-
باي دادا بىرىنجى باپ 10.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-19
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35406407.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
بىرىنجى باپ ئونىنجى قىسىم
بايلارنىمىشقا تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدۇ
پۇلنىڭ قانۇنىيتى ئۆزگەردى، دەل بۇ خىل ئۆزگىرىش سىزنى تېخىمۇ نامرات قىلىۋېتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ سىزنىڭ كونتىرول قىلىدىغان دائىرىڭىزدە بولمىغاچ ناھايىتى ئادالەتسىزدەك بىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك. باي بولۇشنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى، پۇل سېستىمىسنىڭ ئادىل ياكى ئەمەسلىكى بىلەن تونۇشۇش، پۇل سېستىمىسنىڭ قانۇنىيتىنى ئۆگېنىش ۋە بۇلارنى قوللىنىش. بۇ مالىيە پاراسىتى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداقلا مالىيە ئەقىل پاراسىتىگە پەقەت مالىيە مەسىللىرىنى ھەل قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
باي دادام شۇنداق دەيدۇكى: «باي ئادەمنىڭ تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىشى، ئۇلارنىڭ مالىيە مەسىللىرىنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىدا. بايلار مالىيە مەسىللىرىنى ئۆگېنىش، يېتىلىشى، تېخىمۇ ئەقىل بولۇش ۋە باي بولۇشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارايدۇ. بايلار ئىقتىسادىي قابىيلەتنىڭ قانچە يۇقىرى بولسا تېخىمۇ چوڭ مەسىللەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بايلار مالىيە مەسىللىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ، چەتكە ئالمايدۇ، بەلكى بۇ مەسىللەرنى قارشى ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ مەسىللەرنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ دەل ئۇلارنىڭ نىمىشقا بارغانسېرى باي بولۇپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. »ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
历史上的今天:
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى 2009-02-19باي دادا ئىككىنجى باپ 1.قىسىم 2009-02-19باي دادا ئىككىنجى باپ 2009-02-19بىرىنجى باپتىن قىسىقىچە خۇلاسە 2009-02-19باي دادا بىرىنجى باپ 15.قىسىم 2009-02-19
收藏到:Del.icio.us
