-
قىزىمغا يېزىلغان 2.پارچە خەت(بىچار دانىخورەك) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-07
قىزىمغا يېزىلغان ئىككىنجى پارچە خەت
تۆنۈگۈن ئاخشام ئۆيگە قايتقاندا قىزىمنىڭ ئۆيىدىن گىتتار ئاۋازىنىڭ چىقىۋاتقانلىقنى ئاڭلىدىم،غەلىتە ئىش، ئۇنىڭ گىتتىرىنىڭ سىمى 2 كۈن بۇرۇن ئۈزۈلۈپ كەتكەن تۇرسا، ئۇ قانداق چېلىۋاتقاندۇ؟
بۈگۈن قىزىم ئايلىق ئىمتاھان بەردى، تاپشۇرۇقى يوق.
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، ئۇ پەقەت بولمىغاندا بىر يىل كېچىكىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىشنى ئېيتتى، مەن ناھايىتى ھەيران بولۇپ «سىز بېرەلمەمسىز؟» دىسەم، ئۇ نەتىجەم بولمايدۇ، ئەمەس بەلكى يۈزۈم دىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەكلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى بەك يۇقىرى ئىكەن، ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى دىگەندىمۇ باشقىلار ئۇنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەكلەر سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن دوست بولمايدىكەن. شۇڭا ئۇ ئاۋۋال يۈزىنى ساقايتىپ ئاندىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرمەكچى بوپتۇ.
ئۇنىڭ دىيىشىچە دەل شۇ دانىخورەك تۈپەيلىدىن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن بېرىش– كېلىش قىلىشنى خالىمايدىكەن. ئۆچلۈكنى كەلتۈرىدىغان دانىخورەك، ئالۋاستىغا ئوخشايدىغان دانىخورەك!سۆيۈملۈك قىزىم:
سىزنىڭ دەردىڭىزنى ئاڭلاپ، مەن ئازراقمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلمىدىم، چۈنكى مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ياش مەزگىلىم بولغان، ئالدىنقى قېتىملىق خېتىمدە تىلغا ئالغىنىمدەك، مەنمۇ دائىم ئۆزۈمدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرەتتىم. ئەگەر سىزگە دانىخورەك چىقمىغان ھالەتتىمۇ، سىز بەلكىم ئاغزىڭىزنىڭ چوڭلىقىنى، بويىڭىزنىڭ پاكارلىقىنى، ياكى يول ماڭغاندىكى قىياپىتىڭىز ناھايىتى كۆرۈمسىز ياكى پۇتىڭىز مايماق ياكى يۈزىڭىزدە سەپكۈل بارلىقىنى ھېس قىلاتتىڭىز... -
قىزىمغا يېزىلغان بىرىنجى پارچە خەت
سۆيۈملۈك قىزىم:
مەن ۋە دادىڭىز سىزنىڭ ھەر كۈنى خوشال– خۇرام تۇرمۇش ئىچىدە قەلبىڭىزنىڭ شاتلىققا چۆمۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىز ئاغرىغاندا مېنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ؛ سىز خوشال بولمىغان ۋاقىتتا، مەن تېخىمۇ خوشال بولمايمەن.
