-
باي دادا ئىككىنجى باپ 4.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35746521.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرىت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
ئىككىنجى باپ تۆتىنجى قىسىم
ھەممىلا ئادەم مالىيە پاراسىتىگە ئېھتىياجلىق بولىۋەرمەيدۇ
ئەگەر سىز ناھايىتى ئامەتلىك ھالدا بىر بۆلۈك مال– دۇنياغا ئىگىدارچىلىق قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مالىيە پاراسىتىگە بەك ئېھتىياجلىق بولۇپ كەتمەيسىز، پەقەت مالىيە پاراسىتى بولغان بىر كىشىنى ياللاپ ئىشلەتسىڭىزلا كۇپايە؛ ئەگەر سىز پۇل ئۈچۈن توي قىلماچقى بولغان بولسىڭىز، مالىيە پاراسىتىڭ سىزگىمۇ پايدىسى يوق؛ ئەگەر سىز تالانىت ئىگىسى بولۇپ، بالىلىق چېغىڭىزدىلا ناھايىتى كۆپ پۇلىڭىز بولغان بولسا، ئۇنداقتا سىزمۇ مالىيە پاراسىتىگە ئانچە ئېھتىياجلىق بولۇپ كەتمەيسىز، پەقەت M. C. خەنمودەك نەسباسقۇر بولمىسىڭىزلا بولدى.
ئەگەر سىز بىر ئۆمۈر ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىشلەپ، پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئېرىشەلىسىڭىز؛ ياكى ئەگەر سىز كونا سانائەت ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى شىركەتلەر، مەسىلەن: ھەممىباب ماشىنا شىركىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىڭىز، بۇ شىركەتلەر يەنىلا تۇراقلىق پاراۋانلىق پىنسىيە سۇغۇرتىسى پىلانىنى يۈرگۈزسە، سىزگە ئۆمۈرلۈك مۇئاش ۋە تىببىي پاراۋانلىق پۇلى تەمىنلىيەلىسە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ مالىيە پاراسىتىگە ئانچە ئېھتياجلىق بولۇپ كەتمەيسىز.
ئەگەر سىز كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئوخشاش خىزمەت قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز، ئۇنداقتا دەماللىققا جەمئىيەت سۇغۇرتىسى ۋە تىببىي سۇغۇرتىغا تايىنىشنى پىلانلىسىڭىزمۇ ھازىرقى دەۋردە سىز يەنىلا مالىيە پاراسىتىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈشكە موھتاج.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
ساقلىۋېلىش:Del.icio.us












