-
ئاناتىلىم تورتۇراسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بىر ئايلىقى - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-02-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35712893.html
بۈگۈن ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ تورداشلارغا رەسمىي ئېچىۋىتىلگەنلىكىنىڭ بىر ئايلىق خاتىرە كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاددى بولسىمۇ ھېس– تۇيغۇلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. گەپ سۆزدە ئارتۇق كەتكەن، خاتا بولغان، چۈشۈپ قالغان جايلىرىغا تۈزىتىش بېرىشڭىزلارنى سورايمەن.
ئالدى بىلەن بۇ جەرياندا ئاناتىلىم بلوگىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىس ياردىمىنى ئايىمىغان، يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ قىزغىن قوللىغان بارلىق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى، تور بەت زىيارەتچىلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن(بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا بۇ تېمىدا ئىسىملارنى بىرمۇ بىر ئاتاپ بولالمىدىم، ھەرقايسى ئايرىم تېمىلاردا ئېلان قىلىنغىنى ئاساس قىلىنىدۇ. ).2005.يىلىنىڭ باشلىرى سىنبلوگ سۇپىسىدا «ئۇيغۇر بەخىتلىك بۆرە تور تەتقىقات گۇرۇپپىسى» نامى بىلەن ئۇيغۇرچە بلوگ سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، 2006.يىلىدىكى ئۇيغۇر لىنىيسىدە قۇرۇلغان «قارانچۇق مۇھەببەت ھېكايىلىرى» ، بۇ يىل كىرىشى بىلەن كەينى– كەينىدىن كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بلوگسپوت سۇپىسدىكى «ئۇلانمىلار تورتۇراسى»، «بلوگلىرىمىز»، «مۇسۇلمانلار قوللانمىسى» دىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئاناتىلىم تورتۇراسى ئاناتىلىمىز ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى دەسلەپكى نىشان قىلىپ تۇرۇپ قۇرۇلغان ئىدى. ئاناتىلىم بلوگىنى تۈزۈش جەريانىدا ئىلگىرىكى قۇرۇلغان بلوگلاردىكى بارلىق تەجىرىبە– ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ئالاھىيدە ئەھمىيەت بەرگەچكە، ھەم ئاناتىلىمىز ھەققىدىكى تېمىلار تورداشلىرىمىز ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، تۈزۈكرەك تېخنىكىلىق تېمىلار، ئىشلىتىدىغان ياخشى دېتاللار، نادىر رەسىم ۋە فىلىملەر ھەققدىكى تېمىلار بولماي تۇرۇپمۇ (بۇنداق دېيىشىمدىكى مەقسەت نۆۋەتتە يانغون بىلىملىرى، ئۇيغۇرچە ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ۋە يېڭى فىلىم كۆرۈش ئۇچۇرلىرى تەمىنلەنگەن تور بەتلەرنىڭ زىيارەت سانى باشقا توربەتلەردىن ھەسسىلەپ يۇقىرى بولغان) قىسقىغىنە بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە خېلى ياخشى تەرەققىي قىلىپ ماڭدى. بەيدۇ، گوگېل قاتارلىق داڭلىق ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئاناتىلىم تورتۇراسىدىن ئىزدەشكە قوشۇۋالغان ئومۇمىي بەت سانى 300 دىن ئاشتى. بۇنى كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
تورتۇرانى قۇرۇش جەريانىدىكى بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئەڭ خوشال بولغان ئىش: ھۆرمەتلىك ئالىمىمىزنىڭ نادىر يازمىسى«خەلقئارالىق مۇتەخەسىسلەر نەزىرىدىكى يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئاناتىل (2)» دا ئاناتىلىم بلوگىدىكى تېمىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى بولۇپ ، بۇ ئاناتىلىمىز، بولۇپمۇ خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى ھەققىدىكى تېمىلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەشۋىقات ئاساسىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
ئەڭ كۆڭۈلسىز بىلىنگەن ئىش: كۆپ ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا ئاناتىلىم دىگەن ئىسىمنى قويۇپ ئاناتىل بلوگى باشقۇرغۇچىسى بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغىنىم. ھېلىھەم بۇ ئىشتىن قاتتىق خېجىللىق ھېس قىلىمەن. ھەم ئاناتىل بلوگى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى شەخىسىنىڭ مۇبارەك تېنىنىڭ ئامان، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.تورتۇرانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ تورتۇراغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئەسكەرتىلىدۇ:
1. ئانا تىل ھەققىدىكى نادىر تېمىلار داۋاملىق توپلىنىش، تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىرگە تورتۇرانىڭ مەزمۇنىنىڭ موللىقى ۋە يېڭىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىنگلىزتىلى ئۆگېنىش، تەرجىمە ئەسەرلەر، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى سەھىپىلىرىگە داۋاملىق تېما يوللىنىپ تۇرۇلىدۇ. بۈگۈندىن ئېتىبارەن تېما يوللىنىش ۋاقتى مۇقىم ھالدا ھەپتىنىڭ جۈپ كۈنلىرى بولۇپ، ئاز دىگەندە ھەپتىدە 2 پارچە ماقالە يوللىنىدۇ. قولايلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتسىڭىز يان سەھىپىدىكى ئورۇندىن مۇشتەرى بولسىڭىز يېڭى تېمىلاردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تۇرالايسىز.
2. تەرجىمە ئەسەرلەر بەلگىلىك مىقدارغا يەتكەندە تورداشلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئېلىكتىرونلۇق كىتاب قىلىپ تارقىتىلىدۇ، ئەمما تورغا چىقىش شارائىتى ياخشى بولغان تورداشلارنىڭ تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەسلى تېما ئورنىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىنى، بولسا ئېلانلارنى كۆرۈپ قويۇشىنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن.
3. ئاللاھ خالىسا ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش ھەققىدە ئىزدىنىش بىلەن بىرگە ئىلگىرى توپلىغان ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ «سەبورى بلوگ يېزىش قوللانمىسى» ناملىق يۈرۈشلۈك پايدىلىنىش ماتېرىيالىنى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە تىرىشىمەن.
4.بلوگ ئېلانىدا كىرىم قىلىش نۆۋەتتىكى بلوگ قۇرغانلار ئارىسىدىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاناتىلىم تورتۇراسىغا قويۇلغان ئەلىئانا ئېلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار داۋاملىق تەمىنلىنىدۇ. ئەلىئانا ئېلانى بۇ ئايلىق ئېلان كىرىمىنى كېلەر ئايدا بېرىدىغانلىق تۈزۈمىنى بېكىتكەچكە بۇ ھەقتە بىرەر ئىشەنچلىك خەۋەرنى تەمىن ئېتىشكە ۋاقتىنچە ئاجىزمەن. بۇ ھەقتە تەجىرىبىسى بارلارنىڭ مەسلەھەت كۆرسىتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
5. ئاناتىلىم تورتۇراسى ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان بارلىق پۇرسەتنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، پەقەت ئۆز ئارا دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بولىدىغانلا ئىش بولسا ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەمكارلىقنى قوبۇل قىلىدۇ.تورتۇراغا بىۋاستە ئىنكاس يازسىڭىزمۇ ياكى تورتۇرا ئۇقتۇرۇشى رامكىسىدا تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلار بويىچە بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ.كەم قالغان جايلىرىغا كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ پىكىر– تەكلىپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، مەسىلەن: مۇنداق سەھىپە قۇرۇلسا بولاتتى. ماۋۇ تۈردىكى ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنسا (خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىش بولسا بولىۋىرىدۇ، لېكىن سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغانلىرىغا ئايرىم ئالاقىلىشىڭ، بۇ يەردە پەقەت ئاممىبابلىقنى ئاساس قىلغانلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ) . ماۋۇ ئۇسلۇبنى ياقتۇراتتىم، شۇ بىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلسا . دىگەندەك بارلىق تەكلىپ– پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.
بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدىكى خىزمەتتىن بىر تورتۇرانىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خۇلاسە چىقىرىش ناھايىتى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمنى خۇلاسە دەپ چۈشەنمەسلىكىڭىزنى ئالاھىيدە ئەسكەرتىمەن، بۇ پەقەت باشلىنىش. ئاناتىلىم تورتۇراسىدىن ئىبارەت بۇ بوۋاق تېخىمۇ كۆپ تەربىيە ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىشكە موھتاج.
收藏到:Del.icio.us

评论
http://iqbal.blogbus.com/
http://iqbal.blogbus.com/files/12361412970.jpg
بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى مەردانە، مەزمۇنلىرى مېغىزلىق ئىكەن. بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى!
سىزنىمۇ ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم، ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن!
http://www.zaobao.com/yl/sl090309_501.shtml
شەھەرنىڭ « كىندىكى»دە تۇغۇلۇپ قالغان شۇ دىۋەڭلەر ئۆز تىلىدىكى دىئالىكىت ، شىۋىلەرنى چەتكە قېقىشنىمۇ نومۇس قىلماي ئوچۇق– ئاشكارا تىلغا ئالىدۇ(ياخشى گەپنى ئۆزىنىڭ تىلىدىكى شىۋىلەرگە قارىتىپتۇ، دۆلىتىمىزدىكى خەنزۇتىلىدىن باشقا تىللار دىمەپتۇ). ئۇلار «ھەممىسى ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان گۈزەللىكلەر، قوغدايلى، ئاسرايلى» دىيىشنى نەدىن بىلسۇن.
باشقا ئويلىرىمنى سۆزلەپ كۆرۈشنى ئانچە توغرا كۆرمىدىم، توغرا چۈشىنشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنى بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىسەكمۇ، دىمىسىەكمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۈستىدە ئانا تىل تىلغا ئېلىنىپتۇ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئازراق بىكار بولىمەن. شۇ چاغدا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قوياي، كۆپچىلىككە پايدىلىنىش قىممىتى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.
سىزگە يەنە بىر قېتىم كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
مەزمۇننىنىڭ موللىقى ، ئۇسلۇبىنىڭ چىرايلىقلىقى ، ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ بلوگىڭىز ھەقىقى خاسلىققا ئېگە بلوگ بولغانلىقى ، مەن بلوگىڭىزنى ئىككىلا بوغۇملۇق سۆزگە يىغىنچاقلىسام ئىسىل !!!!
ئاللاھ خالىسا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىغا ئازغىنە بولسىمۇ ئوزۇق بېرىشكە نسىپ قىلسا ئۆزۈمنى چەكسىز بەخىتلىك ھېس قىلىمەن.
خاسلىقنى نامايەن قىلىشتا كارۋان بلوگى كۆپچىلىككە ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. سىزيۇقىرىدا تىلغا ئالغان باشقا ياخشى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى سىز بلوگىڭىزدىن تاپقىلى بولىدىكەن.
مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى، بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى!
بلوگىڭىزغا ئىشلەتكەن يېڭى ئۇسلۇب ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن، كۆز تەگمىسۇن!
ئاللاھ خالىسا ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن، بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى!
ئاللاھ خالىسا داۋاملىق بۇ ھەقتە بىرلىكتە ئىزدىنەيلى.
سىزنىڭ ئىلگىرى مەلۇم بىر بلوگتىكى ماقالىگە ياشلارنىڭ ئانا تىل مەسلىسىگە ئېتبار بېرىشىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىنكاس يازغىنىڭىزنى كۆرگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن سەكسەنمىڭ ئۇيغۇر ياش توپلانغان 9 ساراي بلوگىغا ۋە يېڭىدىن قۇرۇلۇپ راۋاجلىنىۋاتقان سەلكىن بلوگىغا ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ تارماق بلوگىنى قۇرۇپ قويغان ئىدىم.
مەنمۇ تېخى ئەمدى 22 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ياش بولغانلىقىم ئۈچۈن سەۋىيەم ناھايىتى چەكلىك، تەجىرىبەم يېتەرسىز، شۇڭا سىزدەك ئۇستازلىرىمىزنىڭ داۋاملىق تۈردە يول كۆرسىتىپ تۇرۇشى، مەسلەھەت بېرىشىگە موھتاجمەن. قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
ئانا تىلىمىز ھەققدىكى تەشۋىقاتلار كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۈچ چىقىرىشى ئاستىدا راۋاجلانغۇسى!