سىزنىڭ ئاغزىڭىزنىڭ دائىملا«ئىچىم پۇشتى» دىگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ ياشلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن. ئېسىمدە قېلىشىمچە ئالىي مەكتەپ بىرىنجى يىللىقنىڭ يازلىق تەتىل ۋە ئالىي مەكتەپ ئىككىنجى يىللىقنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقىتلىرىدىكى يېشىم سىزنىڭ ھازىرقى يېزىشىڭىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولسام كېرەك، ئۆيگە قايتىپ كەلسەملا «ئەھمىيەتسىز». مېنىڭچە «ئەھمىيەتسىز» دىگەن بۇ سۆز چوقۇم ھازىرقى «ئىچىم پۇشتى.»دىگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدىغۇ دەيمەن، ناھايىتى شۇ ئەينى ۋاقىتلاردا «ئىچىم پۇشتى» دىگەن سۆزنى ئىشلەتمەيتتۇق. ئەينى چاغدا «ئەھمىيەتسىز» دىگەن سۆزنى دىگەنسېرى، كۆڭلۈمدە شۇنچە مەنىسىزلىق، نىشانسىزلىق ھېس قىلاتتىم. بىر كۈنى ئاپامنىڭ ئاشخانىدا دادام بىلەن قىلىشقان مەخپىي پارىڭىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ قالدىم. ئاپام «قىزىمىز دائىم ئەھمىيەتىسز دەيدۇ، بىرەر چاتىقى يوقتۇ– ھە؟ مەن بەك ئەنسىرەپ قالدىم» دىسە، دادام «ھېچقىسى يوق، ياشلىق مەزگىلى شۇنداق زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان چاغلىرى بولۇپ قالىدۇ، ئەنىسىرىمىگىن، تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» دىدى. ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە خېلى تەسىرلەندىم، ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن «كېسىلى يوق تۇرۇپ ۋايجان» دەيدىغان خاراكتېردە بولۇپ قالغاندەك ئويلاپ، ئاپامغا ئېلىپ كەلگەن روھىي بېسىمنى قايتۇرۇۋالدىم، ۋە شۇنىڭدىن ئېتبارەن «ئەھمىيەتسىز» دىگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتمەيدىغان بولدۇم. -
قىزىم كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىدۇ - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-05
قىزىم كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىدۇ
ئەسلى ئاپتورى: يىڭيى تەرجىمە قىلغۇچى: م.ئە.سەبورى
قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقتى: 2007.يىلى 9.ئاپرېلبۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى سەۋەب لىجېنشىنىڭ «ئەڭ ياخشى ئائىلە باشلىقى بولۇش» ناملىق ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ قىزىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن. لىجېنشى مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا– ئانا بولغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىشى ئاز دىگەندىمۇ مۇنداق تۆت تەرەپتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە: بىرىنجى، چوڭ بولغاندىن كېيىنكى قىزىمىزنىڭ ئاتا– ئانا مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشى؛ ئىككىنجى، بۇ يەنە پەرزەنىتلەرگە ھاياتلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ماتېرىيالى بولالايدۇ؛ ئۈچىنجى، بالىلىق ۋاقىتلاردىكى ساپ قەلىبنى خاتىرىلەش، پەرزەنىتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەربىيلىشىنىڭ ماتېرىيالى بولالايدۇ؛ تۆتىنجى، پەرزەنىتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىش، ئاتا– ئانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆتكەننى ئويلاپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش جەريانى بولىدۇ. »
لىجېنشى قىزى ئەمدىلا تۇغۇلغاندىن باشلاپ خاتىرە يېزىشقا باشلىغان، بىراق مەن قىزىم تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا ئاندىن خاتىرە يېزىۋاتىمەن، ۋاقىت ئۆتسە كەينىگە قايتمايدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن كۈننى ئارقىغا ياندۇرۇش گۈزەل تىلەكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. -
باي دادا 2.باپتىن قىسقىچە خۇلاسە - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-03
ئىككىنجى باپ
قىسقىچە خۇلاسە
1971.يىلىدىن كېيىن ، ئامېرىكا دوللىرى ئىلگىرىكى سەلتەنەت سۈرگەن ۋاقتىغا قايتالمىدى، پەقەت ئاقما ئوبۇرۇت بولۇپ قالدى.
1974.يىلى، كارخانىلار ئىشچى– خىزمەتچىلەر ئۈچۈن قايتا ئۆمۈرلۈك پىنسىيە پۇلى تەمىنلىمەيدىغان بولدى. بۇ ئىككى چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن نەتىجە، دەل مالىيە پاراسىتىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ كېتىشى بولدى. گەرچە مالىيە پاراسىتى ھەممە ئادەم ئۈچۈن مۇھىم بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ B كوردىنات ۋە I كوردىناتتا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلان تۈزىۋاتقانلارغا تېخىمۇ شۇنداق. -
باي دادا ئىككىنجى باپ 5. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-28
ئىككىنجى باپ بەشىنجى قىسىم
كىملەر تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي قابىلىيەتكە ئېھتىياجلىق
تۆۋەندىكى نەق پۇلنىڭ ئاقما كوردىناتى رەسىمىنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىققىنىمىزدىن كېيىن، بىز كىملەرنىڭ تېخىمۇ بەك ئىقتىسادىي قابىلىيەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلەلەيمىز .
(رەسىم قالدۇرۇلدى.)باي دادا يۈرۈشلۈك كىتابلىرى ئىچىدىكى ئىككىنجىسى «باي دادا مالىيەسى ئەركىن يولى» نى ئوقۇمىغان ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن، تۆۋەندە ئاددىيغىنە ئىزاھات بېرىپ ئۆتىمەن. نەق پۇلنىڭ ئاقما كوردىناتىدا سۆزلەنگىنى پۇل دۇنياسىدىكى 4 خىل ئوخشىمىغان كىشىلەر توپى.
E ياللىغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
S بىر قىسىم كىچىك كارخانا باشلىقلىرى، ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ياكى كەسىپىي خادىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
B چوڭ تىپتىكى كارخانىچىلاغا ۋەكىللىك قىلىدۇ (500 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى خىزمەتچىسى بولغان)
I مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ -
باي دادا ئىككىنجى باپ 4.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-26
ئىككىنجى باپ تۆتىنجى قىسىم
ھەممىلا ئادەم مالىيە پاراسىتىگە ئېھتىياجلىق بولىۋەرمەيدۇ
ئەگەر سىز ناھايىتى ئامەتلىك ھالدا بىر بۆلۈك مال– دۇنياغا ئىگىدارچىلىق قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مالىيە پاراسىتىگە بەك ئېھتىياجلىق بولۇپ كەتمەيسىز، پەقەت مالىيە پاراسىتى بولغان بىر كىشىنى ياللاپ ئىشلەتسىڭىزلا كۇپايە؛ ئەگەر سىز پۇل ئۈچۈن توي قىلماچقى بولغان بولسىڭىز، مالىيە پاراسىتىڭ سىزگىمۇ پايدىسى يوق؛ ئەگەر سىز تالانىت ئىگىسى بولۇپ، بالىلىق چېغىڭىزدىلا ناھايىتى كۆپ پۇلىڭىز بولغان بولسا، ئۇنداقتا سىزمۇ مالىيە پاراسىتىگە ئانچە ئېھتىياجلىق بولۇپ كەتمەيسىز، پەقەت M. C. خەنمودەك نەسباسقۇر بولمىسىڭىزلا بولدى.
-
باي دادا ئىككىنجى باپ 3.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-23
ئىككىنجى باپ ئۈچىنجى قىسىم
باشقا تۈردىكى ئەقىل– پاراسەتلەر
بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ئەقىل– پاراسەتلەر بىزنىڭ ھايات كەچۈرۈش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. 3 تۈرلۈك مۇھىم ئەقىل– پاراسەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1.ئىلىم– پەن پاراسىتى. ئىلىم– پەن پاراسىتى بىزنىڭ ئوقۇش، يېزىش، ماتېماتىكىلىق مەسىللەرنى ئىشلەش ۋە كومپىيۇتېر سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىقتىدارىمىز، بۇ خىل پاراسەت ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئىلىم– پەن پاراسىتى ئارقىلىق بىر قىسىم مەسىللەرنى ھەل قىلىمىز، مەسىلەن: قانداق ئورۇن، قانداق ۋاقىتتا بوران– چاپقۇن چىقىدىغانلىقى ۋە قانداق بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەش.
2. كەسىپ پاراسىتى. بىز بۇ خىل ئەقىل– پاراسەت ئارقىلىق بىر تۈرلۈك ئىقتىدارنى ئۆگېنىمىز شۇنداقلا پۇل تاپىمىز. مەسىلەن، دوختۇرلار ناھايىتى كۆپ قىسىم ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل ناھايىتى مۇھىم پاراسىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. دوختۇرنىڭ قابىلىيتىنى ئۇنى يامان ئەمەس كىرىمگە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ. -
باي دادا ئىككىنجى باپ 2.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-23
ئىككىنجى باپ ئىككىنجى قىسىم
باشقا تۈردىكى ئەقلىي قابىلىيەتلەر
بىز بىر بىرىمىزگە ئوخشىمايمىز. بىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىزىقىشىمىز ۋە خوشاللىنىدىغان ياكى غەزەپلىنىدىغان ئىشلىرىمىز بولىدۇ، بىزنىڭ ئوخشاشمىغان ئارتۇقچىلىق ۋە نۇقسانلىرىمىز بار، بىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىقتىدار ۋە تالانتىمىز بار.
مېنىڭ بۇنداق دىيىشىم مالىيە ئەقىل– پاراسىتى ئەڭ مۇھىم ئەقىل– پاراسەت ئەمەس ، ھەتتاكى بىردىنبىر ئەقىل– پاراسەت ئەمەس ئىكەنلىكىدىن. مالىيە پاراسىتى پەقەت ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان پاراسەتتۇر، چۈنكى بىز مال– دۇنيا دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، توغرىسى پۇل دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. خۇددى باي دادام ئېيتقاندەك: «مەيلى باي ياكى گاداي بولسۇن، ئەقىللىق ياكى ئەقىلسىز بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاشلا پۇل ئىشلىتىمىز.» -
باي دادا ئىككىنجى باپ 1.قىسىم (2) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-21
ئىككىنجى باپ بىرىنجى قىسىمنىڭ داۋامى
ئەگەر مالىيە ئىشلىرىغا نىسبەتەن پۇختا ئاساسىڭىز بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ مالىيە پاراسىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ناھايىتى ئاسان بولىدۇ. ئەمما سىزنىڭ ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىز بىر قەدەر تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا سىز يېڭى مالىيە ئۇچۇرلىرىنى چۈشىنەلمەيسىز، سىزگە نىسبەتەن خۇددى ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھېلىقى مەسىلە ئېسىڭىزدىمىكىن؟ ماتېماتىكا تالانىت ئىگىسىمۇ يەنىلا 2+2 دىن باشلاپ ئۆگېنىدۇ! ئىقتىسادىي قابىلىيەت تەربىيەسىگە قارىتا پايدىلىق تەرىپى شۇكى، ۋاقىتنىڭ ئالغا سىلجىشىغا ئەگىشىپ، سىز تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان مالىيە ئۇچۇرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىگەللىيەلەيسىز، بۇ خۇددى كۆپ يىللىق مەشىقتىن كېيىن ماتېماتىكنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ مەسىللەرنىڭ جاۋابىنى تاپالايدىغان بولغىنىغا ئوخشاش. بىراق، مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتەي، سىز يۈگىرەشنى ئۆگېنىشتىن ئاۋۋال قانداق يول مېڭىشنى ئۆگېنىڭ.
-
باي دادا ئىككىنجى باپ 1.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-19
ئىككىنجى باپ بىرىنجى قىسىم
مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پاراسىتى ۋە ئىقتىسادىي قابىلىيەت
بىزنىڭ ئارىمىزدا كۆپ قىسىم ئادەملەر ئەقلىي قابىلىيتى 130 بولغان ئادەم چوقۇم ئەقلىي قابىلىيتى 95 بولغان ئادەمدىن ئەقىللىق بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئىقتىسادىي قابىلىيەتنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. سىز بەلكىم تالانىت ئىگىسىگە خاس ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگە بولۇش بولسىڭىزمۇ، لېكىن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بالىغا ئوخشاش ئىقتىسادىي قابىليەتكە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن.
باشقىلار داۋاملىق مېنىڭدىن : «مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پاراسىتى ۋە ئىقتىسادىي قابىلىيەتنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟» دەپ سورايدۇ، مېنىڭ جاۋابىم شۇكى « مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پاراسىتى بىزنىڭ كاللىمىزدىكى ئەقىل– پاراسەتنىڭ بىر قىسمى، بىزنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى ھەل قىلىدىغان ئەقىل– پاراسىتىمىز. لېكىن ئىقتىسادىي قابىلىيەت بولسا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەقىل– پاراسىتىنىڭ مىقتارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى قىممىتى، ئۇ بىزنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئەقىل– پاراسىتىمىزنى قانداق مىقدارلاشتۇرۇشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىسال كەلتۈرسەم، ئەگەر مەن يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپتىم دېسەم، 20 پىرسەنىت باج تۆلىسەم، ئۇنداقتا ئوخشاشلا يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىپ تۇرۇپ 50 پىرسەنىت باج تۆلىگەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ ئىقتىسادىي قابىلىيتىم يۇقىرى بولغان بولىدۇ.