<<  باي دادا ئىككىنجى باپ 2.قىسىم | باش بەت | ئەقىدە  >>
  • باي دادا ئىككىنجى باپ 3.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-02-23

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35622473.html

    باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    ئىككىنجى باپ ئۈچىنجى قىسىم

    باشقا تۈردىكى ئەقىل– پاراسەتلەر

    بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ئەقىل– پاراسەتلەر بىزنىڭ ھايات كەچۈرۈش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. 3 تۈرلۈك مۇھىم ئەقىل– پاراسەتلەر تۆۋەندىكىچە:
    1.ئىلىم– پەن پاراسىتى. ئىلىم– پەن پاراسىتى بىزنىڭ ئوقۇش، يېزىش، ماتېماتىكىلىق مەسىللەرنى ئىشلەش ۋە كومپىيۇتېر سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىقتىدارىمىز، بۇ خىل پاراسەت ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئىلىم– پەن پاراسىتى ئارقىلىق بىر قىسىم مەسىللەرنى ھەل قىلىمىز، مەسىلەن: قانداق ئورۇن، قانداق ۋاقىتتا بوران– چاپقۇن چىقىدىغانلىقى ۋە قانداق بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەش.
    2. كەسىپ پاراسىتى. بىز بۇ خىل ئەقىل– پاراسەت ئارقىلىق بىر تۈرلۈك ئىقتىدارنى ئۆگېنىمىز شۇنداقلا پۇل تاپىمىز. مەسىلەن، دوختۇرلار ناھايىتى كۆپ قىسىم ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل ناھايىتى مۇھىم پاراسىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. دوختۇرنىڭ قابىلىيتىنى ئۇنى يامان ئەمەس كىرىمگە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ.
    ئاددىيغىنە ئېيىتساق، كەسپىي پاراسەت بىزنىڭ مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغان پاراسىتىمىز، كىشىلەر مەسىللەرنىڭ ھەل بولۇشىغا پۇل تۆلەشنى ناھايىتىمۇ خالايدۇ. ئەگەر مېنىڭ ماشىنام بۇزۇلۇپ قالسا، مەن ماشىنا رىمونىت قىلىش ئورنىدىكى خادىملارغا ئۆز رازىلىقىم بىلەن پۇل تۆلەپ ماشىنامنى ئوڭشىتىشنى خالايمەن. مەن يەنە ئۆي خوجىدارىمغا پۇل تۆلەپ ياللىغىنىمغا خوشاللىنىمەن. چۈنكى ئۇ مەن ۋە ئايالىمنىڭ نۇرغۇن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشتىكى چوڭ مەسىللەرنى ھەل قىلىپ بەردى، ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم.
    مېنىڭ كەسپىم تەرەپتىن، ئوخشىمغان كىشىلەر مېنىڭ ئوخشىمغان سودا ئىشلىرىمنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل. بۇ كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان باشقۇرۇش ئىقتىدارىم، شۇنداقلا ناھايىتى ياخشى بولغان تېخىنىكا ئىقتىدارى بار. شۇڭلاشقا بۇ كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئەقىل– قابىليەتلىرى ناھايىتى مۇھىم. باي دادام ماڭا مۇھىم بىر تەلىم تەربىيەنى بەرگەن بولۇپ، بۇ دەل ئوخشىمىغان سودا ئوخشىمىغان تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، دىن ئىبارەت. مىسال ئالساق، باي دادا شىركىتىدە، مەن كۆزگە كۆرۈنگەن سودا ئىشلىرى باشقۇرغۇچىسى ۋە ئادەم بايلىقى باشقۇرغۇچىسى ئىقتىساسلىقلىرىغا ئىھتىياجلىق. ئۆي– مۈلۈك سودىسى تەرەپتىن، مەن تېخىنىكا خادىمىغا ئېھتىياجلىق، مەسىلەن كەسپىي گۇۋاھنامىسى بولغان سۇ تۇربىسى ئىشچىسى ۋە مانتىيور دىگەندەك.
    3. ساغلاملىق پاراسىتى. ساغلاملىق مال– دۇنيا بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. تىببى سۇغۇرتا ۋە ساغلاملىقنى ساقلاش ناھايىتى تېزلا پۇتۈن دۇنيا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. جەمئىيەت سۇغۇرتىسى پەقەت 100 مىڭ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇش، ئەمما تىببىي سۇغۇرتا 640 مىڭ مىليارد دوللار بولۇش مەسلىسى. سىزنىڭ خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، ئاز بولمىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ كېسەل بولۇپ كېتىشى بىلەن باي بولۇپ كېتىدۇ، ئەخلەت يېمەكلىكلەر، يۇمشاق ئىچىملىكلەر(كاربوناتلىق ئىچىملىكلەر) ، تاماكا، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ۋە رېتسىپ ئارقىلىقلا بېرىلىدىغان دورىلار بۇنىڭ مىسالى قاتارىغا كىرىدۇ. بىراق، بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغان بارلىق چىقىملار دۆلەتتنىڭ باج كىرىمىدىن كېلىدۇ.
    نەچچە ئاي ئىلگىرى، مەن بىر ياش– ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات كۇلۇبىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قابىليەت تەربىيسى تۈرىنى قانات يايدۇرىشىغا ياردەملەشتىم. بۇ قېتىملىق سەرگۈزەشتە مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى. بىر چىش كېسەللىكلىرى دوختۇرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا شەھەرلەرنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ چىش ئاغىرىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىن بىلدىم. ئەمما چىش ئاغىرىقىنىڭ سەۋەبى قەنتلىك ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش ۋە چىش كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ئىدى. بۇ ساغلاملىقنىڭ ناچارلىشىشى ۋە سېمىزلىك كېسلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىئابىت كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىغا ئېلىپ باراتتى. پارالامىنىت نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئۇرۇشقا مەبلەغ سالىدۇ–يۇ، بارلىق پەرزەنتلەر ئۈچۈن ساغلاملىق تەربىيسى ۋە تىببىي سۇغۇرتا تەمىنلەپ بەرمەيدۇ، مېنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىمچە بۇ بىر پاجىئە.
    مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، يېڭى دۇنيادا ئوڭۇشلۇق ياشاش ئۈچۈن، بىز ئوخشىمايدىغان تىپتىكى مائارىپ ۋە ئەقىل– پاراسەتكە موھتاجمىز. گەرچە مەن مالىيە پاراسىتىنى ئەڭ مۇھىم ئەقىل– پاراسەت دەپ قارىمىساممۇ، بىراق ئۇ بىزنىڭ ھەربىر مۇھىم بولغان ئىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!


    历史上的今天:

    ئەقىدە 2009-02-23

    收藏到:Del.icio.us





Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى