-
ئىستىقبال تەرجىماندىن قىسقىچە سۆز - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-01-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34325131.html
ئىستىقبال
ئىستىقبال ئەسلى ئاپتورى :دەيپېيلىياڭ
تەرجىمە قىلغۇچى : م. ئە . سەبورى
تەرجىماندىن قىسقىچە سۆز
ئالىي مەكتەپ ھەربىرەيلەننىڭ كېيىنلىك ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەزگىل، تولۇق ئوتتۇرىدا بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغىچە چىداپ ئۆتۈپ كەتسەڭلار ئويۇن دېگەن ئالىي مەكتەپتە، ھەممىدە ئەركىن ۋاقتىڭلاردا نېمە قىلىمەن دېسەڭلار، ئۆز خان، ئۆز بەگ بولىسىلەر دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىشلىرىنى ئويلىسام، گەرچە ئەينى ۋاقىتتا ئويۇندىن تامايىم بولمىسىمۇ، لېكىن ئىچكىرىدىكى دۆلەتلىك نۇقتىلىق مەكتەپكە ئۆتۈپ، ئىككى يىللىق تەييارلىقنىمۇ ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقىي ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا چۈشكىنىمدە ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك تەييارلىقسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم .ھېلىھەم ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىسىنى ئۇيغۇرچە بېرىپ نىشانلىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپ نەتىجىمىزنى بىر ئامال قىلىپ تۆۋەنلىتىپ بېرىدۇ، يۇرتىمىزدىن ئوقۇش پۈتتۈرىشىمىزگە ئۈلگۈرتۈپ خىزمەت تەقسىملەپ بېرىدۇ، دەپ ئېغىر ئۆگىنىش بېسىمى ئالدىدا ئۆزىگە بولغان تەلەپنى بارغانسېرى تۆۋەنلىتىپ مېڭىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ. شىنجاڭ خەلقى بىزدىن نېمە ئۈمىدلەرنى كۈتكەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەھبەرلىرى قانچە يەرگە يالۋۇرۇپ يېلىنىپ داڭلىق مەكتەپلەرگە شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى ئېلىشقا سان ھەل قىلغان؟ دۆلىتىمىز بىزنىڭ ئوقۇشىمىز ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ ئاجراتقان؟ بۇ مەسىللەرنى تېخىمۇ كۆپرەك ئوقۇغۇچىلار ئويلاپ كۆرۈشنى ئۆزىگە بۇرچ قىلسا ئىدى، يۇرتىمىزنىڭ نامراتلىق، قالاقلىقتىن خوشلىشىش قەدىمى تېزلەشكەن بولار ئىدى .
يۇقىرىقى مەسىللەر ھەققىدە ئويلىنىش جەريانىدا ئوقۇپ چىققان كىتابلىرىم ئىچىدىن «ئىستىقبال» ناملىق توردا تارقىلىپ يۈرگەن خەنزۇچە ئېلىكتىرونلۇق كىتاپنى تاللاپ ئالىي مەكتەپكە يېڭى قەدەم ئالغان ياكى ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇق قازىنىش ئۈمىدىنى ئازراق بولسىمۇ قەلبىدە ساقلىغان قەدىردان ساۋاقداشلىرىم ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ چىقىشنى ئىرادە قىلدىم. ئەجرىمگە ئاللاھ ئۆزى مەدەت بەرگەي .
ئۇشبۇ كىتابتا ئاپتور ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىللىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سېستىمىسىدىن تارتىپ تەھلىل قىلىشنى باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇپ يېتىش، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا كەلگۈسىدىكى خىزمەت ئىشىنى قانداق پىلانلاش ھەققىدە ئەمەلىي ۋە زور قوللىنىش ئەھمىيتىگە ئىگە مىساللارنى نەقىل كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەن ساغلاملىق ۋە مۇھەببەت قاتارلىق قىززىق نۇقتىلار ھەققىدىمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن. كىتابتا ئەڭ كۆپ سۆزلەنگىنى يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتى بىلەن كەلگۈسىدىكى خىزمەتنى قانداق تاللاش، قىسقىسى، قانداق قىلىپ ئىككىسىنى سىجىللىققا ئىگە قىلىپ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالىمىزنى قانداق قىلىپ ئۆز قولىمىزغا ئېلىشىمىزغا زور ئەھمىيتى بار ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ كەسكىن رىقابىتى ئالدىدا بىز ھەرۋاقىت تەييار تۇرىشىمىز كېرەك .
ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرغىنىمغا 4يىلچە بولۇپ قالغانلىق ۋە ئەسلىدىنلا ئەدەبىيات، ئۇيغۇرتىلى جەھەتتىكى سەۋىيەمنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، تېزراق تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈشكە ئالدىرىغانلىقىم قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەرجىمىدە خاتالىقلارنىڭ ساقلىنىشى تەبئىي، كەڭ تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ۋە تەنقىدىي تەكلىپ – پىكىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى ئويلىشىپ ئاناتىلىم بلوگىدا ئېلان قىلغاندىن سىرت سەلكىن مۇنبىىرىنىڭ سىتودېتنىلار سەھنىسى سەھىپىسدە «ئىستىقبال}ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان سىتودېنىتلار قوللانمىسى{ » ناملىق تېما ئاستىدا ئېلان قىلىندى.
سەلكىن مۇنبىرىدىكى «ئىستىقبال» ناملىق ئەسەرنىڭ تېما ئادرىسى
历史上的今天:
كىرىش سۆز: بىر دانە ئۆتكۈر قورال 2009-01-25ئۇيغۇرتىلى ئېلىپبەسى ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇسى 2009-01-25رۇجەك مەرىپەت كۇلۇبىنى ئەسلەيمەن 2009-01-25
收藏到:Del.icio.us
