-
باي دادا بىرىنجى باپ 9.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35383259.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
بىرىنجى باپ توققۇزىنجى قىسىم
پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ كاپالىتىگە تايىنىپ كەتمەسلىك كېرەك
كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى ئىقتىساد ئەھۋالىدىن ئەنسىرىشى جەمئىيەت سۇغۇرتىسى ۋە تىببىي سۇغۇرتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئۆزىنىڭ مالىيە مەسىللىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن.بۇ ئىككى تۈزۈلمە ئاللىبۇرۇنلا ۋەيران بولدى. تىببى سۇغۇرتا زىيان تارتىپ تۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت سۇغۇرتىسىمۇ ئۇزاققا قالمايلا قەرزگە بوغۇلۇش ھالىتىدە قالىدۇ. 2008.يىلى، 78 مىليون بوۋاق تاشقىنىدىكى بىرىنجى ئەۋلاد كشىلەر پىنسىيەگە چىقىشقا باشلىدى، ئۇلار ئارىسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشنى قامدىغۇدەك پىنسىيە پۇلى ئېغىر كەمچىل بولماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، جەمئىيەت سۇغۇرتىسىنىڭ قەرزى 1000 مىليارد ئەتراپىدا بولۇپ، تىببىي سۇغۇرتىنىڭ قەرزى 6400 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئىشەنچلىك بولسا، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پىسىيەگە چىققان خىزمەتچىلەر ئۈچۈن 7400 مىليارد دوللار بېرىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ پۇل پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق پايچېك بازىرىدىكى پۇللارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. بۇ پەقەت مالىيە پاراسىتى ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان چوڭ مەسىلە. بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن مەبلەغ قانچە كۆپ بولسا، بۇ مەسىلە شۇنچە يامانلىشىپ ماڭىدۇ ھەتتاكى پۈتكۈل «ساختا پۇل» سېستىمىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى نۆلگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
历史上的今天:
باي دادا بىرىنجى باپ 8.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 7.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 6.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 5.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 4.قىسىم 2009-02-18
收藏到:Del.icio.us
