاللاردا تېخىمۇ كۆپ مەسىللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» دىگەن ئىدى. ئەگەر سىز مالىيە پاراسىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن دەيدىكەنسىز ئۇنداقتا مەسىللەرنى ياخشى ھەل قىلىدىغان بىر ئادەم بولۇشىڭىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ مەڭگۈ باي بولالمايسىز. ئەمەلىيەتتە، پۇلنىڭ مەسلىسىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولغانسېرى، سىز شۇنچە نامراتلىشىپ كېتىسىز.

  • بىرىنجى باپ تۆتىنجى قىسىم

    پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىش

      نېمە پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلالايدۇ
    مالىيە باشقۇرۇش پاراسىتى پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلالايدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، مالىيە پاراسىتى دەل بىزنىڭ مالىيە مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغان ئەقىل– پاراسىتىمىزدۇر، بىزنىڭ پۈتكۈل ئەقىل– پاراسىتىمىزنىڭ بىر قىسمى. تۆۋەندىكىسى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان پۇل مەسىللىرى:
    1. « مەن يېتەرلىك كۆپ پۇل تاپالمىدىم.»
    2.«مەن قات– قات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتىم.»
    3.«مېنىڭ ئۆي ئېلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.»
    4.«مېنىڭ ماشىنام بۇزۇلۇپ قالدى، بىراق مەن قەيەردىن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ ئۇنى .ئوڭشىتىمەن؟»
    5.«مېنىڭدە ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بار، بىراق قەيەرگە مەبلەغ سالسام ياخشىراق بولار؟»

  • بىرىنجى باپ ئۈچىنجى قىسىم

    پۇل بەك كۆپ بولۇپ كەتتى

      باي دادام 9 ياش ۋاقتىمدىن باشلاپلا ماڭا پۇل ھەققدىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە باشلىغان، ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا پۇل مەسلىسى مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى نامرات دادامنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ، دەل ئۇ مۇشۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۇ ھەربىر مالىيە پاراسىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن، بۇ پۇل مەسلىسىنى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ھەل قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا مەسلىنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئۆگېنىدۇ. مېنىڭ باي دادام نامرات دادامدەك مەلۇماتلىق ئەمەس، بىراق ئۇ شۇنداقتىمۇ ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ مالىيە پاراسىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كەلدى، ئۇنىڭ پۇل مەسلىسى– پۇل بەك كۆپ بولۇپ كەتتى.

  • بىرىنجى باپ ئىككىنجى قىسىم

    خەجلىگىلى پۇل يېتىشمىدى

         دادام بىر ئۆمۈر پۇل ئۈچۈن باش قاتتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ قانچە كۆپ پۇل تېپىشىدىن قەتئىينەزەر، تاپقان پۇلى زادىلا يېتىشمىدى. ئۇنىڭ بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشقا قابىلىيتى يەتمىگەن، بۇ ئۇنىڭغا ئازاپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى، تاكى ئۇ بۇ ئالەمدىن خوشلاشقىچە بۇ ھالەتتىن قۇتۇلالمىدى. ئېچىنشلىق يېرى، ئۇ ئۆزىنى مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى بىر دادا بولۇشتا بولسۇن لاياقەتسىز دەپ قارايتتى.

  • بىرىنجى باپ بىرىنجى قىسىم

    مالىيە دانىشمەنلىكى دىگەن نېمە

        5ياش ۋاقتىمدا، بىر قېتىم دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىندىم. كېيىن بىلسەم ئۇ چېچەك سەۋەبىدىن قۇلاق ياللۇغلىنىش كېسىلى بولۇپ،ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر ئىدى. گەرچە بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ئادەمنى قاتتىق چۆچۈتسىمۇ، لېكىن مەن مۇشۇ سەۋەبلىك بىر بۆلۈك گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ئېرىشتىم، ئەينى ۋاقتىتا مەن كېسەل كارۋېتىدا يېتىپ ساقىيىۋاتاتتىم، دادام، ئىنىم ۋە ئىككى سىڭلىم دوختۇرخانا دەرىزىسى سىرتىدىكى چىملىقتىن ماڭا توختىماستىن قول شىلتاتتى. ئاپام دوختۇرخانىغا مېنى كۆرگىلى بارمىغان ئىدى. ئۇ ئۆيدە، كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ يۈرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئېغىر قىيناشلىرىغا بەرداشلىق بېرىۋاتاتتى.

     

  •     پۇل جىنايەت ئەمەس 
        مائارىپ سىستېمىسىنىڭ چوڭ بىر مەغلۇبىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي قابىلىيەت يېتىشتۈرۈش تەربىيىسى تەمىنلەپ بەرمىگەنلىكتە. مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پۇلنى دىندىكى قارا داغ ياكى بىدئەت دىنغا ئوخشىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار پۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببەتنىڭ بارچە جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
         كۆپ سانلىق كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغىنىغا ئوخشاش پۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ھەرگىزمۇ جىنايەت ئەمەس.
        دەل ئەكسىچە، پۇلنىڭ كەملىكى جىنايەتكە ئېلىپ بارىدۇ، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىمىزگە بولغان ئۆچمەنلىك بىزنى جىنايەتكە ئېلىپ بارىدۇ. بىز تىرىشىپ ئىشلەيمىز، بىراق ئائىلە كىشىلىرىمىزنى باقالمايمىز، بۇ جىنايەت ھېسابلانمامدۇ؟ بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن قات-قات قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىش جىنايەت، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن پۇل ئۈچۈن جىدەللىشىش جىنايەت، نەپسانىيەتچلىك جىنايەت. ئۇنىڭدىن باشقا پۇل ئۈچۈن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراش ياكى ۋىجدانىدىن ۋاز كېچىشكە پىسەنت قىلماسلىق جىنايەت. پۇل ئەسلىدىن جىنايەت ئەمەس، پۇل پەقەت پۇللا خالاس.

