<<  بلوگ يېزىشنى باشلىدىم | باش بەت | ئۇيغۇرتىلى ئېلىپبەسى ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇسى  >>
  • رۇجەك مەرىپەت كۇلۇبىنى ئەسلەيمەن - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]

    2009-01-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34315226.html

     2008.يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا رۇجەك مەرىپەت كۇلۇبى ناملىق بىر مۇنازىرە مۇنبىرى خاراكتېرلىك تور بەت بارلىققا كەلدى، بەت يۈزىنىڭ رەتلىك، سەھىپىلىرىنىڭ مەزمۇنلۇق، دانە– دانە بولۇشى مېنىڭدە بۇ مۇنبەرنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇردى. ئۇ دەل مېنىڭ مەكتەپتە ئالتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تېپىپ بىر يېرىم ئايدەك مۇنتىزىم، توختاملىق ئېنگىلىزتىلى تېز يېتۈشتۈرۈش كۇرسىنى ئېچىشنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان، ھەم شۇ جەرياندا ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىش ئۇسۇلى ھەققىدە بەلگىلىك سەۋىيەگە ئىگە بولغان ۋاقتىم ئىدى (م . ئە. سەبورى نامى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا بارلىق چوڭ مۇنبەرلەرنى بېسىپ كەتكەن «ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىشىتىكى ئۇسۇللار» ناملىق ماقالە شۇ ۋاقىتتىكى ئەسىرىم، شۇ چاغدا ئاينۇرى ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىش بلوگىمۇ بۇ ئەسەرنى قوشۇۋالغان.) . شۇنىڭ بىلەن بىر خەنزۇچە نەسىرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ۋە مەخسۇس پىلانلىرىمىنى ئېيتىپ رۇجەك كۇلۇبىدا مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ بېرىشكە ئىلتىماس سۇنۇلدى، رۇجەك كۇلۇبى باشقۇرغۇچىسى رۇجەك ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقاتى ئاستىدا قاراپ تۇرسام مۇنبەر ئەزاسى كۈنساناپ كۆپىيىپ، بىر ئايدا 400 يۈزدىن ئارتۇق يېڭى ئەزا تىزىملاتتى ، مېنىڭ مەخسۇس سەھىپەم «سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى» گە يوللانغان بارلىق تېمىلار ئارقا ئارقىدىن تەۋسىيەلىنىپ، جەۋھەرلىنىپ دېگەندەك مۇنبەر ئۈستىدىن چۈشمىدى، بىر نەچچە مۇنبەر ئەزالىرى ئۈزۈلدۈرمەي قوللاپ، مەدەت بېرىپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ بىر تەرەپتىن «ئىستىقبال» ناملىق خەنزۇچە كىتابنى تەرجىمە قىلىپ ئىچىكىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بىر قوللانما ئىشلەپ بېرەي دېسەم، يەنە بىر تەرەپتىن قىشلىق تەتىلدە كۇرستا ئۆگەنگەن «چىشى پېئىلنىڭ قۇياش سېستىمىسىدىكى ساياھىتى» ناملىق ئېنگىلىزتىلى زامان ئۇقۇمى دەرسلىكىنى قەلەمگە ئېلىپ ئۇدۇللۇق يوللاپ تۇرغاندىن سىرىت باشقا تېمىدىكى ئەسەرلەدىنمۇ بىر نەچچىنى يوللىۋېتەتتىم .

    يەنە مەۋسۇم ئاخىرى، بەزى ئىشلار خۇلاسىلىنىدىغان، يېڭى ئۆزگېرىشلەر بولىدىغان ۋاقىت. رۇجەكتىكى ئەسەرلىرىم خېلى كۆپ بولۇپ قالغان بولغاچقا، ئەسەرلەرنى يىغىپ توپلام قىلىپ، ئېلكىتىرونلۇق كىتاب قىلىپ چىقىرىپ قويسام دېگەن ئۈمىدتە چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتىنى ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن ئېلىكتىرونلۇق كىتاب قىلىپ رۇجەككە يوللاپ قويدۇم، بىر يېرىم يىل بوپتىكەن ئۆيگە قايتمىغىلى، مەن يۈرىكى تاش 3 كۈن پويىزدا ئولتۇرۇپ، تاكى ئاقسۇغا كەلگۈچە رۇجەكتە كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىشنى، قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يوللاشنى ئويلاپ ماڭدىم، ئاقسۇدىن قەشقەرگە كەلگۈچە مەنمۇ ئۆينى ھەرقانداق ئادەمدىن قاتتىق سېغىنىمەن، ئاتا–ئانامنى تېزراق كۆرۈشنى ئويلايمەندە، ئاندىن ئالدىرىغىلى تۇردۇم .

