•  شۇنداق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ كۇرمىڭلىغان سەۋەبىي بولىدۇ، بىراق ئەڭ مۇھىمى ساغلام بەدەن بولۇشتۇر. ھازىرقى سودا جەمئىيتىدە رىقابەت تېزلىك تالىشىدۇ، ئەقىل – پاراسەت، ئىقتىدار تالىشىدۇ، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ساغلاملىق ۋە كۈچ– قۇۋۋەت. ساغلاملىق ۋە كۈچ– قۇۋۋەت بولمىغىنىدا سىزنىڭ ھەرقانچە ئەقىللىق كاللىڭىز بولغاندىمۇ پايدىسى يوق. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تەن ساغلاملىقىدىن ئايرىلغان ئادەم داۋاملىق روھىي كەيپىيات جەھەتتىكى ساغلاملىقىنىمۇ دېگەندەك تەڭپۇڭلۇققا ئىگە قىلالمايدۇ، زەنجىرسىمان رېئاكسىيەلەر ئىنسان ھاياتىغا بىر تۇتاش يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ .

    ئەمەلىيەتتە، بارلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى داھىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىيدىكى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە تەن ساغلاملىقنى ئاسراشقا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، زېھنى قۇۋۋىتىمۇ باشقا كىشىلەردىن تولۇپ تاشقان ھالەتتە بولۇپ، تەبئىي ھالدىلا ئادەتتىكى ئادەملەر قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ .

    ... ...

  • ھېچقانداق نەرسە پۇلغا ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق دۈشمەن بولالمايدۇ. نامراتلىق بىر كىشىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، ئىشەنچىسى، ساغلاملىقى ۋە بارلىق گۈزەل نەرسىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتالايدۇ. مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغان سىز پۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى تېزلا تونۇپ يېتىسىز، يەنە كېلىپ خىزمەتكە چىققان چېغىڭىز بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىكى پۇلغا بولغان ھېسسىياتىڭىز ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ.

    مېنىڭ تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا، ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە پۇل تېپىش ئانچە تەس ئەمەستەك بىلىنىپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، مەسىلەن: قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ ئاز– تولا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا، ناھايىتى تېزلا پۇل تېپىشنىڭ ھەقىقەتەن قېيىنلىقىنى ھېس قىلىسىز. نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق كېلىپ چىقىدۇ؟

    ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئاتا– ئانىسىنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇلىغا تايىنىدۇ، شۇڭا قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ تاپقان پۇل ھېساباتتىن ئارتۇق پۇل بولغاچقا خەجلەپ كېتىلسىمۇ ئانچە ئىسراپچىلىق بىلىنىپ كېتىلمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىدىن باشقا كۆپ مىقداردىكى پۇل خىراجەت قىلىدىغان يېرى يوق. بىراق، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىشىڭىز بىلەنلا تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مەسىللەرگە ئارقا – ئارقىدىن دۇچ كېلىسىز، كىچىكلىكتە سەرەڭگە، گۈرۈچ، ماي ، تۇز دىن، چوڭلۇقتا ئۆي، ئائىلە، بالا، ماشىنا دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى پۇلغا چېتىلىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇل ئىشلىتىمىز.

  • مەن 1993– يىلى بېيجىڭ رادىئو ئېنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردىم، ئالىي مەكتەپكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئىقتىدارنىڭ رولىغا ھەددىدىن ئارتۇق ئىشىنىپ كېتىپتىمەن .

    بۇنى پۈتۈنلەي مېنىڭدىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيا ئىقتىدارى ئالاھىيدە يۇقىرىلار تۇغۇرلۇق بەك كۆپ ئەپسانىلەرنى بايان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىل . گەيتىس ئالىي مەكتەپنى ئوقۇپ تۈگەتمەي تۇرۇپمۇ مىليادىر بولۇپ كەتمىدىمۇ؟ لىجىياچېڭ ئوتتورا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇماي تۇرۇپلا جوڭگولۇق ئەڭ بايغا ئايلانمىدىمۇ؟ ئوخشاشلا ئادەم، مەن نېمىشقا قىلالمىغۇدەكمەن؟ توغرا، ياشلىق چەكسىز مۇمكىنلىكتىن، يېشىمىز دەسمايىدىن دېرەك بېرىدىغۇ، مەن نېمىشقا قىلالمىغۇدەكمەن؟ يەنە كېلىپ ، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمىزدا ئەتراپىمدىكىلەر يۇقىرى نۇمۇر، تۆۋەن ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆزگە ئېلىپ كەتمەيتىتىغۇ؟ نۇمۇر، نۇمۇر، نۇمۇر، ناھايىتى شۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدىغان قورالدىن  باشقا نەرسە ئەمەسقۇ؟ مەن ئۆتۈپ بولدۇم، قەسەم ئىچىمەنكى بۇ ھاسىغا ئەمدى تايانمايمەن ... ...

  • مەن يەنە سىزنىڭ مېھرىبان ئانىڭىزنىڭ مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش، يىراقتىكى يۇرتىمىزدا بىزنىڭ ئىسمىمىزنى چاقىرغان نىداسىنى كۆردۈم. ئانا، قەلبىمنىڭ تۆرىدىكى ئانا... مەن قانداق قىلىپ باققان ئەجرىڭىزنى قايتۇرىمەن؟ مەن يەنە نېمەم بىلەن ئۈمىدىڭىزنى ئاقلىيالايمەن؟ سىز ئۆز ھاياتىڭىز بىلەن مېنى بېقىپ قاتارغا قوشتىڭىز، بىراق مەن پەقەت ئاققۇزغان كۆز يېشىم ، تەرىم ۋە شۇ قەدەر مائاشى تۆۋەن خىزمىتىم بىلەن ئالدىڭىزغا بارامدىم. بىراق قۇرداشلىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەخىتتۇر، مەن ھەرۋاقىت ئۆزۈمگە سەۋىرچانلىق ۋە سەممىمىيەت بىلەن تەقدىرنىڭ تاللىشىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە شۈكۈر قانائەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.

    ئەگەر ، ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئىنسان ھاياتىدىكى ئۆتكۈنچى سېھىرلىك دەرەخ دەپ قارالسا، ئۇنداقتا ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەماللىققا خىزمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تاپالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئۇ پەقەت قىسقىغىنە قىش كېچىسى خالاس. ماڭا ئىشىنىڭ، چۈنكى بارلىق بۇ خىل كەچۈرمىشلەرنى مەنمۇ بېشىمدىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا ئاقىۋەت بويسۇندۇرغان . دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ، مەن بۇنداق بىر كېچىدە ۋە بۇنىڭىدىن كېيىنكى قانچىلىغان ئۇيقۇسىز كېچىلەردە سىزگە نېمىلەرنىدۇ دېگىم كەلگەن، قەلىب سادايىڭىزغا تېنىچقىنە قۇلاق سېلىپ، روھىيتىمىزنى ئاستاغىنە ئۇچراشتۇرساق، بەلىكىم سىز ئۈچۈن بىر دانە ئۆتكۈر، قېيىن مۇھىتنى ھەل قىلالايدىغان قورالنى تەمىنلىشىم مۇمكىن.