  •  شۇنداق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ كۇرمىڭلىغان سەۋەبىي بولىدۇ، بىراق ئەڭ مۇھىمى ساغلام بەدەن بولۇشتۇر. ھازىرقى سودا جەمئىيتىدە رىقابەت تېزلىك تالىشىدۇ، ئەقىل – پاراسەت، ئىقتىدار تالىشىدۇ، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ساغلاملىق ۋە كۈچ– قۇۋۋەت. ساغلاملىق ۋە كۈچ– قۇۋۋەت بولمىغىنىدا سىزنىڭ ھەرقانچە ئەقىللىق كاللىڭىز بولغاندىمۇ پايدىسى يوق. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تەن ساغلاملىقىدىن ئايرىلغان ئادەم داۋاملىق روھىي كەيپىيات جەھەتتىكى ساغلاملىقىنىمۇ دېگەندەك تەڭپۇڭلۇققا ئىگە قىلالمايدۇ، زەنجىرسىمان رېئاكسىيەلەر ئىنسان ھاياتىغا بىر تۇتاش يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ .

    ئەمەلىيەتتە، بارلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى داھىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىيدىكى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە تەن ساغلاملىقنى ئاسراشقا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، زېھنى قۇۋۋىتىمۇ باشقا كىشىلەردىن تولۇپ تاشقان ھالەتتە بولۇپ، تەبئىي ھالدىلا ئادەتتىكى ئادەملەر قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ .

    ... ...

  • ھېچقانداق نەرسە پۇلغا ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق دۈشمەن بولالمايدۇ. نامراتلىق بىر كىشىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، ئىشەنچىسى، ساغلاملىقى ۋە بارلىق گۈزەل نەرسىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتالايدۇ. مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغان سىز پۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى تېزلا تونۇپ يېتىسىز، يەنە كېلىپ خىزمەتكە چىققان چېغىڭىز بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىكى پۇلغا بولغان ھېسسىياتىڭىز ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ.

    مېنىڭ تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا، ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە پۇل تېپىش ئانچە تەس ئەمەستەك بىلىنىپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، مەسىلەن: قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ ئاز– تولا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا، ناھايىتى تېزلا پۇل تېپىشنىڭ ھەقىقەتەن قېيىنلىقىنى ھېس قىلىسىز. نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق كېلىپ چىقىدۇ؟

    ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئاتا– ئانىسىنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇلىغا تايىنىدۇ، شۇڭا قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ تاپقان پۇل ھېساباتتىن ئارتۇق پۇل بولغاچقا خەجلەپ كېتىلسىمۇ ئانچە ئىسراپچىلىق بىلىنىپ كېتىلمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىدىن باشقا كۆپ مىقداردىكى پۇل خىراجەت قىلىدىغان يېرى يوق. بىراق، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىشىڭىز بىلەنلا تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مەسىللەرگە ئارقا – ئارقىدىن دۇچ كېلىسىز، كىچىكلىكتە سەرەڭگە، گۈرۈچ، ماي ، تۇز دىن، چوڭلۇقتا ئۆي، ئائىلە، بالا، ماشىنا دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى پۇلغا چېتىلىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇل ئىشلىتىمىز.

  • مەن 1993– يىلى بېيجىڭ رادىئو ئېنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردىم، ئالىي مەكتەپكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئىقتىدارنىڭ رولىغا ھەددىدىن ئارتۇق ئىشىنىپ كېتىپتىمەن .

    بۇنى پۈتۈنلەي مېنىڭدىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيا ئىقتىدارى ئالاھىيدە يۇقىرىلار تۇغۇرلۇق بەك كۆپ ئەپسانىلەرنى بايان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىل . گەيتىس ئالىي مەكتەپنى ئوقۇپ تۈگەتمەي تۇرۇپمۇ مىليادىر بولۇپ كەتمىدىمۇ؟ لىجىياچېڭ ئوتتورا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇماي تۇرۇپلا جوڭگولۇق ئەڭ بايغا ئايلانمىدىمۇ؟ ئوخشاشلا ئادەم، مەن نېمىشقا قىلالمىغۇدەكمەن؟ توغرا، ياشلىق چەكسىز مۇمكىنلىكتىن، يېشىمىز دەسمايىدىن دېرەك بېرىدىغۇ، مەن نېمىشقا قىلالمىغۇدەكمەن؟ يەنە كېلىپ ، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمىزدا ئەتراپىمدىكىلەر يۇقىرى نۇمۇر، تۆۋەن ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆزگە ئېلىپ كەتمەيتىتىغۇ؟ نۇمۇر، نۇمۇر، نۇمۇر، ناھايىتى شۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدىغان قورالدىن  باشقا نەرسە ئەمەسقۇ؟ مەن ئۆتۈپ بولدۇم، قەسەم ئىچىمەنكى بۇ ھاسىغا ئەمدى تايانمايمەن ... ...


  •     بۇ نەسىر 2008-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نادىر ئەدەبىي ئەسەرلىرى توپلىمىدىن ئېلىندى .

     تەرجىمە جەريانىدا ساقلانغان ھەرخىل مەسىللەرنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن