<<  باي دادا ئىككىنجى باپ 4.قىسىم | باش بەت | باي دادا ئىككىنجى باپ 5. قىسىم  >>
  • سۈكۈت جىلغىسى - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]

    2009-02-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35780051.html

    م.ئە.سەبورى

    سۈكۈت ھەمراھ،
    سۈكۈت ھۆكۈمران
    سۈكۈت ئۈچۈن تۆكۈلگەن قانلار...

    دانكو ئەگەر قىلغاندا سۈكۈت
    يوقالماستى ئاتەشتەك يۈرەك.
    ئاپئاق كۆڭلەك قانغا بويالماس،
    سۈكۈت بىلەن تۇرغاندا كۆكرەك.

    تىمتاس جىلغا سۈكۈت ئىچىدە،
    ھەر سەھەردە يېڭى بىر تۇرمۇش.
    قانغا سىڭگەن جىم تۇرماس ماددا،
    روھ زېمىنىدا توختىماس ئۇرۇش.

    بەخىتلىكلەر كۆزىدە نىشان،
    بەخىتسىزلەر قەلبىدە پىغان.
    سۈكۈت ئەگەر بۆلۈنسە تەكشى،
    يوقىلاتتى تەڭسىزلىك تامان.

    سۈكۈت بىزگە ئامانەت قالغان،
    ئىلگىرىكىلەر كۈتىدۇ نېمە؟
    داۋان ئېشىپ ماڭايلى ئالغا،
    كۈتۈپ تۇرار قىرغاقتا كېمە.

    چۈنكى ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۈلگە...

    2005.يىلى  16. سىنتەبىر
    نىڭشىيا. يىنچۈەن


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى