-
باي دادا بىرىنجى باپ 2.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35379682.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
بىرىنجى باپ ئىككىنجى قىسىم
خەجلىگىلى پۇل يېتىشمىدى
دادام بىر ئۆمۈر پۇل ئۈچۈن باش قاتتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ قانچە كۆپ پۇل تېپىشىدىن قەتئىينەزەر، تاپقان پۇلى زادىلا يېتىشمىدى. ئۇنىڭ بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشقا قابىلىيتى يەتمىگەن، بۇ ئۇنىڭغا ئازاپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى، تاكى ئۇ بۇ ئالەمدىن خوشلاشقىچە بۇ ھالەتتىن قۇتۇلالمىدى. ئېچىنشلىق يېرى، ئۇ ئۆزىنى مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى بىر دادا بولۇشتا بولسۇن لاياقەتسىز دەپ قارايتتى.
دادام ئىلىم– پەن ساھەسىگە تەۋە ئىدى، ئۇ ئامالنىڭ بېرىچە بايلىق مەسلىسىنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرۇپ زېھنى– قۇۋۋىتىنى پۇلدىنمۇ يۇقىرى تەبىقىدە تۇرىدىغان مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ ئامالنىڭ بېرىچە پۇلنىڭ ھېچقانچە نەرسىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىغا ئۆزىنى قايىل قىلماقچى بولدى، بىراق بەزى ۋاقىتلاردا پۇل دەل مەسلىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولۇپ قالاتتى. ئۇ بىر ئۇلۇغ ئادەم، ئۇلۇغ ئەر ۋە ئۇلۇغ دادا، شۇنداقلا كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپ خىزمەتچىسى؛ دەل شۇ پۇل دىگەن نەرسە تۇرمۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىن– ئۈستىن قىلىپ، ئۈن– تىنىسز ئۇنى چۈشەپ قوياتتى. ئازابلىنارلىقى، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا بېرىپ قالغاندا پۇل ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنىڭ مەغلۇبىيەت ياكى غالىبيەتكە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالدى. گەرچە ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھېچقاچان پۇلنىڭ مەسلىسىنى ياخشىراق ھەل قىلىپ باقمىدى.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
历史上的今天:
باي دادا بىرىنجى باپ 9.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 8.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 7.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 6.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 5.قىسىم 2009-02-18
收藏到:Del.icio.us

«باي دادا سىزنى باي قىلسۇن» نى ئاناتىلىمدىن ئوقۇڭ
Blog:ئاناتىلىم تورتۇراسى2009-06-13 12:24:30
评论