<<  مېنىڭ ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىشتىكى تەجرىبەم (ئۇيغۇرچە– ئىنگلىزچە) | باش بەت | باي دادا ئىككىنجى باپ 3.قىسىم  >>
  • باي دادا ئىككىنجى باپ 2.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-02-23

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35622318.html

    باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    ئىككىنجى باپ ئىككىنجى قىسىم

    باشقا تۈردىكى ئەقلىي قابىلىيەتلەر

         بىز بىر بىرىمىزگە ئوخشىمايمىز. بىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىزىقىشىمىز ۋە خوشاللىنىدىغان ياكى غەزەپلىنىدىغان ئىشلىرىمىز بولىدۇ، بىزنىڭ ئوخشاشمىغان ئارتۇقچىلىق ۋە نۇقسانلىرىمىز بار، بىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىقتىدار ۋە تالانتىمىز بار.
    مېنىڭ بۇنداق دىيىشىم مالىيە ئەقىل– پاراسىتى ئەڭ مۇھىم ئەقىل– پاراسەت ئەمەس ، ھەتتاكى بىردىنبىر ئەقىل– پاراسەت ئەمەس ئىكەنلىكىدىن. مالىيە پاراسىتى پەقەت ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان پاراسەتتۇر، چۈنكى بىز مال– دۇنيا دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، توغرىسى پۇل دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. خۇددى باي دادام ئېيتقاندەك: «مەيلى باي ياكى گاداي بولسۇن، ئەقىللىق ياكى ئەقىلسىز بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاشلا پۇل ئىشلىتىمىز.»
    باشقا نۇرغۇنلىغان پاراسەتلەر (مەسىلەن مېدىتسىنا پاراسىتى) مۇ ناھايىتى مۇھىم. ھەرقېتىم كېسەل كۆرگىلى بارغىنىمدا دوختۇردىن ناھايىتى مىننەتتار بولۇپ كېتىمەن، چۈنكى ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى مېدىتسىنا پاراسىتى ۋە قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە سەرپ قىلىدۇ. مەن يېتەرلىك پۇل ۋە شۇغۇرتا ئارقىلىق باشقا تۈردىكى تىببىي ساغلاملىق مەسىللەرگە ئۇچراشقا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىمدىن ناھايىتى خوشالمەن. بۇنىڭغا قارىتا باي دادام مۇنداق دىگەن: «پۇل ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئەمەس، لېكىن پۇل بىزنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، پۇل ناھايىتى مۇھىم.» تەپسىلىي ئويلىنىپ كۆرسەك شۇنى ھېس قىلىمىزكى، پۇل– بايلىق بىزنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىمىز، ساغلاملىق ئەھۋالىمىز ۋە مائارىپ تەربىيە كۆرۈشىمىز قاتارلىقلارغا تەسىر قىلغان. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نامرات كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار، مائارىپ تەربىيسى كۆرۈشى تۆۋەن، شۇنداقلا ئوتتۇرىچە ئۆمرىمۇ قىسقا بولغان.
    5 خىل مالىيە پاراسىتىنى داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشتىن ئىلگىرى، مېنىڭ بىر نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆتكۈم بار، مېنىڭچە مالىيە پاراسىتى بارلىق ئەقىل– پاراسەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئەمەس، پۇلمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئەمەس. بىراق، سىز كۆڭلىڭىزنى تىنچ تۇتۇپ ياخشى ئويلاپ كۆرسىڭىز شۇنى ھېس قىلىسىزكى مالىيە پاراسىتى نۇرغۇن ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ئىشلار سىز ۋە سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولغان بولىدۇ.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!


    历史上的今天:

    ئەقىدە 2009-02-23

    收藏到:Del.icio.us





Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى