• مەن يەنە سىزنىڭ مېھرىبان ئانىڭىزنىڭ مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش، يىراقتىكى يۇرتىمىزدا بىزنىڭ ئىسمىمىزنى چاقىرغان نىداسىنى كۆردۈم. ئانا، قەلبىمنىڭ تۆرىدىكى ئانا... مەن قانداق قىلىپ باققان ئەجرىڭىزنى قايتۇرىمەن؟ مەن يەنە نېمەم بىلەن ئۈمىدىڭىزنى ئاقلىيالايمەن؟ سىز ئۆز ھاياتىڭىز بىلەن مېنى بېقىپ قاتارغا قوشتىڭىز، بىراق مەن پەقەت ئاققۇزغان كۆز يېشىم ، تەرىم ۋە شۇ قەدەر مائاشى تۆۋەن خىزمىتىم بىلەن ئالدىڭىزغا بارامدىم. بىراق قۇرداشلىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەخىتتۇر، مەن ھەرۋاقىت ئۆزۈمگە سەۋىرچانلىق ۋە سەممىمىيەت بىلەن تەقدىرنىڭ تاللىشىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە شۈكۈر قانائەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.

    ئەگەر ، ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئىنسان ھاياتىدىكى ئۆتكۈنچى سېھىرلىك دەرەخ دەپ قارالسا، ئۇنداقتا ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەماللىققا خىزمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تاپالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئۇ پەقەت قىسقىغىنە قىش كېچىسى خالاس. ماڭا ئىشىنىڭ، چۈنكى بارلىق بۇ خىل كەچۈرمىشلەرنى مەنمۇ بېشىمدىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا ئاقىۋەت بويسۇندۇرغان . دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ، مەن بۇنداق بىر كېچىدە ۋە بۇنىڭىدىن كېيىنكى قانچىلىغان ئۇيقۇسىز كېچىلەردە سىزگە نېمىلەرنىدۇ دېگىم كەلگەن، قەلىب سادايىڭىزغا تېنىچقىنە قۇلاق سېلىپ، روھىيتىمىزنى ئاستاغىنە ئۇچراشتۇرساق، بەلىكىم سىز ئۈچۈن بىر دانە ئۆتكۈر، قېيىن مۇھىتنى ھەل قىلالايدىغان قورالنى تەمىنلىشىم مۇمكىن.

  • ئۇشبۇ كىتابتا ئاپتور ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىللىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سېستىمىسىدىن تارتىپ تەھلىل قىلىشنى باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇپ يېتىش، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا كەلگۈسىدىكى خىزمەت ئىشىنى قانداق پىلانلاش ھەققىدە ئەمەلىي ۋە زور قوللىنىش ئەھمىيتىگە ئىگە مىساللارنى نەقىل كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەن ساغلاملىق ۋە مۇھەببەت قاتارلىق قىززىق نۇقتىلار ھەققىدىمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن. كىتابتا ئەڭ كۆپ سۆزلەنگىنى يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتى بىلەن كەلگۈسىدىكى خىزمەتنى قانداق تاللاش، قىسقىسى، قانداق قىلىپ ئىككىسىنى سىجىللىققا ئىگە قىلىپ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالىمىزنى قانداق قىلىپ ئۆز قولىمىزغا ئېلىشىمىزغا زور ئەھمىيتى بار ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ كەسكىن رىقابىتى ئالدىدا بىز ھەرۋاقىت تەييار تۇرىشىمىز كېرەك .

    بۇ ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى ئويلىشىپ ئاناتىلىم بلوگىدا ئېلان قىلغاندىن سىرت سەلكىن مۇنبىىرىنىڭ سىتودېتنىلار سەھنىسى سەھىپىسدە «ئىستىقبال}ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان سىتودېنىتلار قوللانمىسى{» ناملىق تېما ئاستىدا ئېلان قىلىندى.

    سەلكىن مۇنبىرىدىكى «ئىستىقبال» ناملىق ئەسەرنىڭ تېما ئادرىسى