    بىزنىڭ ئۆيدە كومپىيۇتېر يوق، تور يوق، تاغامنىڭكىدە بار، «ئاپا ، تاغام ئۆيدە بارمۇ؟» دېدىم مەن كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا «نەۋرە ئۇكامنى كۆرگۈم كېلىپ كەتتى، بىر كىرىپ چىقاي ئۆيىگە » ئاپام مەقسىتىمنى بىلەتتى، ئارتۇق گەپ سۆز قىلماي «تېلىفون قىلىپ بېقىپ ئادەم بولسا چىقىپ كىر»  چۈشلۈك تاماقنى ھاپىلا– شاپىلا يەپلا كومپىيۇتېرنىڭ قېشىغا، ياق، ياق، تاغامنىڭ ئۆيىگە كىردىم. تەلىيىمگە ئۇمۇ كومپىيۇتېرنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىكەن، سالام ساھەتتىن كېيىن، ھە مەن ساڭا توردا قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسىتىپ قوياي دەپ رۇجەكلەرنى كۆرسىتىپ، پەخىرلىنىپ سۆزلەپلا كېتىپتىمەن .

    بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، يېڭى تېما يوللايدىغان ۋاقتىم بولدى دەپ رۇجەككە كىرسەم، ئولىمپىك مەزگىلىدىكى تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن توختاپ قاپتۇ ، ساقلا – ساقلا، ئاخىرى بولدى ئۆيدە بىكارچىلىقتىن بەك زېرىكىدىكەنمەن دەپ ئىككى ھەپتە بۇرۇن مەكتەپكە يېنىپ كەلدىم، مەكتەپتە قىلىدىغانغا ئىش چىقىپ تۇراتتى، ئۇ چاغدا مەكتەپ تەجىربىخانىسا بولغاچقا خىزمەتلەر بىكار قالمايتتىم. شۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ، يېڭى مەۋسۇم باشلىنىپ ئوقۇش باشلىنىپ خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى .

    رۇجەك ئېچىلدى. شۇ كۈنى، مەن ئازابلانغان، سوغۇق بىر كېچىدە، سەھىپىلەر يوقىتىلغان، مۇنبەر رەتكە سېلىنىۋاتقاننىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپتىمەن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۆزىگە يارىشا سەۋەبى بار دەپ ئۆزۈمنى ئاران بېسىۋالاتتىم، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى، ھەي بەك ياخشى مۇنبەرتى بۇ ، بەك بەلەن مېڭىۋاتاتتى، ماڭا بەك ياخشى بىر سورۇن بولغانتى ، ھەي ... ھەي ...

    باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ چاپلىنىپ ئېلان قىلىنغان مۇنبەرلەرنى ئىزدەپ ئازابلىق كۆڭلۈمگە مەلھەم ئىزدەي دەپ ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچتىن سەبورى دەپ ئىزدىسەم ئاينۇرى ئېنگىلىزتىلى بلوگى چىقتى، ھەي ھەجەپ ياخشىكىنا، دېدىم ئىچىمدە، ئارتۇق، تۆشۈك بىرمۇ گەپ يوق، ھەممىسى پايدىلىق ئۇچۇر، ھەممىسى بىلىم، پاھ، مۇشۇنداق بىر بلوگىم بولغان بولسا ھەجەپ ياخشى بولار ئىدى– ھە!؟ ئىلگىرى ھەجەپ دىققەت قىلىپ قارىماپتىكەنمەن ما بلوگقا نەچچە كىرگەن بولمىسا، بىر يەرلىرىمدە خوشال بولاتتىم، چۈنكى مەن ئالدىنقى قېتىملاردا بۇ بلوگدىن تاپالمىغان بىر يېڭى نەرسىنى تېپىۋالغان ئىدىم، ئۇ دەل بلوگ ياساشنىڭ ئۇرۇقى ئىدى، ئۇنى قاچان پەرۋىش قىلىپ، سۇغۇرۇپ ئۆستۈرىدىغىنىم ئۆزۈمگە نامەلۇم، لېكىن چوقۇم بلوگىم بولىدۇ مېنىڭ  . 

    تۆۋەندە بۇ تېما شەبنەم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىنكاس ۋە جاۋابلارنى كۆرۈپ باقايلى:

    http://bbs.xabnam.com/search.php?authorid-53952.html

    Rujek: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەبورى
    شەبنەمگە كىرىپلا  بۇ تېمىغا كۆزۇم چۈشتى،   مەن دەل شۇ روجەك .
    ھەقىقەتەن روجەك مەرىپەت مۇنبىرى «ئىچىلىپلا ،توزۇپ كەتتى» ، ئويلسام ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ ۋە سىز قاتارلىق تورداشلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خىجىلمەن ..
    سوغوق قوللارنىڭ ھارارىتىدە مۇنبەر سىتېمىسى كاردىن چىققان بولغاچقا نەچچە قېتىم ئوڭشاپمۇ ،ئاخىرى ئۆرە بولالمىدى ..ئەپسۇس.
    ھازىر قايتىدىن قاراق مەرىپەت مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىقتىم ،مەرىپەت سۆيەر دوستلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ئىنكاسقا جاۋاب: مەن روجەكتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، سىزنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قىزغىن قوللىشىڭىز ئارقىسىدا ئۆز ئالدىمغا نىشان ، غايىلىرىم بولدى، سىزگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىسام ئەرزىيدۇ. شۇڭا روجەكنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن. رۇجەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتىكى رۇجەك روھىنىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىققا ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن !

    ahirlaxturguqi: بۇ تىمىنى شۇنداق ساپ تۇيغۇلىرىڭىز بىلەن قاملاشتۇرۇپ يېزىپسىز. ئەسەرنى ئوقۇپ سىزنىڭ بىر ئىزدىنشچان ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندىم.
    مەنمۇ روجەك تورىنىڭ ھازىر ئۇنىڭ نامى يېڭلىنىپ <قاراق مەرىپەت تورى>غا ئۆزگەرتىلدى. مەن بۇ تور بېكەتنىڭ باش يېتەكچىسى ۋەزىپسىنى يېقىندا تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئىشنىمەنكى بۇ مۇنبەرنىڭ تېملارنىڭ خاسلىقى ۋە ساپلىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ھەقىقىي مەرىپەت كۇلۇبىغا ئايلاندۇرىمىز. ئەڭ يېڭى تېملار، ئەڭ نادىر تېملار بىلەن بېزەيمىز. بىلىمگە تەشنا دوستلارنىڭ قەدەم تەشىرىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.  

    ئىنكاسقا جاۋاب:  رۇجەككە مېھرىم بەك چوڭقۇر بولغاچقا، شۇنداق بولسا كېرەك ئىزچىل ھالدا رۇجەككە كىرىپ تۇرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ قانداق كېتىپ بارغىنىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئاللاھ خالىسا مەنمۇ قولۇمنى ئازراق بىكار قىلىپ رۇجەككە قايتىپ بارىمەن. قاراق مۇنبىرى كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!

    berna08: مۇنبەر تارىخىدا بۇلۇپ تۇرىدىغان ئىشكەن، بۇرۇن ئىزدىنىشتا نۇرغۇن يازمىلىرىم شۇنداق بىر قىسىم سەۋەبلەر بىلەن يوق بۇلۇپ كەتكەنتى، ئۇچاغلاردا بلوگ يوق، سۆزبەر دەپ ئىسىم قۇيىۋالغىنىمىز نىمە بولغىيتى ھازىر تازا ئەسلىيەلمەيمەن. بەزىلىرى شۇ يەردە، بەزىلىرى ئەسەر يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ خاتىرىسىدە قالغان بۇلۇپ ئاز بىر قىسمىنى تېپىۋالغان چاغدا مەنمۇ چەكسىز خۇرسەن بولغان.
       ئىشلىرىڭىزغا ياخشى نەتىجىلەرنى تىلەيمەن سەبۇرى.

    ئىنكاسقا جاۋاب:  سىزگە كۆپ رەھمەت !
    ياخشى يېرى مەن بارلىق ئەسەرلىرىمنى رۇجەككە يوللاپ بولغاندىن كېيىن رەتلىك قىلىپ يىغىپ ئېلىكتىرونلۇق كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىققان، يەنە تېخى باسمىخانىدا باستۇرۇپ ئېلىپمۇ قويغان. لېكىن ئۇ ماتېرىياللىرىم كومپىيۇتېرىمنىڭ بىر بۇلۇڭىدا قېلىپ قالمىسۇن دېگەن ئۈمىدتە قايتىدىن ئاناتىلىم بلوگى () نى تۈزۈشكە ئاتلاندىم.


    收藏到:Del.icio.us





Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • بلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم،مېنىمۇ قوشۇۋالسىڭىز ئۆز-ئارا ئۆگىنەيلى.ئادرىسىمنى قالدۇرسام چەكلەنگەن مەشخولات دەپ چىقىۋالدىغۇ...
    م.ئە.سەبۇرى回复كروران说:
    بلوگىمغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
    ئەسەر ھوقۇقى بەلگىلىك قوغدالسۇن دېگەن مەقسەتتە، CTRL كۇنۇپكىسى پۈتۈنلەي چەكلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئادرېس قالدۇرغان ۋاقتىڭىزدا كۆچۈرۈپ ، چاپلىسىڭىز، بۇنداق مەشغۇلات چەكلەنگەن مەشغۇلات سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. مالال كۆرمەي، كېلەر قېتىم كەلگىنىڭىزدە ئادرېسىڭىزنى يېزىپ قالدۇرۇڭ. سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
    بلوگنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلىرىدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن. ئۆز–ئارا ئۆگېنىپ ، بىرلىكتە ئالغا باسايلى!

    تۆنۈگۈن سىزگە جاۋاپ خەت يېزىپ بولۇپ ئىزچىل ئويلىنىپ قالدىم شۇڭاCTRL نى چەكلىۋېتىش ئىقتىدارنى يوقىتىۋەتتىم. ئەمدى ئادرېسنى چاپلىسىڭىز بولىدۇ، يەنە مەسىللەر بولسا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ تۇرغايسىز، مەنمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىمەن.
    2009-01-31 01:12:32